UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىيۆ جېنفېي

يۆ جېنفېي

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى يۆ جېنفېي (1902 ~1993 )، كۇنچۈي تىياتىر ئاكتيورى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادىسى داڭلىق كۇنچۈي تىياتىر ئاكتيورى بولۇپ، «يۆ پەي ئېقىمى» نى بەرپا قىلغان. ئۇ ئالتە يېشىدىن باشلاپ دادىسىدىن كۇنچۈي ناخشىلىرىنى ئۆگەنگەن ھەمدە كۇنچۈي تىياتىر پېشقەدەملىرىدىن ئورۇنداش سەنئىتىنى ئۆگەنگەن،14 يېشىدا ئىشتىن سىرتقى ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان.29 يېشىدا كەسپىي ئاكتيور بولۇپ، مېي لەنفاڭ، چېڭ جيەنچيۇ، جۇ شىنفاڭ، ما ليەنلياڭ، جاڭ جۈنچيۇ قاتارلىقلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت بىرلىكتە ئويۇن قويغان ھەم كۆپ قېتىم چەت ئەللەرگە چىقىپ ئويۇن قويۇپ، خەلقئارادا نام قازانغان. يۆ جېنفېينىڭ ئاۋازى تەبىئىي ياخشى بولۇپ، ناخشا ئېيتقاندا، «تېكىست، ئاۋاز، نەپەس، بۇغدىيەك» كە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاۋازى رىتىملىق، تەلەپپۇزى ئېنىق بولغان ناخشا ئېيتىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ، «يۆ ئېقىمى» نىڭ ناخشا ئېيتىش قائىدىسىنى راۋاجلاندۇرغان. ئۇ شائىرلىق، خەتتاتلىق، رەسساملىققا كامىل، نەي چېلىشقا قادىر بولۇپ، پۇراق چىقىرىش، بارماق بېسىش ئۇسۇلى، ئاھاڭغا قاراپ نەپەس ئىشلىتىش جەھەتلەردە يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە بولغان. يۆ جېنفېي ئادەتتە شياۋشېڭ (يىگىت) رولىنى ئالاتتى، بولۇپمۇ جىنشېڭ رولىنى ناھايىتى ياخشى ئويناپ، زىيالىيچە يېڭى ئۇسلۇبتا ئىپادىلىشى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىدى. ئۇ ئوينىغان تىياتىرلار، كۇنچۈي تىياتىرلىرىدىن «مۇدەن گۈل شىپىڭى، چاڭ شېڭديەن، تەي بەينىڭ مەست بولۇشى، تامدىكى ئات ئۈستىدە» قاتارلىقلار؛ جىڭجۈي تىياتىرلىرىدىن «قەھرىمانلارنىڭ ئۇچرىشىشى، غەلىتە جۈپلەرنىڭ ئۇچرىشىشى، يۈيتاڭدا باھار، باھار ۋە كۈزدىكى ھەمراھلار» قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى