UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىتېرە قونچاق ئويۇنى

تېرە قونچاق ئويۇنى

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى چىراغ نۇرىنى ھايۋان تېرىسى ياكى قەغەز تاختىغا چۈشۈرۈشتىن ھاسىل بولغان پېرسوناژنىڭ قەغەز قىيما كۆلەڭگىسى ئارقىلىق تىياتىر ھېكايىلىرىنى ئورۇنداش تېرە قونچاق ئويۇنى دېيىلىدۇ، ئۇ يەنە كۆلەڭگە ئويۇنى، چىراغ كۆلەڭگە ئويۇنى، يەرلىك كۆلەڭگە ئويۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پادىشاھ خەن ۋۇدىنىڭ ئارزۇلۇق توقال خوتۇنى لى خېنىم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ كېچە - كۈندۈز خوتۇنىنى ئەسلەپ، گېلىدىن سۇمۇ ئۆتمەس بولۇپ قالغان. بىر كۈنى ئۇ ئەۋلىياغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: «لى خېنىمنىڭ روھىنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، بولمىسا كاللاڭنى ئالىمەن» دېگەن. ئەۋلىيا جىددىي پەيتتە ئەقىل تېپىپ، مۇنداق بىر ئەپچىل چارىنى ئويلاپ چىقارغان: لى خېنىمنىڭ رەسىمىنى بىر پارچە قوي تېرىسىگە ئىزنا چۈشۈرۈپ، رەڭ بىلەن بوياپ، چىراغ نۇرىنى بەرگەندە، كۆلەڭگىسى بىر قەۋەت پەردىدە ئەكس ئېتىپ، خۇددى راست ئادەمگە ئوخشاپ قالغان، ئۇنى كۆرگەن خەن ۋۇدى راست دەپ ئىشەنگەن. بۇ گەرچە رىۋايەت بولسىمۇ، لېكىن تېرە قونچاق ئويۇنىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ ھەمدە تېرە قونچاق ئويۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ تېرە قونچاق ئويۇنى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا بارلىققا كەلگەن، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي ئاسىيا، ياۋروپاغىچە تارقىلىپ بارغان. ئويۇن قويغاندا، سەنئەتكار بىر تەرەپتىن قومۇش تاياقچە بىلەن پېرسوناژنىڭ قەغەز قىيما كۆلەڭگىسىنى مىدىرلىتىپ، ھەرىكەت ئورۇندايدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك شىچۈي تىياتىرىنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىدۇ، چالغۇلار تەڭكەش قىلىنىدۇ. تېرە قونچاق ئويۇنىنىڭ تارقالغان رايونى، ئېيتىدىغان ناخشىسى ۋە قەغەز قىيما كۆلەڭگىسىنىڭ خام ماتېرىيالى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۇ نۇرغۇنلىغان تىياتىر تۈرلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خۇاشەن تېغى ئەتراپىدا تارقالغان «ۋەن ۋەنچياڭ» ئېيتىدىغان تېرە قونچاق تىياتىرىدا، قونچاق ئويناتقۇچى ئىككى قولىدا قومۇش تاياقچىنى تۇتۇپ، مەخسۇس پېرسوناژنىڭ ئورۇنداش ھەرىكىتىگىلا مەسئۇل بولىدۇ، گەپ قىلمايدۇ، ناخشا ئېيتمايدۇ. يۆچىن (琴月 − زەخمەك بىلەن چېكىپ چېلىنىدىغان يۇمىلاق شەكىللىك چالغۇ − ت) قوشۇمچە جاڭ ۋە دۇمباق چالغۇچى گەپ قىلىدۇ ھەم ناخشا ئېيتىدۇ؛ ئېر شۈەن (弦二 − ئىككى تارىلىق چالغۇ) چالغۇچى قوشۇمچە يەنە ناۋ بو (钹铙 − تەخسىسىمان مىس چالغۇ − ت)، سۇناي، تۇبا (چوڭ كاناي) لارنى چالىدۇ؛ ۋەن ۋەن (碗碗 − بىر خىل چالغۇ) چالغۇچى قوشۇمچە يەنە باڭزى (子梆 − توقماق بىلەن ئۇرۇپ چالىدىغان سوقما چالغۇ − ت)، جياۋزى (子铰 − بىر خىل سوقما چالغۇ − ت) نىمۇ چالىدۇ، بۇ خىل تىياتىردا پەقەت تۆت - بەش كىشى بىلەنلا ئويۇن قويغىلى بولىدۇ. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى سۈيدې ئـەتراپىـدا تـارقـالغان »ۋەن - ۋەنچياڭ« تېرە قونچاق ئويۇنىنى قويغۇچىلارنىڭ ھەربىرى، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر كىشىلەر بولۇپ ھەم قومۇش تاياقچىلار بىلەن قونچاق ئوينىتىدۇ، ھەم چالىدۇ، ئېيتىدۇ. قەلەم بىلەن ئەلەم تەڭ ماڭغان «تەڭرىنى قامال قىلىش قىسىسىسى» (义讥神封)، «غەربكە ساياھەت» قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەپسانىۋى تىياتىرلارنى كۆپرەك ئوينايدۇ. يەنە تېرە قونچاق ئويۇنىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بوران چىقىرىپ يامغۇر ياغدۇرۇش، تۇمان پەيدا قىلىپ، بۇلۇتلارنى ئۇچۇرۇش، ئەۋلىيا، ئالۋاستىلارغا ئۆزگىرىش قاتارلىق خىيالىي مەنزىرىلەرنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى لۇڭشى رايونىنىڭ قەغەز قىيما كۆلەڭگە ئويۇنىدىكى قىيىلغان قەغەز كۆلەڭگە پېرسوناژلارنىڭ ليەنپۇ (يۈزىگە سىزىلغان نەقىش گىرىم − ت) ئوبرازلىرى مۇبالىغە قىلىنغان، چاچ پاسونى، بېشىدىكى دۇبۇلغىلىرى، كىيىملىرىنىڭ نەقىش گۈللىرى نەپىس، سىپتا ئىشلەنگەن. ئۇرۇش تېمىسىدىكى تىياتىر نومۇرلىرىنى ئوينىغاندا، ئوينىتىش جەھەتتە پېرسوناژلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزگە ھەرىكىتىنى كۆپەيتىپ، قەغەز قىيما كۆلەڭگە پېرسوناژلار بېشىنى لىڭشىتىش، مىلتىق ئېتىش، توپ - زەمبىرەك ئېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلالىغان. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەنتۇ رايونىدىكى چاۋجۇ كۆلەڭگە ئويۇنىدا «ئات ئۈستىدە چىراغ ماڭدۇرۇش» دېگەن بىر خىل ئويۇن بار. ئۇنىڭدا، قومۇش ۋە قەغەزدىن چوڭراق نەيچە ياسىلىپ، ئىچىگە قەغەز چاق ئورنىتىلىپ، قىيىلغان ئادەم، ئات رەسىمى چاپلىنىدۇ. شامنى ياندۇرغاندا، نەيچە ئايلىنىپ لاپىلداپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن «پەرىنىڭ ئايغا چىقىشى»، «ئەرشنى مالىمان قىلىش» قاتارلىق تىياتىرلارنى ئوينىسا، ناھايىتى قىزىقارلىق بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى
تېرە قونچاق ئويۇنى | UyghurWiki | UyghurWiki