UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىياڭ يۇخې

ياڭ يۇخې

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى ياڭ يۇخې (1913~ ) تەخەللۇسى شياۋ تۇڭفېڭ. ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن8 يېشىدا كۇرسقا كىرىپ تىياتىر ئۆگەنگەن ھەمدە سەھنىگە چىقىپ، دەنجياۋ (قىز) رولىنى ئوينىغان.11 ياشقا كىرگەندە چۇەنجۈي تىياتىرىدىكى داڭلىق دەنجياۋ ئاكتيورى چېن سۈيپىڭنى ئۇستاز تۇتقان. ئۇ تىرىشىپ كەسىپ ئۆگىنىپ، جاپالىق تەتقىق قىلىپ، ماھارەت جەھەتتە مۇستەھكەم ئۇل سالغان.19 ياشقا كىرگەندە چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئېلىشىش ماھارىتى يۈكسەك، ئۇسسۇللىرى نەپىس بولغان »ئالتۇنتاغ بۇتخانىسى« نى ئويناپ، تاغ شەھىرىنى زىلزىلىگە سالغان. ئۇنىڭ رول ئېلىش يولى كەڭ، ماھارىتى ئەتراپلىق بولۇپ، گۇيمىن (ياش قىز)، چىڭيى (ياش ئايال)، گۇيخۇ، داۋما، خۇادەن (شوخ، شاش قىز)، لاۋدەن (موماي)، نۈيدەن (دېدەك) روللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوينىيالايتتى. ناخشىسى ساددا، كۈچلۈك، ئازادە، مەردانە، تەلەپپۇزى ئېنىق، پۇرىقى قويۇق بولۇپ، پېرسوناژ خاراكتېرىنى سۈرەتلەپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرەتتى. رول ئېلىشتا، كەيپىياتى يۇقىرى، ھېسسىياتى نازۇك، ئىچكى ھەرىكىتى مول ئىدى؛ ھەرىكەت گۇمپىسىنىڭ ئۆلچەملىك بولۇشىغا ئېتىبار بېرەتتى، ھەرىكىتى گۈزەل بولۇپ بەدىئىي جەلبدارلىققا باي ئىدى. چۇەنجۈي تىياتىرىدىكى ئەنئەنىۋى سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا، جىڭجۈي تىياتىرى، خەنجۈي تىياتىرى، چۇ جۈي، دراما، ئەلنەغمە ۋە كىنو قاتارلىق ھەر خىل سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئەتراپلىق قوبۇل قىلىپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، ئىجاد قىلىپ، ناخشا ئېيتىش، ئورۇنداش، گىرىم ۋە كىيىم قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە ئېقىم شەكىللەندۈرگەن. بولۇپمۇ چۇەنجۈي تىياتىرىدىكى دەنجياۋ (ئايال) رولىنى ئېلىش سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۆپ تۆھپە قوشقان. ياڭ يۇخې چۇەنجۈي تىياتىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تىياتىرلىرىنى قېزىش، رەتلەش خىزمىتىگە زور تۆھپە قوشقان. ئۇ100 دىن ئارتۇق ئەنئەنىۋى تىياتىرلارنى ئوينىيالايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاماشىبىنلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى «ئاق يىلان رىۋايىتى، خۇاتيەن خاتالىقى، باھار ۋە كۈزدىكى ھەمراھلار، بۇلغۇن، ئالتۇنتاغ بۇتخانىسى، مەلىكە باباۋ، لياڭ خۇڭيۈي» قاتارلىقلاردۇر. ئۇ1952 - يىلى،1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شىچۈي تىياتىر كۆرىكىدە جوۋ چىخې بىلەن بىللە «كۈزدىكى دەريا» نى ئويناپ،1 - دەرىجىلىك ئاكتيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھەم تىياتىر ئوينىيالايدۇ، ھەم كىتاب يازالايدۇ، «چۇەنجۈي تىياتىرىدىكى دەنجياۋ (ئايال) رولىنىڭ ئورۇنداش سەنئىتى» ناملىق ئەسرى ئۇنىڭ60 يىللىق سەنئەت ئەمەلىيىتىنىڭ يەكۈنىدۇر.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى
ياڭ يۇخې | UyghurWiki | UyghurWiki