ئون ئاچا - سىڭىل
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
يېقىملىق، لىرىكىلىق يۆجۈي تىياتىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شېڭشيەن ناھىيىسىدە پەيدا بولۇپ، شاڭخەيدە كەڭ ئەۋج ئالغان. يۆجۈي تىياتىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا زور تۈركۈم داڭلىق ئاكتيۇرلار مەيدانغا چىققان.20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدىكى «ئۈچ خۇا بىر جۈەن» (شې يىنخۇا، جاۋ رۇيخۇا، ۋاڭ شىنخۇا، ياۋ شۇيجۈەن)،40 - يىللاردا «يۆجۈي تىياتىرىدىكى ئون ئاچا - سىڭىل» مەيدانغا چىققان.1947
- يىلى يازدا، كونا شىبەن تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، تىياتىرخانا ۋە تىياتىر مەكتىپى قۇرۇپ، يۆجۈي تىياتىر ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يى گۇيفاڭ، يۈەن شۆفېن، شياۋ دەنگۇي، فەن زۇيجۈەن، بو چۈەنشياڭ، شۈي يۈيلەن، لەن شۈيجاۋ، جاڭ گۇيفېڭ، شۈي تيەنخۇڭ، ۋۇ شياۋلۇ قاتارلىق10 نەپەر داڭلىق يۆجۈي تىياتىر ئاكتيورلىرى بىرلىشىپ ئىئانە توپلاش ئۈچۈن «تاغ - دەريالار مۇھەببىتى» تىياتىرىنى قويۇپ، شاڭخەينى زىلزىلىگە سالغان. تاماشىبىنلار ئۇلارغا يۆجۈي تىياتىرىدىكى ئون ئاچا - سىڭىل دەپ نام بەرگەن.20
- ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىدا، يۈەن شۆفېن يۆجۈي تىياتىرىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، يۆجۈي تىياتىرىنىڭ قىياپىتىنى بىراقلا يېڭىلىغان. ئۇ «جېڭ دەن» (مىجەزى چۇس، ئوتتۇرا ياش ئاياللارنىڭ رولى) نى ئالاتتى، ئورۇنداش ۋە ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى ماھارىتىنى ۋايىگە يەتكۈزۈپ، كۆپكە قادىر بولۇپ، «يۈەن پەي ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ناخشىسى ساددا، يېقىملىق، رىتىمى ئۆزگىرىشچان، ھېسسىياتى چىن، تەلەپپۇزى ئېنىق بولۇپ، جۇ يىڭتەي، سۈي يىڭيىڭ، شياڭ لىنساۋ، خۇا مۇلەن، چيۇ جىن قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان قىز - ئاياللارنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان.
يى گۇيفاڭ شياۋشېڭ (يىگىت) رولىنى ئېلىپ، ئۇزاق مۇددەت ئويۇن قويۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا «يى ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ناخشىسى ۋە ئورۇنداش ئۇسلۇبى ساددا، ئەركىن، راۋان بولۇپ، جاڭ شېڭ، لياڭ يۈيشۇ، لياڭ سەنبەي، جيا باۋيۈي قاتارلىق يىگىتلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ داڭق چىقارغان.
فەن رۇيجۈەن شياۋشېڭ (يىگىت) رولىنى ئوينىغان، يۈەن شۆفېن بىلەن بىرلىكتە يۆجۈي تىياتىرىنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. كۆپ يىللىق ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس «فەن پەي ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئاۋازى ساددا، توم، سالماق، ئەركىن. ئۇ مۇزىكا ئۇستازى بىلەن بىرلىشىپ تۇنجى قېتىم «شۈەنشيادياۋ» (ئاھاڭ) نى ئىجاد قىلىپ، يۆجۈي تىياتىر ئاۋاز سەنئىتىنى بېيىتقان. ئورۇندىشى سىلىق، نەپىس بولۇپ، لياڭ سەنبەي رولىنى ياخشى ئويناپ نام چىقارغان.
بو چۈەنشياڭ چىڭيى (قىز) رولىنى ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، «ئالتۇن ئاۋازلىق قىز» دېگەن نامى بار. ئاۋازى يېقىملىق، ئۆزگىرىشچان، ئاھاڭى مۇڭلۇق، جەلپدار؛ ئورۇنداش جەھەتتە، ھېسسىياتى مول، ھەرىكىتى نەپىس بولۇپ، «بو ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. جۇ يىڭتەي، دۇ شېنياڭ، خۇاشەن شېڭمۇ قاتارلىق بەدىئىي ئوبرازلارنى ياراتقان.
شۈي يۈيلەن شياۋشېڭ (يىگىت) رولىنى ئېلىشقا ماھىر، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كەسىپكە بېغىشلاپ ئۆگەنگەن، يى گۇيفاڭ، فەن رۇيجۈەن بىلەن بىر قاتاردا يۆجۈي تىياتىر چاڭچياڭلىرى بويىچە ئۈچ چوڭ ئېقىم شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ چاڭچياڭلىرى يۇقىرى، راۋان، ئەركىن، ئازادە، ئورۇندىشى مەردانە، قامەتلىك بولۇپ «شۈي ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. ئۇ ۋاڭ ۋېنجۈەن بىلەن بىرلىكتە «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «جۇييۈ» قاتارلىق تىياتىرلاردا باش رول ئېلىپ، شان - شەرەپ قازانغان.
ئۇنىڭدىن باشقا شياۋ دەنگۇيمۇ بار، ئۇ دەنجياۋ (قىز) رولىنى ئالغۇچى داڭلىق ئاكتيور.40 - يىللاردا شاڭخەينى بىر مەھەل زىلزىلىگە سالغان، ئەپسۇس، ئۇزاق ئۆتمەي زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قازا قىلغان. لەن شۈيجاۋ، شېڭ (يىگىت) نىڭمۇ، دەن (قىز) نىڭمۇ رولىنى ئېلىشقا ماھىر ئىدى، ئۇنىڭ ئورۇندىشى سالماق، ئاۋازى سىلىق ھەم كۈچلۈك بولۇپ، «ليۇيى چۈەنشۇ» (书传毅柳) تىياتىرىنى ئويناپ داڭق چىقارغان. جاڭ گۇيفېڭ لاۋشېڭ (بوۋاي) بىلەن لاۋدەن (موماي) رولىنى ئالاتتى، ئاۋازى ياڭراق بولۇپ، جۇ گۇڭيۈەن، سۈي خانىم قاتارلىق روللارنى ئوينىغان. شۈي تيەنخۇڭ لاۋشېڭ (بوۋاي) رولىنى ئالاتتى، ئاۋازى يۇقىرى، جاراڭلىق، ئورۇندىشى نەپىس، سالماق بولۇپ، جيا جېڭ قاتارلىق ئوبرازلارنى ياراتقان. ۋۇ شياۋلۇ، يىگىت رولىنى ئالاتتى، خۇڭ شيۇچۈەن قاتارلىق روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىغان.
«ئون ئاچا - سىڭىل» دىن سىرت يەنە30 - يىللاردىكى «يۆجۈي خانىشى» دەپ نام ئالغان ياۋ شۈيجۈەنمۇ بار، ئۇ ئوماق، شاش قىزلارنىڭ رولىنى ئېلىشقا ماھىر بولۇپ، يەن لەنجېن رولىنى ئويناپ داڭق چىقارغان. ۋېي ياشيەن ئۆزىنىڭ ئاۋاز شارائىتىغا ئاساسەن، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، روشەن ئۇسلۇبقا ئىگە «ۋېي ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. يۆجۈي تىياتىرىدىكى ئوماق، شاش قىزلارنىڭ رولىنى ئېلىشتا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەنلەردىن يەنە ۋاڭ ۋېنجۈەن، لۇ رۇييىڭ، جىن سەيفېڭ قاتارلىقلارمۇ بار.80 - يىللاردا يەنە بىر تۈركۈم «يۆجۈي گۈللىرى» مەيدانغا چىققان.