UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىيەن فېڭيىڭ

يەن فېڭيىڭ

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى يەن فېڭيىڭ (1930 ~1968 ) ئەسلىي ئىسمى خۇڭ ليۇ. كەمبەغەل ئائىلىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تاغ ناخشىلىرى ۋە خۇاڭمېي ناخشىلىرىنى ئېيتىشقا خۇشتار بولغان، كېيىن خۇاڭمېيشى سەنئەتكارى يەن يۈنگاۋ ئۇنى بايقاپ، شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىپ، ئايال رولىنى ئۆگەتكەن. يەن فېڭيىڭ خۇاڭمېيشى تىياتىرىنى ئۆگەنگەنلىكى تۈپەيلى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، ئامالسىز ئۆيىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن.15 يېشىدا رەسمىي بەنزە ئۇيۇشتۇرۇپ ئويۇن قويۇپ، دېدەك رولىنى ئالغان. ئۇ تەبىئىي زېرەك، تىرىشچان بولۇپ، كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرگەن. بىر كۈنى ئۆمەكتىكىلەر «قىڭراق خاتىرىسى» (记刀菜) نى قويغاندا، ئۇ باشقا بىر ئاكتيورنىڭ ئورنىغا ۋاكالىتەن چىقىپ، باش رول ليۇ فېڭيىڭنىڭ رولىنى ئويناش بىلەنلا داڭق چىقىرىپ، ئۆزىگە يەن فېڭيىڭ دەپ تەخەللۇس قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپ ئۆمەكلەرگە ئالمىشىپ ئىشلىگەن، خۇاڭمېيشى تىياتىرىدىكى پېشقەدەم سەنئەتكارلار ۋە كۇنچۈي تىياتىرىدا داڭق چىقارغان ئاكتيورلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، كۇنچۈي، جىڭجۈي، يۆجۈي تىياتىرلىرى، كىنو ۋە مودا ناخشىلاردىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئورۇنداش سەنئىتىنى بېيىتقان، خۇاڭمېيشنىڭ مۇزىكا ۋە ئورۇنداش قىسمىنى راۋاجلاندۇرغان.1954 - يىلى «تيەن شيەنپېي» تىياتىرىدا باش رول ئېلىپ، شەرقىي جۇڭگو شىچۈي تىياتىر كۆرىكىدە1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، داڭقى پۈتۈن مەملىكەتكە پۇركەتكەن. ئۇ ئالدى - كەينى بولۇپ50 تىن ئارتۇق تىياتىر ئوينىغان ھەمدە گۇاڭشى ئوپېراسىنىڭ مېلودىيىسىنى خۇاڭمېيشى تىياتىرىغا قوبۇل قىلىپ، «ليۇ سەنجيې» ئوپېراسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەپ چىققان. يەن فېڭيىڭنىڭ ئاۋازى سۈزۈك، يېقىملىق، ناخشىلىرى ساددا، سىلىق، سەمىمىي، تەلەپپۇزى ئېنىق، پۇرىقى قويۇق بولۇپ، پېرسوناژ خاراكتېرىنى چىقىش نۇقتا قىلىش، ئاۋاز بىلەن ھېسسىياتنى تەڭ جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ئىنتايىن جەلپدارلىققا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئورۇندىشى ئەستايىدىل، ساددا، نەپىس، ھېسسىياتى كۈچلۈك بولۇپ، نۇرغۇنلىغان روشەن خاراكتېرلىك ئاياللارنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان، مەسىلەن، «تيەن شيەنپېي» دا يەتتىنچى پەرى، «دا جۇساۋ» دا تاۋ جىنخۇا، «دا جىنجى» دا مەلىكە شېڭپىڭ، «ئايال كۈيئوغۇل» دا فېڭ سۇجېن، «نيۇلاڭ جېنۈي» دە جېنۈي، ھازىرقى زامان تىياتىرى «مول ھوسۇلدىن كېيىن» دە جاۋ ۋۇشېن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بەدىئىي ئوبرازلار بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى