UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىجىڭجۈي تىياتىرى

جىڭجۈي تىياتىرى

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى جىڭجۈي تىياتىرى (بېيجىڭ تىياتىرى) پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان، تەسىرى ئەڭ زور تىياتىر. ئۇ يۈكسەك ئورۇنداش سەنئىتى ۋە كۆپلىگەن مەشھۇر سەنئەتكارلىرى، نادىر تىياتىر نومۇرلىرى بىلەن جۇڭگو شىچۈي تىياتىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇلدى. جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ مەنبەسى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇيجۈي (剧徽) تىياتىرى بولۇپ، پىخۇاڭشى (戏黄皮) تىياتىرى دەپ ئاتىلاتتى. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ55 - يىلى (1790 - يىلى) دىن باشلاپ، ئەسلىدە جەنۇبتا ئويۇن قويۇپ يۈرگەن سەنچىڭ (庆三)، سىشى (喜四)، چۈنتەي (台春)، خېچۈن (春和) دىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئەنخۇي تىياتىرى ئۆمىكى ئالدى - كەينى بولۇپ بېيجىڭغا كېلىپ ئويۇن قويۇش بىلەن بىللە خەندىياۋ (调汉) تىياتىرى، چىنچياڭ (腔秦) تىياتىرى، كۇنچۈي (曲昆) تىياتىرلىرىنىڭ بىر قىسىم نومۇرلىرىنى، ئاھاڭ ۋە ئورۇنداش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، يۇغۇرۇپ، تېخىمۇ يېقىملىق بىر خىل يېڭى تىياتىر ئاھاڭىغا ئۆزگەرتىپ چىقتى، بۇ جىڭدياۋ (بېيجىڭ ئاھاڭى) (调京) دەپ ئاتالدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شاڭخەيدىكى تىياتىرخانىلارنىڭ ھەممىسىنى جىڭدياۋ ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەسمىي «جىڭشى» (戏京) (بېيجىڭ تىياتىرى) دەپ ئاتالدى. جىڭجۈي تىياتىرى نۇرغۇن سەنئەتكارلارنىڭ ئۇزاق يىللىق سەھنە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئورۇنداش، ئاۋاز سەنئىتى(腔唱)، جاڭ - دۇمباق، گىرىم قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش قېلىپلاشتۇرۇلغان قائىدىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ مۇزىكىسى رىتىملىق ئاھاڭ سىستېمىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئاھاڭلىرى ئەنخۇي تىياتىرىنىڭ ئېرخۇاڭ (黄二) ۋە خۇبېي تىياتىرىنىڭ شىپى (皮西) ئاھاڭلىرىنى ئاساس قىلغاچقا، «پىخۇاڭ» (黄皮) دەپ ئاتالغان. ئورۇنداش جەھەتتە، ناخشا بىلەن ئۇسسۇل تەڭ ماڭىدۇ. چامباشلىق ماھارەتلىرى سىڭدۈرۈلىدۇ. تەقلىدىي ھەرىكەتلەر كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ، رىتىمچانلىقى كۈچلۈك، تېخنىكىسى يۇقىرى، ئاۋازى يېقىملىق، سەھنە تىلى ئاھاڭدار بولىدۇ، ئۇ جۇڭگو شىچۈي تىياتىرىنىڭ «ئېيتىش، سۆزلەش، ھەرىكەت، ئېلىشىش» لىرى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئورۇنداش سەنئەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. جىڭجۈي تىياتىرىدىكى روللار، ئەر - ئايال، قېرى - ياش، ئۇز - سەت، ئادىل - رەزىل تەرەپلىرىگە قاراپ، ئەرلەر (生)، ئاياللار(旦)، چىپار يۈزلۈكلەر(净) ، ئاق قاڭشارلىقلار (丑) دىن ئىبارەت تۆت چوڭ خىلغا ئايرىلىدۇ، ھەر بىرىنىڭ يەنە ئىنچىكە خىزمەت تەقسىماتى بولىدۇ. جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ كىيىملىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، رەڭلىرى كۆركەم، ئەجدىھا، سۇمۇرغلار كەشتىلەنگەن، سۈپىتى ئەلا، ئەرلەر، ئاياللار (旦,生) نىڭ گىرىمىنى قېلىن، قويۇق قىلىدۇ، چىپار يۈزلۈكلەر، ئاق قاڭشارلىقلار، (丑,净) نىڭ يۈزىگە مەخسۇس بېكىتىلگەن نەقىشسىمان ھەر خىل گىرىملەرنى قىلىپ، سەمىمىيلىك، ھىيلىگەرلىك، ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ. جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ نومۇرلىرى ئىلگىرى تارىخىي ۋەقەلەرنى ئويناشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى تىياتىر نومۇرلىرى1300 دىن ئاشىدۇ، ئۇلار ئىچىدە ھەمىشە ئۈچ پادىشاھ، ليېگو (国列)، سۇ بويىدا، ياڭ ئائىلىسىنىڭ قەھرىمانلىرى ھەققىدىكى «ۋەزىر بىلەن ئۆلىمانىڭ ئەپلىشىشى»،(和相将)، «ئالەم چوققىسى» (锋宙宇)، «قەھرىمانلار ئۇچرىشىشى» (会英群)، «قۇرۇق شەھەر ھىيلىسى» (计成空)، «ئاچال» (口岔三)، «ياۋا چوشقا ئورمانلىقى» (林猪野)، «كېنىزەكنىڭ مەست بولۇشى» (酒酸女贯) قاتارلىقلار ئوينىلىدۇ. ھېلىھەم يەنە يېڭىدىن نۇرغۇنلىغان تارىخىي تىياتىر ۋە ھازىرقى زامان تىياتىرلىرى ئىجاد قىلىنىپ سەھنىلەردە ئوينالماقتا.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى، جىڭجۈي تىياتىرى پۈتۈن مەملىكەتتە ئەۋج ئالدى. تىياتىرچىلارنىڭ رايون ۋە بەدىئىي ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، «بېيجىڭ ئېقىمىدىكىلەر» (派京)، «شاڭخەي ئېقىمىدىكىلەر» (派海) دېگەندەك ئېقىملار شەكىللەندى، داڭلىق رولچىلار مەيدانغا چىقىپ، چولپانلار چاقنىدى. بېيجىڭدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «تۆت چوڭ داڭلىق ئايال» (旦名大四(، «تۆت كىچىك داڭلىق ئايال» (旦名小四) ۋە «تۆت داڭلىق ساقال» (生须大四) قاتارلىقلار مەيدانغا چىقتى؛ شاڭخەيدە يىگىتلەر رولى بويىچە يۈي ئېقىمى(派俞生小)، بوۋايلار رولى بويىچە چى ئېقىمى(派其鹿生老)، باتۇرلار رولى بويىچە گەي ئېقىمى (派盖生武) قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى.1919 - يىلى مېي لەنفاڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭ تىياتىر ئۆمىكىنى باشلاپ ياپونىيىگە بېرىپ ئويۇن قويغاندىن كېيىن جىڭجۈي تىياتىر ئۆمىكى داۋاملىق چەت ئەلگە چىقىپ ئويۇن قويۇپ، جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت سەنئەت ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى
جىڭجۈي تىياتىرى | UyghurWiki | UyghurWiki