گەي جياۋتيەن
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
«سۇ بويىدا» رومانىدا، «جىنياڭ داۋىنىدا ۋۇ سۇڭنىڭ يولۋاس بىلەن ئېلىشىشى» دېگەن بىر ھېكايە بار، سەھنىدە ئەنە شۇ ۋۇ سۇڭنىڭ ئوبرازىنى ئەڭ جانلىق ئويناپ چىققان بىر ئاكتيور گەي جياۋتيەندۇر.
گەي جياۋتيەن (1888 ~1970 ) نىڭ ئەسلىي ئىسمى جاڭ يىڭجيې، بالىلىق چېغىدا كېبەن (班科) كۇرسىغا كىرىپ ۋۇشېڭ (قاۋۇل - ياش چامباشچىنىڭ رولى) رولىغا چىقىشنى ئۆگەنگەن. سەككىز يېشىدا تىياتىر ئۆگەنگەن، ئون يېشىدا سەھنىگە چىققان،11 يېشىدا ئاشۇ ئويۇن قويۇش گۇرۇپپىسىغا ئەگىشىپ تيەنجىندىن جەنۇب تەرەپلەرگە كېلىپ، شاڭخەي، خاڭجۇ، سۇجۇ ئەتراپىدا ئويۇن قويغان. ئۆزىگە «گەي جياۋتيەن» دەپ تەخەللۇس قويۇپ، «شياۋ جياۋتيەن» (تەن شىنپېي) دىن ئېشىپ كېتىشكە بەل باغلىغان. ئۇ نەن ئېقىمىدىكى ۋۇ - شېڭ (ياش چامباشچى رول) نى بەرپا قىلغان لى چۈنلەينىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يەنە يۆجۈي تىياتىرى، كۇنچۈي تىياتىرى ۋە باشقا يەرلىك تىياتىرلاردىكى ۋۇشېڭ (ياش چامباشچى) رولىنىڭ ھەرقايسى ئېقىملىرىنىڭ ئورۇنداش سەنئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىپ، چامباشچىلىقنى ئۈلگە قىلىپ، تەبىئەتتىكى شەيئىلەرنىڭ ھالىتىنى كۆزىتىش ۋە دوراش ئارقىلىق چامباشچىلىق تېخنىكىسى ۋە پېرسوناژنىڭ گۈزەل ھەرىكەت شەكلىنى بېيىتىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «گەي ئېقىمى» نىڭ ئورۇنداش سەنئىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
گەي جياۋتيەن «ۋۇسۇڭ» تىياتىرىنى پۈتۈن ئويناشقا ماھىر بولۇپ، ۋۇسۇڭنىڭ باتۇر ئوبرازىنى خۇددى تىرىكتەك مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ، ۋۇسۇڭنىڭ جۈرئەتلىك، پەملىك، مەردانە، سالماق، ياخشىغا شەپقەت، يامانغا نەپرەت ياغدۇرىدىغان خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بەرگەن.1956 - يىلى مۇئاۋىن زۇڭلى چېن يى ئۆز قولى بىلەن: «يېتىلدۈردى بېيجىڭ ئاجايىپ بىر مەرد يىگىتنى، كېلىپ ئۇ جياڭنەنگە تىرىلدۈردى ۋۇسۇڭنى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ، گەي جياۋتيەننىڭ ئورۇنداش سەنئىتىگە ئىنتايىن يۈكسەك باھا بەرگەن.
گەي ئېقىمى سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى − ئېلىشىش ئويۇنلىرىنى سىپايە ئورۇنداشتىن ئىبارەت ئىدى. گەي جياۋتيەن ئېلىشىدىغان ئويۇنلارنى ئورۇندىغاندا، ھەرگىزمۇ بىر تەرەپلىمە ھالدا «قىزىق» لىقنىلا قوغلاشمىغان، بەلكى پېرسوناژنىڭ خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىش ۋە روھىي ھالىتىنى نامايان قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ ئېلىشىش ھەرىكىتى بىلەن پېرسوناژنىڭ ئىدىيە، خاراكتېرىنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، «سوغۇق ئارىسىدا ئىسسىقمۇ بولۇش، ئىسسىق ئارىسىدا سوغۇقنى كۆرۈش، جىمجىتلىق ئارىسىدا ھەرىكەت بولۇش، ھەرىكەت ئارىسىدا جىمجىتلىق بولۇش» نى تەكىتلىگەن. پېرسوناژ ئوبرازىنىڭ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن، ھەتتا سەلبىي پېرسوناژلارنىمۇ قىياپەت جەھەتتىن سەتلەشتۈرمىگەن. پېرسوناژ ئوبرازىنى ياراتقاندا: «تۇرۇشى قارىغايدەك، ئولتۇرۇشى چوڭ قوڭغۇراقتەك، يېتىشى ئوقيادەك، مېڭىشى شامالدەك بولۇش» مىزانىغا ئەمەل قىلىپ، ھەرىكىتى پىشمىغان ئېلىشىشنى سەھنىگە ئاچىقمىغان، ئۇنىڭ ھەرىكىتى پاكىز، چەبدەس بولۇپ، قولىنى بىر چىقىرىش، پۇتىنى بىر كۆتۈرۈشتەك ئاددىي ھەرىكەتلىرىمۇ ناھايىتى گۈزەل بولغان. نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىك سەنئەتكارلار ئۇنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈپ، گەي ئېقىمىنىڭ سەنئىتىنى «گۈزەل بەدىئىي شەكىلنىڭ بىرى ئىكەن»، «تىرىك ھەيكەلدەك گۈزەل ئىكەن» دەپ ماختىغان.