سەھنىدىكى روللارنىڭ تۈر - خىللىرى
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
شىچۈي تىياتىر سەھنىسىدىكى روللار ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭدا360 خىل كەسىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بار. جۇڭگو شىچۈي تىياتىرىدا ئەسەردىكى پىرسوناژلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان جىنسى، يېشى، سالاھىيىتى ۋە خاراكتېرىگە قاراپ، شېڭ، دەن، جىڭ، چوۋ (生، 旦، 净، 丑 ئەرلەر، ئاياللار، چىپار يۈزلۈكلەر، ئاق قاڭشارلىقلار)دىن ئىبارەت مۇقىملاشقان تۆت خىل رول خىلىغا ئايرىلىدۇ. ئاكتيور مەخسۇس بىر خىلدىكى رولنى ئوينايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، شېڭ، دەن، جىڭ، چۇ دېگەن تۆت خىل رول كەسپى شەكىللەنگەن. ھەر بىر رول كەسپىنىڭ قائىدىلىك، ئىنچىكە ئىش تەقسىماتى بار.
«شېڭ (生)» ئەرەنچە روللارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلارنىڭ رولىغا چىقىدىغانلار لاۋشېڭ (生老) دەپ ئاتىلىدۇ، ساقال تاقىغانلار شۈيشېڭ (生须)، خۇزىشېڭ (生子胡) دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن «قۇرۇق شەھەر ھىيلىسى» دىكى جۇگېلياڭ. ئاكتيورلۇق سەنئىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە، يەنە چاڭگۇڭ لاۋشېڭ (生老功唱 ناخشا ئېيتىدىغان بوۋاي)، زوگۇڭ لاۋشېڭ (生老工做 ھەرىكەت قىلىدىغان بوۋاي) ۋە كاۋبا لاۋشېڭ (生老把靠 چامباشلىق قىلىدىغان بوۋاي) قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ، ساقال تاقىمايدىغان، ياشلار رولىغا چىقىدىغانلار شياۋشېڭ (生小) دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن «غەربىي ھۇجرىدىكى مۇھەببەت» تىكى جاڭ شېڭغا ئوخشاش. رولنىڭ سالاھىيىتى، خاراكتېرى ۋە ماھارەت ئالاھىدىلىكى بويىچە، يەنە جىنشېڭ (生巾)، گۇەنشېڭ (生冠)، چيۇڭشېڭ (生穷)، جېۋېيشېڭ (生尾稚) ۋە ۋۇشياۋشېڭ (生小武) لارغا ئايرىلىدۇ، ئۇنىڭدا چامباشلىققا ماھىر ياش، قاۋۇللارنىڭ رولىغا چىقىدىغانلار ۋۇشېڭ (武生) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەنە چاڭكاۋ ۋۇشېڭ (生武靠长 مەسىلەن، جاۋيۈنگە ئوخشاش) ۋە دۇەنكاۋ ۋۇشېڭ (生武靠短) (مەسىلەن، ۋۇسۇڭغا ئوخشاش) دېگەن تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. بالىلار رولىغا چىقىدىغانلار ۋاۋاشېڭ (生娃娃) دەپ ئاتىلىدۇ.
«دەن (旦)» ئايالچە روللارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۇ ئالىدىغان رولنىڭ يېشى، سالاھىيىتى، خاراكتېرى ۋە ئورۇنداش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، جېڭدەن (旦正)، خۇادەن (旦花)، تيېدەن (旦贴)، گۇيمىندەن (旦门闺)، ۋۇدەن (旦武)، لاۋدەن (旦老) ۋە سەيدەن (旦彩) دەپ يەتتە خىلغا ئايرىلىدۇ. جېڭدەن (چىڭيى 衣青)، ئاساسلىقى خاراكتېرى چۇس، سالاپەتلىك قىز ۋە ئوتتۇرا ياش ئاياللارنىڭ رولىنى ئالىدۇ، مەسىلەن، چىن شياڭليەنگە ئوخشاش؛ خۇادەن شوخ، ئوماق ياكى گەپكە ئۇستا شاش قىزلارنىڭ رولىنى ئالىدۇ، مەسىلەن، «بىلەزۈك تېپىۋېلىش» تىكى سۈن يۇجياۋغا ئوخشاش؛ تيېدەن شۇ ئويۇندىكى قوشۇمچە دەنجياۋ (رول)، يەنى كۆپىنچە دېدەك رولىنى ئالىدىغانلارغا قارىتىلىدۇ؛ گۈيمىندەن ياش قىزلار رولىنى ئالىدۇ، مەسىلەن، «مۇدەنتىڭ شىپىڭى» دىكى دۇلىنياڭغا ئوخشاش؛ ۋۇدەن چامباشلىققا ماھىر ئاياللارنىڭ رولىنى ئالىدۇ، مەسىلەن، مۇ گۇييىڭغا ئوخشاش؛ لاۋدەن ياشانغان ئاياللارنىڭ رولىنى ئالىدۇ، مەسىلەن، يۈي تەيجۈنگە ئوخشاش؛ سەيدەن ئاياللار ئىچىدىكى كومېدىيىلىك، ساتىرىك روللارنى ئالىدۇ، ئۇ بەزىدە چۇدەن (旦丑) ، چۇپوزى (子婆丑) دەپمۇ ئاتايدۇ، مەسىلەن، ئويۇنلاردىكى دەللالنىڭ رولى مۇشۇ خىلغا كىرىدۇ.
«جىڭ (净)» ئادەتتە خۇاليەن دەپ ئاتىلىپ، كۆپىنچە خاراكتېرى، پەزىلىتى ياكى چىراي - تۇرقى ئالاھىدە بولغان ئەر پېرسوناژلارنىڭ رولىنى ئالىدۇ. يۈزىگە ليەنپۇ (谱脸 چىپار نەقىشلىك) گىرىمىنى قىلىدۇ، ئاۋاز تۈسى ياڭراق بولۇپ، مەردانە ئوينايدۇ. ئۇ پېرسوناژنىڭ سالاھىيىتى، خاراكتېرى ۋە ماھارەت ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ: داخۇاليەن (脸花大) − ناخشا ماھارىتىنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن، باۋ جىڭغا ئوخشاش؛ ئېرخۇاليەن (脸花二) ھەرىكەت ماھارىتىنى ئاساس قىلىدۇ، مەسىلەن، ساۋ ساۋغا ئوخشاش. ئېرخۇاليەن يەنە ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ: ۋۇخۇاليەن (脸花武) چامباشلىق ماھارىتىنى ئاساس قىلىدۇ، مەسىلەن، ياڭ چىلاڭغا ئوخشاش؛ يۇخۇاليەننىڭ (脸花油) ئوبرازى غەلىتە بولىدۇ، مەسىلەن، «جۇڭ كۇينىڭ سىڭلىسىنى ياتلىق قىلىشى» (妹嫁馗钟) دىكى جۇڭ كۇيغا ئوخشاش.
«چوۋ (丑)» كومېدىيىلىك روللارغا قارىتا ئېيتىلىدۇ. ئۇ قاڭشىرىغا ئاق رەڭ سۈرتۈلگەنلىكتىن، ئادەتتە شياۋخۇاليەن (脸花小) ۋە يەنە سەنخۇاليەن (脸花三) دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنئەنىۋى شىچۈي تىياتىرلىرىدا چوۋ جياۋ رولىغا چىقىدىغانلارنىڭ ئوينايدىغان روللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سۆزى يۇمۇرلۇق، ھەرىكىتى قىزىقارلىق بولىدۇ، ئۇنىڭدا ئاق كۆڭۈل پېرسوناژلارمۇ بار؛ ساختىپەز، كاززاپ، لولا، مۇتتەھەم، بېخىل، پەسكەش پېرسوناژلارمۇ بار. پېرسوناژنىڭ سالاھىيىتى، خاراكتېرى ۋە ماھارەت ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئۇ يەنە 丑文 (سىپايە قىزىقچى) ۋە 丑武 (چامباشچى قىزىقچى) دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.