UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىيۆجۈي تىياتىرى

يۆجۈي تىياتىرى

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى جىڭجۈي تىياتىرىدىكى «تۆت چوڭ داڭلىق ئايال»، «تۆت كىچىك داڭلىق ئايال» لارنىڭ رولىنى ئايالچە ياسانغان ئەرلەر ئوينايدۇ، يۆجۈي تىياتىرىدىكى يىگىتلەر رولىنى بولسا ئەرەنچە ياسانغان ئاياللار ئوينايدۇ. ئەمما، دەسلەپكى چاغلاردا يۆجۈي تىياتىرىدىكى روللارنىڭ ھەممىسىنى ئەرلەر ئوينايتتى. يۆجۈي تىياتىرى قەدىمكى يۆ دۆلىتى (国越) نىڭ ئورنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىن رايونىدا پەيدا بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.1906 - يىلى باھار بايرىمىدا، چېڭشيەن ناھىيىسىنىڭ بىر يېزىسىدىكى ئالتە نەپەر ئەر ئەلنەغمىچى تۇنجى قېتىم گىرىم بىلەن سەھنىگە چىقىپ «ئۆكتەمنىڭ توي خاتىرىسى» (记婚赖) نى ئوينىغان، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىغىنى «لودي چاڭشۇدىياۋ» (调书唱地落) كۈيى يەنى «قىرائەت كۈيى» (调娥吟) ئىدى، ئۇنى پەقەت دۇگۇ دۇمبىقى (鼓笃) ۋە شاقىلداق بىلەن ئۇدا ئۇرۇپ توختىماي «تىكتاك - تىكتاك» ئاۋازدا چالغاچقا، ئۇنى كىشىلەر «دۇ بەن» (班笃)، «كىچىك ناخشا بەنزىسى» (班歌小) دەپمۇ ئاتاشقان. كېيىن ئۇ خاڭجۇغا تارقالغان. روللارغا يەنىلا ئەرلەر چىققان، نومۇرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يېزا تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.1916 - يىلىدىن باشلاپ، كۆپ قېتىم شاڭخەيگە بېرىپ ئويۇن قويغان. ئورۇنداش جەھەتتە «شاۋشىڭ دابەن» (شاۋشىڭ تىياتىرى) دىن ئۈلگە ئالغانلىقتىن، بەزىلەر ئۇنى يەنە «شاۋشىڭ ئويۇنى» (戏女兴绍) دەپمۇ ئاتىغان.1923 - يىلى باھاردا، سەنئەتكار جىن رۇڭشۇي شېڭشيەن ناھىيىسىدە تۇنجى بولۇپ قىزلار تىياتىر بەنزىسىنى تەشكىللىگەن، ئەينى چاغدا يېزىلاردا قاتتىقچىلىق بولۇپ كەتكەچكە، كەمبەغەللەرنىڭ قىزلىرى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ تىياتىر ئۆگەنگىلى كەلگەن، نەتىجىدە قىزلار تىياتىر بەنزىسىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار ئەرلەر بەنزىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، جېجياڭ، شاڭخەيلەردە دەۋر سۈرگەن. يۈەن شۆفېن شېڭشيەن ناھىيىسىنىڭ بىر يېزىسىدىن كەلگەن، يۆجۈي تىياتىرىدا خۇادەن (ئايال) نىڭ رولىغا چىقىدىغان سەنئەتكار بولغاچقا، ئۇ شاڭخەيگە كەلگەندىن كېيىن جېجياڭ تىياتىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن تەشەببۇس قىلغان ۋە قار ئاۋازى تىياتىر ئۆمىكى (团剧声雪) نى تەشكىللىگەن، ئورۇنداش جەھەتتە كۇنجۈي تىياتىرى بىلەن درامىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يۆجۈي تىياتىرىنى بېيىتقان ۋە راۋاجلاندۇرغان ھەمدە لۇشۈننىڭ «بەخت تىلەش» ھېكايىسىنى ئۆزگەرتىپ، «شياڭ لىن ھەدە» نامىدا سەھنىلەشتۈرگەن.20 - ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىدىن باشلاپ، يۆجۈي تىياتىر ئۆمىكى مەملىكىتىمىزنىڭ تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان20 دىن ئارتۇق ئۆلكە، شەھەرلىرىدە كەڭ ئومۇملاشتى، ياش يۆجۈي تىياتىرى بېيجىڭ تىياتىرىدىن قالسا ئەڭ چوڭ تىياتىر بولۇپ قالدى. يۆجۈي تىياتىرىنىڭ ناخشىسى يېقىملىق، لىرىكىلىق، رەڭدار، ئورۇندىشى سىلىق بولۇپ، شەھەر ۋە يېزىلاردىكى كەڭ ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرشىگە سازاۋەر بولدى ھەمدە بىر تۈركۈم ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەنئەنىۋى تىياتىر نومۇرلىرى مەسىلەن، «لياڭ سەنبەي بىلەن جۇيىڭتەي، غەربىي ھۇجرىدىكى مۇھەببەت، قىزىل راۋاقتىكى چۈش، زۇمرەت قىسقۇچ» قاتارلىقلارنى مەيدانغا چىقاردى. بۇنىڭدىن سىرت ئۇلار يېڭىدىن تارىخىي تىياتىر ۋە ھازىرقى زامان تىياتىرلىرىنى ئىجاد قىلدى ۋە ئۆزگەرتىپ ئىشلىدى. يۆجۈي تىياتىرى ئۆز تەرەققىياتى جەريانىدا كۆپلىگەن داڭلىق سەنئەتكارلارنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە ھەر خىل ئېقىملارنى شەكىللەندۈردى.20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدا «ئۈچ خۇا دەن، بىر جۈەن» (رول خىللىرى بويىچە داڭق چىقارغانلار − ت)،40 - يىللىرىدا «يۆجۈي تىياتىرىدىكى ئون ئاچا - سىڭىللار» مەيدانغا چىققانىدى،80 - يىللارغا كەلگەندە يەنە «يۆجۈي تىياتىرىدىكى كىچىك يۈز گۈل» قاتارلىقلار مەيدانغا كەلدى. يۆجۈي تىياتىر ئۆمىكى كۆپ قېتىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، دېموكراتىك گېرمانىيە، چاۋشيەن، ۋيېتنام، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئويۇن قويدى، شياڭگاڭدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى