سەھنە
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
جۇڭگو شىچۈي تىياتىرىنىڭ ئويۇن قويۇش، كۆرۈش سورۇنىنىڭ تارىختا ئوخشاش بولمىغان شەكىل ۋە ناملىرى بولغان، ئوچۇقچىلىقتىكى سەھنە، بۇتخانا سەھنىسىدىن بۈگۈنكى رەسمىي سەھنىگە تەرەققىي قىلغان.
ئىپتىدائىي ناخشا - ئۇسسۇلدىن قۇللۇق جەمئىيەتتىكى خەلق ناخشا - ئۇسسۇللىرىغىچە، ئومۇمەن تەبىئىي يەر شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئويۇن قويغان. تۆت ئەتراپى ئېگىز، ئوتتۇرىسى پەس ياكى ئوتتۇرىسى ئېگىز، تۆت ئەتراپى پەس بولغان تەبىئىي مەيدانلاردا ئويۇن قويۇلسا، كىشىلەرنىڭ كۆرۈشىگە قۇلايلىق بولىدۇ. مانا بۇ بىنالاشتۇرۇلمىغان چاغدىكى ئىپتىدائىي ئوچۇقچىلىقتىكى سەھنە ئىدى.
ئويۇن قويۇش، كۆرۈش سورۇنىنى بىنالاشتۇرۇش، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلانغان. ئاۋۋال پەيدا بولغىنى كۆرۈش پېشايۋىنى بولۇپ، ئۇ تاماشىبىنلار ئورنىنىڭ قۇرۇلۇشى بويىچە كۆپىنچە خان - پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئېگىزدە ئولتۇرۇپ، پەستىكى ئويۇننى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن سېلىنغان، ئادەتتىكى پۇقرالار پەقەت ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئېگىزرەك يەرلەرگە چىقىۋېلىپ كۆرەتتى. تاڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ، سەھنىمۇ بىنالاشتۇرۇلدى. مۇزىكا پېشايۋىنى ئورۇندىغۇچىلارنىڭ ئويۇن قويۇشى ئۈچۈن سېلىنغان ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىق سەھنە ئىدى. تاڭ سۇلالىسىدىكى شېئىرلاردا تىلغا ئېلىنغان «ناخشا سەھنىسى» مۇ مەخسۇس ناخشا - ئۇسسۇل ئورۇنداش سەھنىسى ئىدى.
سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، دائىم شەھەر ئاھالىسىگە شىچۈي تىياتىرى قويۇپ بەرگىلى بولىدىغان تىجارەت خاراكتېرلىك تىياتىرخانا - گوۋ لەن (栏勾) پەيدا بولۇپ، ئورۇنداش سەھنىسى، مۇزىكا پېشايۋىنى ۋە تاماشىبىنلار پېشايۋىنى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئويۇن قويۇش، كۆرۈش سورۇنى بىنالاشتۇرۇشقا قاراپ ماڭدى. گوۋلەننىڭ ئورۇنداش سەھنىسى تىياتىر قويۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەسلىدىكى ئوچۇقچىلىقتىكى سەھنىنى تۆت ئەتراپتا تۇرۇپ كۆرۈشتىن، ئۈچ تەرەپتىن كۆرۈشكە ئۆزگەرتىلدى، بىر تەرىپى ئارقا سەھنە قىلىشقا قالدۇرۇلۇپ، پەردە ياكى توسۇق بىلەن توسۇلدى، ئىككى يانغا ئاكتيورلارنىڭ سەھنىگە كىرىش - چىقىش ئورنى تەييارلاندى. شۇنىڭ بىلەن مەملىكىتىمىز شىچۈي تىياتىرخانىسى ئاساسەن شەكىللەندى. يېزىلاردىكى سەھنە بۇتخانا بىلەن بىرلىشىپ كەتكەچكە، بۇتخانىدىكى سەھنە دەپ ئاتالدى. جەنۇبتىكى سۇ كۆپ جايلاردا، سۇ ئۈستىگە سېلىنغان سەھنىلەرمۇ بولۇپ، بۇ «سۇ ئۈستى سەھنىسى» دەپ ئاتالغانىدى.
مىڭ سۇلالىسى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، شىچۈي تىياتىر سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىچۈي تىياتىرخانىلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئومۇمەن ئالغاندا، بۇتخانىدىكى سەھنە، شەخسىي قورۇدىكى ئويۇن سەھنىسى، ئوردا تىياتىرخانىسى ۋە تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇنخانىلارغا ئايرىلىدۇ. ئەڭ ھەشەمەتلىكى ئوردا تىياتىرخانىسى بولۇپ، يۈزى ئۈچ قەۋەت بولغان چوڭ سەھنە ئىدى، بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ سارىيى ۋە يىخېيۈەن باغچىسىدا ئۈچ قەۋەتلىك سېلىنغان چوڭ سەھنە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن، ئۇنىڭغا تاختايلىرى ھەرىكەتچان، مېخانىكىلىق ئەسۋاب ئورنىتىلغاچقا، ئۇ ئاكتيورلارنى يۇقىرىغا چىقىرالايتتى، پەسكە چۈشۈرەلەيتتى، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىدىن كېيىن گوۋ لەن تەدرىجىي خارابلاشتى. ئۇنىڭ ئورنىنى مەيخانا، چايخانا قاتارلىق تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇنخانىلار ئىگىلىدى، تاماشىبىنلار چاي ئىچكەچ ئويۇن كۆرىدىغان بولدى. تاماشىبىنلارنىڭ ئورنى ئىككى قەۋەت بولۇپ، ئۈستۈنكى قەۋىتى «ئەمەلدارلار ئورنى»، تۆۋەنكى قەۋىتى پۇقرالار ئورنى قىلىندى. تۆۋەنكى قەۋەتتە ئولتۇرغان تاماشىبىنلار دەسلەپتە ئۇزۇنىسىغا قويۇلغان ئۇزۇن شىرەلەردە بىر - بىرىگە ئۇدۇل ئولتۇرۇپ، سەھنىگە يانتۇ قاراپ ئويۇن كۆرەتتى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، تاماشىبىنلار سەھنىگە ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئويۇن كۆرىدىغان بولدى.20
- ئەسىرنىڭ باشلىرى، شەھەردىكى تىجارەت خاراكتېرلىك تىياتىرخانىلار، كونا شەكىلدىكى چايخانىدىن يېڭى شەكىلدىكى شىچۈي تىياتىرخانىسىغا ئۆزگەردى. مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى زامانىۋى تىياتىرخانىسى1908 - يىلى سېلىندى. يېڭى شەكىلدىكى تىياتىرخانا بىلەن كونا شەكىلدىكى چايخانىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۈچ تەرىپى ئېچىۋېتىلگەن سەھنە چەت ئەللەردە سېلىنىۋاتقان رامكا شەكىللىك سەھنىگە ئۆزگەرتىلدى، تاماشىبىنلارنىڭ ئورنى ئالدى رەتتىن كەينى رەتكە قاراپ تەدرىجىي كېڭەيدى ھەمدە چىراغ سەپلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ شىچۈي تىياتىرىدىن ھۇزۇرلىنىش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. كېيىنچە، پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەندى.