UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىليەنپۇ

ليەنپۇ

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى شىچۈي تىياتىر سەھنىسىدە، بەزى ئاكتيورلار يۈزىگە ھەر خىل رەڭلەردىن خىلمۇخىل نەقىشلەرنى سىزىدۇ، بۇ «نەقىشلىك گىرىم» (谱脸) دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ جىڭ (净)، چوۋ (丑) روللاردىكى پېرسوناژلارغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل گىرىم ئەر (生)، ئايال (旦) روللىرىنىڭ گىرىمىگە پەقەت ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا مۇبالىغە قىلىنغان رەڭ ۋە سىزىق شەكىللىرى ئارقىلىق پېرسوناژنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تاماشىبىنلار گىرىم نەقىشىنى كۆرۈش بىلەنلا ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ. بۇ نەقىشلەشتۈرۈلگەن خاراكتېر گىرىمى شۇنداقلا جۇڭگو شىچۈي تىياتىرىدىكى ئۆزگىچە ئالامەتتۇر. نەقىشلىك گىرىم ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى شىچۈي تىياتىر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئويۇن قويۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا پەيدا بولغان. ئۇ يىرىك، ئاددىيلىقتىن تەدرىجىي نەپىس، كۆپ خىللىققا تەرەققىي قىلىش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرگەن. شىچۈي تىياتىرىدىكى نەقىشلىك گىرىم ئادەتتە ئىجابىي رول نەقىشى ۋە سەلبىي رول نەقىشى دەپ چوڭ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئىجابىي رول نەقىشلىك گىرىم قىزىل يۈز، قارا يۈز، ئاق يۈز دېگەن خىللارغا ئايرىلىدۇ. سەلبىي رولىدىكىلەر ئومۇمەن قاڭشىرىغا ئاق رەڭ سۈركەيدۇ. نەقىشلىك گىرىمىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، پەقەت جىڭجۈي تىياتىرىدىكى ئاساسىي نەقىش گىرىمىنىڭ تۈرلىرىلا «پۈتۈن يۈزلۈك نەقىش گىرىمى» (脸整)، «سۇ رەڭلىك نەقىش گىرىمى» (脸白水)، «ئۈچ پارچە يۈزلۈك نەقىش گىرىمى» (脸窝块三) ، «كەسمە يۈزلۈك نەقىش گىرىمى» (脸门字十)، «پارچە گۈللۈك نەقىش گىرىمى» (脸花碎) قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ئوخشاش بىر تۈردىمۇ يەنە رەڭ، سىزىقلاردا ئۆزگىرىش بولىدۇ. «ليۇكۇيگۇەننىڭ بېيجىڭ تىياتىرىدىكى نەقىشلىك گىرىم توپلىمى» غا كىرگۈزۈلگەن رەڭلىك نەقىش گىرىمى188 پارچىدىن ئاشىدۇ. نەقىشلىك گىرىم − پېرسوناژنىڭ خاراكتېرىنى بىر قاراپلا بىلەلەيدىغان قىلىدۇ، ئادەتتە قىزىل رەڭلىك نەقىش گىرىمى ساددىلىق ۋە جەسۇرلۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ (مەسىلەن، گۇەن يۈيدەك)، قارا رەڭلىك نەقىش گىرىمى تۈز، ئاق كۆڭۈللۈككە ۋەكىللىك قىلىدۇ (مەسىلەن، باۋ جېڭ، جاڭ فېيدەك)، ئاق رەڭلىك نەقىش گىرىمى ھىيلىگەر، مەككارلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ (مەسىلەن، ساۋ ساۋ). بىراق، ئوخشاشلا بىر قارا رەڭنى ئاساس قىلغان نەقىشلىك گىرىمىدىكى كونكرېت سىزىق شەكىللىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى، ئوخشاش بولمىغان كەيپىيات قىياپەتلىرىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ، مەسىلەن، شياڭيۈينىڭ يىغىسى، جاڭ فېينىڭ كۈلكىسى، باۋ جېڭنىڭ قايغۇسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش. يەنە باۋ جېڭنىڭ نەقىش گىرىمىنىڭ سىزىلىشى ھەرقايسى دەۋرلەردە ئوخشاش بولمىغان، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تىك ئاق قاش سىزىلىپ، باۋجېڭنىڭ سەمىمىيلىكى تەكىتلەنگەن؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، ئارىلىقى يېقىن ئاق قاش سىزىلىپ، قوشۇمىسى تۈرۈلگەندە بىر تۈگۈن پەيدا قىلغان، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ناھەق دېلولارنى تەكشۈرۈپ بولالماي غەم قىلىۋاتقان ھالىتى ئىپادىلەنگەن. نەقىش گىرىمىنىڭ مۇبالىغىلىنىشى، زىننەتلىنىشى پېرسوناژ خاراكتېرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى باھا بېرىشكە، ياخشى - ياماننى پەرق ئېتىشكە بېشارەت بېرىدۇ. نەقىش گىرىمىدىكى كۆپلىگەن «شەكىل تاللاش» (形取) لار ھەم زىننەتلەش، ھەم سىمۋول قىلىش ئۇسۇلىدۇر. مەسىلەن، جىڭجۈي تىياتىرىدىكى لۇجېشېننىڭ نەقىشلىك گىرىمىگە قارىساق، بىر جۈپ قېشى ياچىۋەكتەك سىزىلىپ، لۇجېشېننىڭ غەزەپلىك قاشلىرى بىلىكىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان ياچىۋەككە ئوخشىتىلغان بولۇپ ھەم قىياپىتىنى ئىپادىلىگەن، ھەم زىننەت قوشقان شۇنىڭدەك ئۇ يەنە لۇ جېشېننىڭ قەيەردە ناھەق ئىش ئۇچرىسا، شۇ يەردە قىلىچىنى چىقىرىپ ياردەم قىلىدىغان خاراكتېرىگە سىمۋول قىلىنغان. كۇنچۈي تىياتىرىدىكى لۇئاشۇنىڭ يۈزىگە بىر دانە ئاق چاشقان سىزىلغان بولۇپ ھەم چىراي ئىپادىسىگە پايدىلىق بولغان ھەم ئۇنىڭ ياغ ئوغرىلايدىغان چاشقاندەك ئوغرى خاراكتېرىگە سىمۋول قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى