UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىتۆت ماھارەت، بەش ئۇسۇل

تۆت ماھارەت، بەش ئۇسۇل

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى شىچۈي تىياتىرى ئادەتتە ناخشا ئېيتىش، سۆزلەش، ھەرىكەت قىلىش، ئېلىشىش ئارقىلىق پېرسوناژلارنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئېيتىش، سۆزلەش، ھەرىكەت قىلىش، ئېلىشىش شىچۈي تىياتىرىنى ئورۇنداشتىكى تۆت خىل بەدىئىي ۋاسىتە شۇنداقلا شىچۈي تىياتىر ئاكتيورلىرىنىڭ تۆت خىل ئاساسىي ماھارىتىدۇر، ئۇ «قول، كۆز، بەدەن، ھەرىكەت ئۇسۇلى، قەدەم» دىن ئىبارەت بەش خىل تېخنىكىلىق ئۇسۇل بىلەن قوشۇلۇپ شىچۈي تىياتىر ئاكتيورلىرىنىڭ «تۆت ماھارەت، بەش ئۇسۇل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىچۈي تىياتىرى ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا، ئېيتىش، سۆزلەش، ھەرىكەت قىلىش، ئېلىشىشتىن ئىبارەت ھەرخىل بەدىئىي ۋاسىتىلەرنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا، يۈز ئويۇن ئىچىدە چامباشلىق ۋە سېرك ئارقىلىق ھېكايە ئىپادىلەيدىغان نومۇرلار بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، ناخشا - ئۇسسۇل ئەۋج ئالغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەبجەش تىياتىرچىلار ناخشا - ئۇسسۇل، تىياتىر، سېركنى بىرلەشتۈرۈپ ئويۇن قويغان. يۈەن سۇلالىسى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، ناخشا ئېيتىش ماھارىتى بىلەن ئۇسسۇل ئويناش ماھارىتىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئېيتىش، سۆزلەش، ھەرىكەت قىلىش، ئېلىشىش قاتارلىق ھەر خىل ماھارەتلەر بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بىر پۈتۈن بەدىئىي شەكىل بەرپا بولغان. «ئېيتىش» − ھەر خىل ئاھاڭدىكى ناخشىلارنى ئېيتىش، ناخشىنىڭ بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ئارقىلىق پېرسوناژنىڭ خاراكتېرى، ھېسسىياتى ۋە روھىي ھالىتىنى ئىپادىلەشكە قارىتىلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان تىياتىر تۈرلىرىدە، »ئېيتىش« نىڭ قوللىنىلىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى تىياتىرلاردا ئېيتىش كۆپ بولۇپ، بىر ناخشا40 ~50 جۈملە، ھەتتا100 جۈملىگە يېتىدۇ؛ بەزى تىياتىرلاردا ئېيتىش ئاز بولۇپ، پەقەت تىياتىرنىڭ يۇقىرى پەللىسىگىلا ناخشا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ناخشا ئېيتىشتا، ئاكتيور ئۆزىنىڭ ئاۋازىغا تايىنىپ «تەڭكەشسىز ئېيتىش» ئارقىلىق ناخشا ئېيتىش ئىلمىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان شەكىلمۇ بار؛ چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىپ، پېرسوناژنىڭ ھېسسىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈشىمۇ بار؛ يەنە، بىرى باشلاپ ئېيتسا، كۆپچىلىك قوشۇلۇپ «ھەمدەم بولۇپ ئېيتىش» ئارقىلىق كەيپىياتنى جانلاندۇرۇپ، پېرسوناژنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىدىغان شەكىلمۇ بار. «سۆزلەش» − بىر خىل مۇزىكىلىق تۈستە سۆزلەشكە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ ئېيتىش بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، پېرسوناژنىڭ ئىدىيە - ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. سۆزلەشتە، مەخسۇس رىتىملاشتۇرۇلغان «رىتىملىق سۆز» لەر بار، يەرلىك سۆزلەرنى ئاساس قىلغان، تۇرمۇش تىلىغا يېقىن كېلىدىغان «چاچما سۆز» لەرمۇ بار. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى تۇرمۇش تىلى بولماستىن، بەلكى بەدىئىي تاۋلىنىش ئارقىلىق دېكلاماتسىيىلەشتۈرۈلگەن، رىتىم ۋە مۇزىكا سېزىمىگە ئىگە بولغان، سۆزلىگەندە ئېنىق، يېقىملىق چىقىدىغان سۆزلەردۇر. «ھەرىكەت قىلىش» − ئومۇمەن ئورۇنداش ماھارىتىگە قارىتىلىدۇ، ئۇ ئادەتتە ئۇسسۇللاشقان بەدەن ھەرىكەتلىرىگىمۇ قارىتىلىدۇ. ئاكتيور رول ئىجاد قىلغاندا، ھەر خىل بەدەن ھەرىكەتلىرى (段身 − قېلىپلاشقان ھەرىكەت بىرىكمىلىرى)، قىياپەتلىرى ۋە ئورۇنداش ماھارەتلىرىنى جانلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق پېرسوناژنىڭ خاراكتېرى، يېشى، سالاھىيىتىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بەدىئىي ئوبراز يارىتىدۇ. مەسىلەن، قەدەم بېسىش ئۇسۇلىدا، چارىسىز قېلىپ جان تالاشقاندا ئۇششاق قەدەم بىلەن مېڭىش، قىزلار خۇشال بولغاندا، ئۇزۇن چېچىنى ئارقىغا بىر تاشلاپ ئۇششاق قەدەم بىلەن مېڭىش ئارقىلىق پېرسوناژنىڭ روھىي كەيپىياتىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. «ئېلىشىش» − ئۇرۇشۇش ۋە موللاق ئېتىشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ ئەنئەنىۋى چامباشچىلىقنىڭ ئۇسسۇللاشتۇرۇلۇشى شۇنىڭدەك تۇرمۇشتىكى سوقۇشۇش مەيدانلىرىنىڭ بەدىئىيلەشتۈرۈلۈشىدۇر. ئېلىشىش ئادەتتە ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ: بىرى، قەدىمىي قىلىچ، نەيزە قاتارلىق قورال - ياراغلار بىلەن قارىمۇقارشى سوقۇشىدىغان ياكى يالغۇز ئۇسسۇللۇق «با زى گۇمپىسى (功子把) ماھارىتى»؛ يەنە بىرى، بۇلۇت پالاس ئۈستىدە يىقىلىپ، دومىلاپ، ئېتىلىپ، سەكرەپ، موللاق ئاتىدىغان «تەنزىگۇڭ پالاس گۇمپىسى (功子毯) ماھارىتى». مانا بۇ خىل چامباشلىق گۇمپىلىرى تىياتىر ۋەقەلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندە، پېرسوناژنى سۈرەتلەپ بېرىش، ئەسەر ۋەقەلىكىنى يورۇتۇپ بېرىشكە پايدىلىق بولۇپ، تاماشىبىنلارغا بەدىئىي زوق بېغىشلايدۇ. شىچۈي تىياتىر ئاكتيورلىرى كىچىكىدىن باشلاپ ئېيتىش، سۆزلەش، ھەرىكەت قىلىش، ئېلىشىش قاتارلىق ئاساسىي ماھارەتلەرنى قاتتىق مەشىق قىلىپ، ئاساسىي ماھارەتنى تولۇق ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ ساپا ئالاھىدىلىكىگە قاراپ كەسپىي ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدۇ، بەزى ئاكتيورلار ئېيتىش ماھارىتى بىلەن تونۇلسا، بەزىلىرى ھەرىكەت قىلىش ماھارىتى بىلەن تونۇلىدۇ. ئېيتىش، سۆزلەش، ھەرىكەت قىلىش، ئېلىشىش شىچۈي تىياتىر ئورۇنداشنىڭ ئالاھىدە بەدىئىي ۋاسىتىسى شۇنداقلا باشقا سەھنە سەنئەتلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مۇھىم بەلگىسى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى