UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىدراما

دراما

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى سۆز بىلەن ھەرىكەتنى ئاساسلىق ئورۇنداش ۋاسىتىسى قىلغان تىياتىر − دراما دەپ ئاتىلىدۇ. ناۋادا شىچۈي تىياتىرىنىڭ تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى ئاساسىي ۋاسىتىسى «ئويدۇرما» دېيىلسە، ئۇنداقتا درامىنىڭ تۇرمۇشنى ئىپادىلەشتىكى ئاساسىي ۋاسىتىسى «رېئال تەسۋىر» بولىدۇ. دراما سۆز سەنئىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. ئۇ ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق پېرسوناژ ئوبرازىنى يارىتىدۇ، ۋەقەلىكنى ئېچىپ بېرىدۇ، تېمىنى ئىپادىلەيدۇ. سۆز − دىئالوگ، مونولوگ، يان مونولوگلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دراما ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئەللەردە تىياتىر دەپ ئاتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە درامىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە بەدىئىي ئۇسلۇبى بويىچە، دەسلەپكى مەزگىلدىكى دراما ۋە زامانىۋى دراما دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى دراما − يېڭى دراما ياكى مەدەنىي ئويۇن دەپ ئاتالغان. زامانىۋى دراما − ھەقىقىي يېڭى دراما، گۈزەللىكنى سۆيۈش درامىسى ۋە ئاۋام تىلى درامىسى دەپ ئاتالغان.1928 - يىلى خۇڭ شېن ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن نامىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ دراما دەپ ئاتالغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى دراما كونا دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان.1907 - يىلى ياپونىيىدىكى يېڭى تىياتىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن لى شۇتۇڭ، زىڭ شياۋگۇ، ئوۋياڭ يۈچيەن قاتارلىقلار باھاردىكى مەجنۇنتال ئۇيۇشمىسى (社柳春) نى تەشكىللەپ، «نېگىر قۇلنىڭ كۆككە مۇراجىئەت قىلىش خاتىرىسى» (录天吁奴黑) درامىسىنى ئويناپ چىققان، مانا بۇ مەمىلىكىتىمىزدە دەسلەپكى درامىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. دەسلەپكى درامىنىڭ ئەسىرى پەردە جەدۋىلى (表幕) شەكلىدىرەك بولۇپ، ئاكتيورلار پەقەت ئاددىيغىنا ۋەقەلىك مەزمۇنى ۋە پەردە جەدۋىلىگە ئاساسەن نەق مەيداندىكى ئىلھامى بويىچە ئورۇندايدۇ. ياۋروپا زامانىۋى درامىسى «4 - ماي ھەرىكىتى» دىن كېيىن جۇڭگوغا كىردى، ئامېرىكىدا مەخسۇس تىياتىر ئۆگىنىپ كەلگەن خۇڭ شېن ئەپەندىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسى بىلەن1924 - يىلى ئەنگلىيىلىك ئوسكار ۋېلدنىڭ ئەسىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن دراما «شاۋ موماينىڭ يەلپۈگۈچى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينالدى. ھازىرقى زامان درامىسى كەسپىي خاراكتېرلىك بولمىغان ئويۇن قويۇشنى، سەھنە ئەسىرى ۋە رەپىتىس تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، يېڭى تىياتىردىكى تاۋارلىشىش، چاكىنىلىشىش خاھىشىنى ئۆزگەرتتى. «گومورونىڭ تارىخىي درامىسى، جۇۋېنجۈن، تيەن خەننىڭ زامانىۋى درامىسى ،چولپاننىڭ ئۆلۈمى» قاتارلىقلارنىڭ سەھنىدە ئوينىلىشى رېئالىزملىق تىياتىر ئەدەبىياتىنىڭ دراما ھەرىكىتىدىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دراما سەنئىتىنىڭ بەدىئىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈردى.20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدا، زامانىۋى درامىدا زور تەرەققىياتلار بولۇپ، شيايەن، ساۋ يۈي قاتارلىقلارنىڭ نادىر درامىلىرى «شاڭخەيدىكى لەمپە ئاستىدا، گۈلدۈرماما، كۈن چىقتى» قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن سەھىنىگە چىقتى. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، زامانىۋى دراما جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. كۆپ پەردىلىك درامىلارنى ئىجاد قىلىپ ئويناش بىلەن بىرلىكتە، ئىخچام، چاققان كوچا درامىسى، دوقمۇش درامىسى ۋە بىر پەردىلىك درامىلار كەڭ شەھەر - يېزىلارنىڭ كوچا - دوقمۇشلىرىدا ئوينىلىپ، ياپونغا قارشى كۈرەش قىلىشنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى
دراما | UyghurWiki | UyghurWiki