چياڭدىياۋ ۋە چاڭچياڭ
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
چياڭدياۋ (调腔 مۇزىكا − ت) بىلەن چاڭچياڭ (腔唱 ناخشا − ت) ھەر ئىككىسى شىچۈي تىياتىر مۇزىكىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى، لېكىن بۇلار روشەن پەرقلىنىدۇ.
چياڭدياۋ − جىڭجۈي تىياتىرىدىكى شى پى، ئېر خۇاڭ؛ خۇيجۈي تىياتىرىدىكى چۈيچياڭ، گاۋ بوزى، چۈەنجۈي تىياتىرىدىكى كۇنچياڭ، گاۋ چياڭ؛ يۆجۈي تىياتىرىدىكى سىگۇڭدياۋ، شۈەن شيا دياۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. مەسىلەن، شى پى كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن، تېتىك، تېز؛ ئېرخۇاڭ ئېغىر، سالماق؛ كۇنچياڭ نەپىس، سىلىق؛ گاۋ چياڭ ئېگىز، چىرقىراق ئورۇندىلىدۇ. سەھنىدىكى پېرسوناژلارنىڭ ئىدىيە - ھېسسىياتى ۋە روھىي ھالىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇنى ئوخشاش بولمىغان رىتىملىق ئاھاڭلار بىلەن ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇ ۋەجىدىن ئوخشاش بولمىغان رىتىم شەكلى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئاھاڭلار مەيدانغا كەلگەن. جىڭجۈي تىياتىرىدا داۋبەن، يۈەنبەن، كۇەيبەن، مەنبەن، سەنبەن، ياۋبەن قاتارلىق رىتىم شەكىللىرى بار بولۇپ، ئېيتقاندا رىتىمى ئوخشاشمايدۇ. داۋبەننىڭ رىتىمى ئىختىيارىي بولۇپ ھېسسىياتىنى تولۇق ئىپادىلەشكە باب كېلىدۇ؛ يۈەنبەن شەيئىلەرنى بايان قىلىش ۋە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ كۇەيبەن ۋەقەلىك جىددىيلەشكەن، پېرسوناژ ھاياجانلانغان جايلارغا ئىشلىتىلىدۇ؛ مەنبەن مۇرەككەپ ئىچكى ھېسسىياتلارنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ سەنبەن ئىختىيارىي قىسقارتىشقا - ئۇزارتىشقا بولىدىغان ئەركىن رىتىم بولۇپ، ناخشا تېكىستىنى ئېيتىۋاتقاندىكى كەيپىياتقا قاراپ ئىختىيارىي جارىي قىلدۇرۇلىدۇ؛ ياۋبەن تېز رىتىمدا ئاستا ئېيتىلىپ، ھاياجان، چەكسىز خۇشاللىق ياكى غەزەپ - نەپرەتلىك كەيپىياتلارنى ئىپادىلەيدۇ. شىچۈي تىياتىر ئاھاڭلىرى (牌曲) ىنىڭ خىلى ۋە سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەربىر ئاھاڭنىڭ خەت سانى ۋە رىتىمى بېكىتىلگەن بولىدۇ.
چاڭچياڭ (腔唱 ناخشا) − تىياتىردا ئاكتيورلار ئېيتىدىغان قىسمىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ چالغۇ تەڭكەش قىلىش قىسمى بىلەن نىسبىيلەشتۈرۈلگەن. مەملىكىتىمىزدىكى شىچۈي تىياتىرىنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ، ھەر بىر تىياتىر خىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ناخشا ئېيتىش ئۇسۇلى بولغانلىقتىن، ئوخشاش بولمىغان تىياتىر خىلىدا ئوخشاش بولمىغان چاڭچياڭلار شەكىللەنگەن. بىر شىچۈي تىياتىر خىلىدا، رول ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئوخشاش بولمىغان چاڭچياڭلار مەيدانغا كەلگەن، شۇڭا، خۇادەن بىلەن شياۋشېڭنىڭ چاڭچياڭى قەتئىي ئوخشاشمايدۇ. ئەمدى بىر رولنىڭ چاڭچياڭى ئاكتيورنىڭ ئېيتىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن چاڭچياڭدىمۇ ھەر خىل ئېقىملار شەكىللەنگەن. جىڭجۈي تىياتىرىدىكى چاڭچياڭ ئېقىملىرى ناھايىتى كۆپ، «تۆت چوڭ داڭلىق ئايال» نىڭ چاڭچياڭلىرى ئىچىدە ھەر بىرىنىڭ چاڭچياڭى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە: مېي لەنفاڭنىڭ ناخشا ئېيتىشى نەپىس، ئېسىل، سىلىق بولۇپ، «مېي لەنفاڭ ئېقىمى» دەپ ئاتالغان؛ چېڭ جيەنچيۇنىڭ ناخشىسى ئېغىر - بېسىق، يوشۇرۇن مەنىلىك، قاتتىقلىق ئىچىدە سىلىقلىق بار بولۇپ، «چېڭ جيەنچيۇ ئېقىمى» دەپ ئاتالغان؛ شۈن خۇيشېڭنىڭ ناخشا ئېيتىشى سىپايە، راۋان بولۇپ، «شۈن خۇيشېڭ ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن؛ ئەمدى شاڭ شياۋيۈننىڭ ناخشىسى مەردانە، ئازادە بولۇپ، «شاڭ شياۋيۈن ئېقىمى» دەپ ئاتالغان. يۆجۈي تىياتىرىدىكى ئون ئاچا - سىڭىللار ئىچىدە، ھەر بىرىنىڭ ناخشىلىرىمۇ خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، كۆپ خىل ئېقىملارنى شەكىللەندۈرگەن. ئوخشاش بىر خۇادەن رولىدىكىلەر ئارىسىدا يەنە يۈەن شۆفېن ئېقىمى، بو چۈەنشياڭ ئېقىمى، چى ياشيەن ئېقىمى بار. ئوخشاش بىر شياۋشېڭ رولىدىكىلەر ئارىسىدا، شۈي يۈيلەن ئېقىمى، يى گۇيفاڭ ئېقىمى بار.