گاچا تىياتىر
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
ئۇنىڭدا ئاكتيور سەھنىدە باشتىن - ئاياغ گەپ قىلمايدۇ، پەقەت مۇبالىغىلەشكەن ھەرىكەتلەر ۋە يومۇرلۇق ھېسسىياتلارنى ئىپادىلەش ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى ۋە مەزمۇنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل سەھنە تىلى ئىشلەتمەي، ھەرىكەت ۋە ئىما بىلەن ۋەقەلىكنى ئىپادىلەيدىغان تىياتىر − گاچا تىياتىر، تىلسىز تىياتىر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ گەپ قىلمايدىغان بىر خىل سەنئەت.
گاچا تىياتىر قەدىمكى زاماندىكى ئۇرۇش، ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەردىن ئۆزگەرتىلگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى3 - ئەسىردە، رىم شەھىرىدە رەسمىي گاچا تىياتىر ئوينايدىغان ئاكتيورلار مەيدانغا چىقىپ، يۈزىگە نىقاب تاقاپ تىياتىر ئوينىغاندا، خور تەڭكەش قىلىنغان. گاچا تىياتىرنى ياۋروپانىڭ ئۆزگىچە قەدىمىي تىياتىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىن گاچا تىياتىر مۇستەقىل ئورۇندىلىشتىن سىرت، يەنە ئۇ بىر خىل ئورۇنداش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە، ئىلھاملىق كومېدىيە (剧喜兴郎)، نىقابلىق تىياتىر ۋە بالېت تىياتىرى قاتارلىقلارغا سىڭىپ كىردى.
يېقىندا، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى خېلى كۆپ دۆلەتلەردە گاچا تىياتىر ئۆمىكى قۇرۇلدى، يەنە گاچا تىياتىر مەكتىپى بەرپا قىلىنىپ، گاچا تىياتىر فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى. گاچا تىياتىر كوچا - دوقمۇش، ساياھەت مەيدانلىرىدىن ھالقىپ، رەسمىي بەدىئىي تىياتىرخانىلارغا كىردى. جۇڭگو گاچا تىياتىر سەنئىتىدە ۋاڭ دېشۈن قاتارلىق سەنئەتكارلار مەيدانغا چىقتى، ئۇ بالېت، زامانىۋى ئۇسسۇل، بەدەن گۈزەللىك ھەرىكىتى قاتارلىق ھەر خىل سەنئەت شەكىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىلەك مۇسكۇللىرىنىڭ سوزۇلۇشى ۋە بەدەننىڭ قىسقىرىشىدىن توغرا پايدىلىنىپ، گويا بارنى يوق دېسە، خۇددى يوقتەك «难儿是从 ,无实有若» بولىدىغان بىر خىل كۆرۈش سېزىم ئۈنۈمىنى يارىتىپ، گاچا تىياتىرىنىڭ ئورۇنداش دائىرىسىنى كېڭەيتتى.1987 - يىلى ۋاڭ دېشۈن گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن كېلون خەلقئارا گاچا تىياتىر فېستىۋالىغا قاتنىشىپ، «قېرىلىق» ناملىق گاچا تىياتىرىنى ئورۇنلاپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى، گېرمانىيىنىڭ گاچا تىياتىر سەنئەتكارلىرى ئۇنىڭ ئوبرازلىق گاچا تىياتىر سەنئىتىنى «دەۋردىن ئون يىل ئالدىغا كەتكەن سەنئەت» دەپ ئاتىدى.