UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىتۆت داڭلىق ساقاللىق رولچى

تۆت داڭلىق ساقاللىق رولچى

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى 20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغىنى جىڭجۈي تىياتىرىدىكى لاۋشېڭ (ساقاللىق رول) نىڭ ناخشىلىرى ئىدى، ئەڭ داڭق چىقارغان ساقاللىق رولچىلار: ما ليەنلياڭ، تەن فۇيىڭ، ياڭ باۋسىڭ، شى شياۋبەيلەر بولۇپ، ئۇلارغا كىشىلەر تەرىپىدىن جىڭجۈي تىياتىرىدىكى «تۆت داڭلىق ساقاللىق رولچى» دەپ نام بېرىلگەن. ما ليەنلياڭ (1901 ~1966 )، كىچىك چېغىدا ئاۋۋال چامباشچى يىگىت رولىنى، كېيىن ساقاللىق بوۋاي رولىنى ئۆگەنگەن. ئورۇنداش سەنئىتى جەھەتتە، يۈي شۇيەن قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ئۆزىنى كەڭ دائىرىلىك تولۇقلاپ، ئاخىرىدا شان - شەرەپ قازانغان. ياش ۋاقتىدا، زوگۇڭ (功做 ھەرىكەت قىلىش ماھارىتى) ۋە جىڭجۈي تىياتىرىچە تەلەپپۇزى بىلەن داڭق چىقارغان، ئوتتۇرا ياشلىق بولغاندا، ناخشا ئېيتىش ماھارىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېيتىش، سۆزلەش، ھەرىكەت قىلىش جەھەتتە تەڭ تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ ناخشىسى نەپىس، تەلەپپۇزى ئېنىق، ئاۋازى جاراڭلىق، ھەرىكىتى ئازادە بولۇپ، ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇب، «ما ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. بۇ يۈي شۇيەندىن قالسا جىڭجۈي تىياتىرىدىكى ساقاللىقلار ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان ئېقىملارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتىكى نۇرغۇنلىغان تىياتىر نومۇرلىرىنى سەھنىلەشتۈرۈپ ئوينىغان. مەسىلەن، «ئون ئەن ليۇ بوۋاي، ئەجدىھا شەكىللىك مارجان، باھار ۋە كۈزدىكى قەلەم، ۋەزىر بىلەن ئۆلىمانىڭ ئەپلىشىشى، قىزىل تام جېڭى، جاۋ ئائىلىسىنىڭ يېتىم ئوغلى» قاتارلىقلار. ئۇ «شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىش» تىكى جۇ گېلياڭنىڭ ناخشىسىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن ئېيتىپ بىر مەھەل تىياتىر سەھنىسىدە راسا ھۆكۈم سۈرگەن. تەن فۇيىڭ (1906 ~1977 )، جىڭجۈي تىياتىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تارتىپ بوۋىسى، دادىسىدىن ئىبارەت سەنئەتكارلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. بالىلىق دەۋرىدە داڭلىق جىڭجۈي تىياتىر سەنئەتكارى شياۋ چاڭخۇادىن تەلىم ئېلىپ، ساقاللىقلارنىڭ رولىنى ئالغان. كۇرسنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يەنە يۈي شۇيەندىن تەلىم ئالغان. ناخشا ئېيتىش ۋە چامباشچىلىق ماھارىتى جەھەتتە مۇستەھكەم ئاساس سالغان. بولۇپمۇ ئۇ (戏把靠 ساۋۇت - دۇبۇلغىلىق ئويۇن) غا ئەڭ ماھىر ئىدى. ناخشا ئېيتىش جەھەتتە «تەن (شىنپېي) ئېقىمى» بىلەن «يۈي (شۇ يەن) ئېقىمى» نىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ئەركىن - ئازادە، ساددا - مەردانە بولغان «يېڭى تەن ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىرلىرىدىن «دىڭ جۈنشەن، قۇرۇق شەھەر ھىيلىسى، تەيپىڭ ئۇرۇشى، دۇمباق چېلىپ ساۋنى تىللاش، ۋەزىر بىلەن ئۆلىمانىڭ ئەپلىشىشى» قاتارلىقلار بار. ئۇ «قەھرىمانلار ئۇچرىشىشى» دا لۇسۇنىڭ رولىنى ئويناپ تاماشىبىنلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىۋالغان. ياڭ باۋسىڭ (1909 ~1958 ) جىڭجۈي تىياتىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بوۋىسى، قېيناتىسى جىڭجۈي تىياتىرىدا خۇادەن (ئايال) رولىنى ئېلىپ داڭق چىقارغان ئاكتيورلار، دادىسى ۋۇ چامباشچى ئەرلەرنىڭ رولىنى ئالغۇچى ئاكتيور، كىچىك چېغىدا تەنزىگۇڭ (موللاق ئېتىش گۇمپىسى)، شۇنىڭدەك ۋۇ شېڭ چامباشچى ئەرلەرنىڭ رولىنى ئۆگەنگەن.10 يېشىدا سەھنىگە چىققان،16 يېشىدا ئاۋازىنى ئايالچىگە ئۆزگەرتىپ، يۈي شۇيەننىڭ ئورۇنداش سەنئىتىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ ئاۋازى توم، كەڭ بولسىمۇ، بىراق ياڭراقلىقى يېتەرسىز ئىدى. ئۇ بۇ تەرىپىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا ئاۋازى يېقىملىق، تەلەپپۇزى ساددا، ھەرىكىتى سالماق بولغان، «ياڭ ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىرلىرىدىن «شې كۇڭجەن، چامباشچى كۈيئوغۇل، دۇمباق چېلىپ ساۋنى تىللاش، خوڭياڭ ئۆڭكۈرى، فىنخې قولتۇقى» قاتارلىقلار بار. شى شياۋبەي (1910 ~1977 ) كىچىكىدىنلا جىڭجۈي تىياتىرىغا ئامراق بولۇپ، ياشلىق چاغلىرىدا، بېيجىڭدىكى تىياتىرخانىلارغا داۋاملىق بېرىپ - كېلىپ يۈرۈپ، تەن پەي ئېقىمىدىكى ساقاللىقلار رولىنى ئۆگەنگەن. ساقاللىقلار رولىنى ئويناشتا نام چىقارغان يەن جۈنپىڭنىڭ تەلىمىگە ئېرىشىپ، «دۇمباق چېلىپ ساۋنى تىللاش» قاتارلىق تىياتىرلارنى ئۆگەنگەن.21 يېشىدا رەسمىي سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويغان. كېيىن شاڭخەيگە بېرىپ مېي لەنفاڭغا يانداش رولچى بولغان. بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ جاڭ جۈنچيۇ بىلەن بىللە ئويۇن قويغان. ئۇ گەرچە كەسپىي كۇرسلاردا ئوقۇمىغان بولسىمۇ، لېكىن جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش، ئەستايىدىل مەشىق قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئەتراپلىق يېتىلىپ، ئاخىر نام چىقارغان. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىرلىرىدىن «بەيدىچېڭ شەھىرى، باۋليەن چىرىغى، ئادىل ئەمەلدارلار تىزىملىكى، سۇ ۋۇنىڭ قوي بېقىشى، فا مېنسى» قاتارلىقلار بار، ئەڭ داڭق چىقارغىنى «ۋۇلۇڭ قورۇسى» دۇر.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى
تۆت داڭلىق ساقاللىق رولچى | UyghurWiki | UyghurWiki