ما شېزىڭ بىلەن خۇڭ شيەننۈي
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
ھازىرقى زامان يۆجۈي تىياتىرى (剧粤) سەھنىسىدە ئەڭ داڭق چىقارغانلار ما شېزىڭ بىلەن خۇڭ شيەننۈي ھېسابلىنىدۇ.
ما شېزىڭ (1900 ~1964 )، ئۆسمۈر چېغىدىلا كلاسسىك ئەدەبىيات تەربىيىسىنى ئالغان،17 يېشىدا تىياتىرخانىغا كىرىپ يۆجۈي (گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تىياتىرى) ئۆگەنگەن، كېيىن سىنگاپور، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، ئامېرىكا، ۋيېتنام، مالايسىيا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئويۇن قويغان ۋە كىنو ئىشلىگەن. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شياڭگاڭ ئىشغال قىلىنغاندا، ئۇ دۈشمەنلەرنىڭ تەھدىت سېلىشى ۋە ئازدۇرۇشىنى رەت قىلىپ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشىغا قايتىپ كېلىپ ئويۇن قويغان؛ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن شياڭگاڭغا قايتىپ كەلگەن.1955 - يىلى گۇاڭجۇغا كېلىپ يۆجۈي تىياتىر ئۆمىكىگە كىرىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىگەن. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى يۆجۈي تىياتىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا، كىنو، دراما قاتارلىق سەنئەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يۆجۈي تىياتىرىنىڭ ئورۇنداش سەنئىتىنى بېيىتىشقا سەرپ قىلغان. ئۇنىڭ رول ئېلىش يولى ناھايىتى كەڭ، ئۇ يۆجۈي تىياتىرىغا خاس قىزىقچى ئەر (生丑 ) رولىنى ئېلىشقىلا ماھىر بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ياش يىگىت (生小) ، بالا چامباشچى (武小)، چىپار گىرىملىك ئەر، ساقال تاقىغان ئەر قاتارلىق روللارنىمۇ ئوينىيالايتتى، ئورۇنداشتا ھەرىكىتى مول، رىتىمى ئېنىق، تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق ئىدى. ناخشىلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، سوزۇش - ئۈزۈشى ئېنىق، لەرزان، نازاكەتلىك ئىدى، ئۇ ناخشىلىرىغا يەرلىك تىلنى ئۇستىلىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئاجايىپ نەپىس چىقىرىپ ئېيتىپ، كىشىگە لەززەت بېرىدىغان «ماچياڭ كۈيچىسى» دەپ نام ئالغانىدى. ئۇ ياشانغاندا بوۋاي رولىنى ئېلىشقا ئۆزگىرىپ، ئورۇنداش ئۇسلۇبى جانلىق، سۇباتلىق بولغان. ئۇ خۇڭ شيەننۈي بىلەن باش رول ئالغان «كۇتۇپخانىنى ئاختۇرۇش»، «گۇەن خەنچىڭ» قاتارلىق تىياتىرلار جۇڭگو، چەت ئەللەردە شۆھرەت قازانغان.
خۇڭ شيەننۈي (1922~ ) ئەسلىي ئىسمى كۇاڭ جيەنليەن،13 يېشىدا كىچىك ئاپىسىدىن يۆجۈي تىياتىرى ئۆگەنگەن، شياۋ خۇڭيەن تەخەللۇسى بىلەن ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپ، چىڭيى (衣青 قىز) رولىنى ئالغان. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ما شېزىڭنىڭ تىياتىر ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ئۆلكىلىرىدە ئويۇن قويۇپ، بارا - بارا نام چىقارغان. ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، ۋيېتنام، سىنگاپور، مالايسىيا قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويغان.50 - يىللاردا، «ئائىلە، باھار، كۈز، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر» قاتارلىق كۆپلىگەن شىچۈي كىنو فىلىملىرىنى ئىشلەشكە قاتناشقان. خۇڭ شيەننۈينىڭ ئاۋاز دائىرىسى كەڭ، ئوچۇق، سىلىق، ياڭراق، ئۇ يۆجۈي تىياتىرىدىكى داڭلىق ئايال ئاكتيورلارنىڭ ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، جىڭجۈي تىياتىرى، كۇنچۈي تىياتىرى، ئوپېرا ۋە ياۋروپانىڭ ناخشا ئېيتىش تېخنىكىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە خاس «ئايال ئاۋازى» (腔女) نى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى ھازىرقى زامان يۆجۈي تىياتىر سەھنىسىدە مودا بولۇپ ئەڭ كەڭ تارقالغان ناخشا ئېيتىش ئېقىمىغا ئايلاندۇرغان. ئورۇنداش جەھەتتە، پېرسوناژ ئوبرازىنى ئىنچىكە، تەبىئىي ئىپادىلىگەن. ئۇ ئالغان قەدىمكى دەۋردىكى ئاياللارنىڭ ئوبرازى، ئالايلۇق «كىتابخانىنى ئاختۇرۇش» تىكى سۈي ليەن، «گۇەن خەنچىڭ» دىكى جۇ ليەنشيۇ قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ.1957 - يىلى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن6 - نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار فېستىۋالىدا «ۋاڭ جاۋجۈننىڭ قەلئەدىن چىقىشى» نىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ، كلاسسىك مۇزىكا مۇسابىقىسى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.