UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىشىچۈي تىياتىرىدىكى ئالاھىدە ئورۇنداش

شىچۈي تىياتىرىدىكى ئالاھىدە ئورۇنداش

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى كىنو ئېكرانىدىكى خەتەرلىك ئورۇنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر ۋە سۈرەتكە ئېلىش ماھارىتىگە تايىنىدۇ؛ شىچۈي تىياتىر سەھنىسىدىكى ئالاھىدە تېخنىكىلىق ئورۇنداشلار پۈتۈنلەي ئاكتيورنىڭ راست ماھارىتىگە تايىنىدۇ. ئۇلار موللاق ئېتىش، دومىلاش، ئۆرلەش، ئېتىلىش، يىقىلىش قاتارلىق ھەر خىل ماھارەتلەرنى پىششىق ئورۇنداپ، تاغ - داۋانلاردىن ئاشقان، تامدىن ئاتلىغان، ئاسماندا پەرۋاز قىلغان، سۇدا ئۈزگەن ۋە جان تىكىپ ئۇرۇش قىلغاندىكى ئوڭتەي - توڭتەي بولغان ۋەقەلىكلەرنى ئىپادىلەيدۇ. شىچۈي تىياتىرىدىكى دائىم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە تېخنىكىلىق ئورۇنداش تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل بولىدۇ: بىرى، كىيىم - كېچەك، زىبۇ زىننەت بىلەن ئورۇندايدىغان ئالاھىدە تېخنىكا. مەسىلەن، قالپاق قانىتىنى ئوينىتىش، پەي ئوينىتىش (چاڭچىلىكەشلەرنىڭ قالپىقىغا ئورنىتىلغان قىرغاۋۇلنىڭ پېيى − ت)، چاچ ئوينىتىش، ساقال ئوينىتىش قاتارلىقلار. ئۈچ بەگلىك ھەققىدىكى ئويۇنلاردىن «كىچىك زىياپەت» تە، لۈي بۇ بىلەن دياۋچەن كۆرۈشكەندىن كېيىن لۈي بۇنىڭ دۇبۇلغىسىغا قادالغان5 -6 چى ئۇزۇنلۇقتىكى ئىككى تال قىرغاۋۇل پېيىنى داۋالغۇتۇش، ئايلاندۇرۇش، پۇلاڭشىتىش، ئوچۇملاش ۋە تاق تىترىتىش، جۈپ تىترىتىش قاتارلىق خىلمۇخىل ئالاھىدە تېخنىكلار ئارقىلىق ئۇنىڭ دياۋچەندىن تەمە قىلىپ، كۆڭلى بىئارام بولۇۋاتقان ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە بىرى، سەھنە جابدۇقلىرى بىلەن ئورۇندايدىغان ئالاھىدە تېخنىكا. مەسىلەن، ئورۇندۇق گۇمپىسى، تەسۋى ئوينىتىش، تۇغ ئوينىتىش، يەلپۈگۈچ ئوينىتىش، قولياغلىق ئوينىتىش، تەخسە ئوينىتىش، تارىشا ئوينىتىش (قەدىمدە ۋەزىرلەر پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكەندە قولىدا تۇتۇپ تۇرىدىغان تارىشا − ت)، قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇش ۋە غىلاپقا سېلىش ۋەھاكازالار. كۇنچۈي تىياتىرى «تاغدىن چۈشۈش» تە، راھىبچاق بۇتخانىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن بىر يۈرۈش تەسۋى ئوينىتىش ماھارىتىنى ئورۇندايدۇ. ئاكتيور بوينىدىكى تەسۋىنى داۋالغۇتۇپ، تېز سۈرئەتتە ئايلاندۇرۇپ، تۇيۇقسىز ئاسمانغا ئۆرلىتىپ، يەنە بوينىغا چۈشۈرۈۋېلىش ئارقىلىق قۇشنىڭ قەپەستىن قۇتۇلغان چاغدىكى خۇشال كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. راھىبچاق ئاغزىدا بىر جۈپ ئۆتۈكنى چىشلەپ، راھىبە قىزنى يۈدۈپ يالاڭ ئاياغ دەريادىن ئۆتۈۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت قوغلاپ كېلىۋاتقانلارنى كۆرگەندە، ئاغزىدىكى بىر جۈپ ئۆتۈكنى ئايرىم - ئايرىم داۋالغۇتۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق قورقۇپ ئالاقزادە بولغان ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۈچىنچى بىرى، مۇبالىغە قىلىنغان چىراي ئىپادە ھەرىكىتى. مەسىلەن، چىراي ئۆزگەرتىش، كۆز ئېچىش، سايە كۆتۈرۈش قاتارلىقلار. چىراي ئۆزگەرتىش − يۈزىنىڭ رەڭگىنى ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى بولۇپ، پېرسوناژ كۆڭلىدىكى تەشۋىش، ئالاقزادىلىكنى ياكى غەزىپىنى باسالماي قالغان چاغدىكى ئاچچىقىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆز ئېچىش، چۈەنجۈي تىياتىرى «ئالتۇنتاغدىكى ئىبادەتخانا» نىڭ «سۇدا ئېلىشىش» كۆرۈنۈشىدە مۇشۇ خىل ئالاھىدە تېخنىكىلىق ئورۇنداش بار، ۋېي دو ئۆزىنىڭ يۈزىگە بىرنى تەپكەندە، شۇ ھامان قوشۇمىسىدا بىر ئالتۇن كۆز پەيدا بولۇپ، «ئاق يىلان قىسسىسى» رىۋايىتىنىڭ (传蛇白) نىڭ فانتازىيىلىك تۈسىنى گەۋدىلەندۈرگەن. يەنە، ئاغزىدىن ئوت چىقىرىش، ئوت يىيىشتەك (火吃) ئالاھىدە تېخنىكىلار بار. مەسىلەن، كۇنجۇي تىياتىرى «سىڭلىسىنى ياتلىق قىلىش» تىكى جۇڭ كۇي، يۆجۈي تىياتىرى «شىخۇ كۆل سەيلىسى» دىكى لى خۇينياڭ، جىڭجۈي تىياتىرى «كۆكتاش تاغ» دىكى جۇ ساڭ قاتارلىقلار ئورۇندىغان ئاغزىدىن ئوت چىقىرىش تېخنىكىسى ئەسەرنىڭ رىۋايەت تۈسىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە لى خۇينياڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئەرۋاھقا ئايلانغاندىن كېيىنكى ئاغزىدىن ئوت چىقىرىشى، ئۇنىڭ جيا سىداۋ بەتنىيەت كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش روھىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى
شىچۈي تىياتىرىدىكى ئالاھىدە ئورۇنداش | UyghurWiki | UyghurWiki