UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىئەگەشمە رول

ئەگەشمە رول

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى شىچۈي تىياتىرىدا، پادىشاھ تەختكە چىققاندا ئاغۋات ھەمراھ بولىدۇ، ئەمەلدار مەھكىمىگە كىرگەندە دورغىلار ئەگىشىپ ماڭىدۇ، قوماندان جەڭگە ئاتلانغاندا ئەمىرلەر مۇھاپىزەت قىلىدۇ، تۇرابېگى قەلئەدە ئولتۇرغاندا قولچۇماقلىرى ھەمنەپەس بولىدۇ ... ئەنە شۇ ئاغۋات، كېنىزەك، دورغا، ئەمىر، لەشكەر، قولچۇماقچى قاتارلىق روللارغا چىقىدىغان ئاكتيورلارنىڭ ھەممىسى ئويما ياقا، ئۇدۇل پەش، كەڭ يەڭلىك ئەگەشمە رول (套龙) كىيىمى كىيىگەنلىكتىن، كىشىلەر ئۇلارنى ئەگەشمە رول دەپ ئاتىغان. بۇمۇ شىچۈي تىياتىرىدىكى بىر خىل رول كەسپى شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدىكى شىچۈي تىياتىر سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكىدۇر. جۇڭگونىڭ شىچۈي تىياتىر سەھنىسىدە، ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشى، مەيداننىڭ ئالمىشىشى ئاساسەن پېرسوناژ پائالىيىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ، ئاز بىلەن كۆپنى بىلدۈرۈش ۋە تەقلىدلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئەگەشمە رول ئادەتتە تۆت ئادەم بىر گۇرۇپپا (堂一) ھېسابلىنىدۇ، بىر - ئىككى گۇرۇپپا ئەگەشمە رول سانسىزلىغان قوشۇنغا ۋەكىللىك قىلىپ، داغدۇغا پەيدا قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. بىر - ئىككى گۇرۇپپا ئەگەشمە رولنىڭ سەھنىنى بىر - ئىككى ئايلىنىپ ماڭغىنى نەچچە مىڭ چاقىرىم سەپەر قىلغانغا ھېساب بولىدۇ، خۇددى كونىلار: «ئۈچ - بەش قەدەم تەڭ بولۇر ئالەم كەزگەنگە، يەتتە - سەككىز كىشى تەڭ بولۇر مىليون قوشۇنغا» دېگەندەك بولىدۇ. ئەگەشمە رول − شىچۈي تىياتىر سەھنىسىدە دائىم ئىشلىتىدىغان بىر خىل ئىخچام ۋە ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بېرىش - كېلىش، چىقىش - كىرىش، يول يۈرۈش، قوغلاش، پوستتا تۇرۇش، ئۇيۇشتۇرۇش، قوغداش، كۈتۈش، ھەربىي يۈرۈش قىلىش، جەڭ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئىپادىلىنىدۇ. سەھنىدىكى ئەگەشمە رول سەپ شەكلى، لىنىيىسى، مېڭىش ئۇسۇلى ۋە سەھنىدىكى ئورنى قاتارلىقلارنىڭ بېكىتىلگەن شەكلى ۋە نامى بولىدۇ. ھەرقايسى تىياتىر خىللىرىنىڭ گەرچە ئورۇنداش جەھەتتە ئوخشاشمايدىغان جايلىرى بولسىمۇ، لېكىن قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكىللىرى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى: «يۈەنچاڭ» (场园 سەھنىنى ئايلىنىپ يورغىلاپ مېڭىش − ت) دا، بىر ياكى بىر قانچە ئادەم چەمبەر شەكلىدىكى لىنىيە بويىچە مېڭىش ئارقىلىق مەيدان ئالماشقانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. «گوچاڭ» (场过) دا، بىر ياكى بىر قانچە ئادەم سەھنىگە چىقىش ئىشىكىدىن چىقىپ، سەھنە ئالدىدىن مېڭىپ ئۆتۈپ، سەھنىدىن چۈشۈش ئىشىكىدىن چۈشۈپ كېتىش ئارقىلىق سەپەردە كېتىۋاتقانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. «جەنمىن» (门站) دە، ئىككى ئادەم بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ، سەھنە ئالدىغا كېلىپ سەل توختاپ، ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ تىك تۇرۇش ئارقىلىق پوستتا تۇرۇش، قوغداش ئىپادىلىنىدۇ. «جۈپ ئەجدىھانىڭ سۇدىن چىقىشى» (水出龙二) بولسا ئىككى تەرەپ سوقۇشىدىغان كۆرۈنۈشلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئەگەشمە رولچىلىرى سەھنىگە چىقىش، سەھنىدىن چۈشۈش ئىشىكلىرىدىن بىرلا ۋاقىتتا سەھنىگە چىقىدۇ، ھەرقايسىسى ئۆز تۇغلىرى ۋە قوراللىرىنى كۆتۈرۈپ، سەھنە مەركىزىنى بويلاپ جۈپ رەت بويىچە ئارقىدىن ئالدىغا مېڭىپ كېلىپ ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئىككى تەرەپنىڭ قوماندانلىرى سەھنىگە چىقىپ، سەھنە مەركىزىدە سوقۇشىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەگەشمە رولچىلىرى چۇقان سېلىپ مەدەت بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى
ئەگەشمە رول | UyghurWiki | UyghurWiki