UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىكۇنجۈي تىياتىرى

كۇنجۈي تىياتىرى

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى كۇنجۈي تىياتىرى ناخشا تېكىستى نەپىس، ئورۇندىشى سىلىق، مۇزىكىسى يېقىملىق بولۇشنى خاس ئالاھىدىلىك قىلغان. ئۇنىڭ قېلىپلاشقان ئورۇنداش شەكلى ۋە ماھارىتى، ئاۋازى ۋە ئاھاڭى، ھەتتاكى بىر قىسىم تىياتىر نومۇرلىرىنى جىڭجۈي تىياتىرى ۋە نۇرغۇنلىغان يەرلىك تىياتىرلار كۆپلەپ قوبۇل قىلغان. شۇ ۋەجىدىن ئۇ «بوۋا تىياتىر» دېگەن نام بىلەن قەدىرلىنىپ كەلگەن. كۇنجۈي تىياتىرى (كۇنچۈي، كۇنچياڭ، كۇنشەنچياڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمىي ئاۋازلىق تىياتىرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ خەييەنچياڭ (腔盐海)، يۈيياۋچياڭ (腔姚余)، يىياڭچياڭ (腔阳弋) بىلەن قوشۇلۇپ «تۆت چوڭ ئاۋاز» (腔声大四) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بارلىققا كەلگەن، جەنۇب تىياتىرى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۇنشەن تېغى ئەتراپىغا تارقىلىپ، شۇ جايدىكى يەرلىك تاۋۇش ۋە مۇزىكا بىلەن بىرلىشىپ، يېڭىدىن بىر خىل ئاۋاز چىقىرىش ئۇسلۇبىنى ياراتقاچقا، ئۇ كۇنچياڭ (腔昆) دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاھاڭلىرى يېقىملىق، نەپىس بولغاچقا، «تۈگمەن ئاۋازى» (腔磨水) دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان، ئۇنىڭغا نەي، تىك نەي، شىڭ (笙)، سۇناي ۋە باربىت، سەنشيەن ھەمدە دۇمباق، پالاق (板)، جاڭ قاتارلىق چالغۇلار تەڭكەش قىلىنىدۇ. ئۇ رىۋايەتلىك سەھنە ئەسەرلىرىنى ئويناشنى ئاساس قىلىدۇ. ئورۇنداش جەھەتتە ھەرىكىتى گۈزەل، ئۇسسۇلچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن. سەھنە سەنئىتى جەھەتتە، سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرىدىن بۇيانقى شىچۈي تىياتىر مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئەڭ مۇكەممەل بولغان مىللىي شىچۈي تىياتىرى ئورۇنداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. كۇنجۈي تىياتىرى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۇنشەن دېگەن يېرىدىن باشلاپ جياڭسۇ، جېجياڭ ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە يېتىپ بېرىپ، ئاخىرى بېيجىڭغا تارقالغان. تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىپ مەملىكەت خاراكتېرلىك تىياتىرغا ئايلىنىپ، «ئوردا ئاۋازى» (腔宫) دەپمۇ ئاتالغان ھەمدە بېيكۇن (昆北 شىمالىي كۇنجۈي تىياتىرى)، شياڭكۇن (昆湘 خۇنەن كۇنجۈي تىياتىرى)، چۈەنكۇن (昆川 سىچۇەن كۇنجۈي تىياتىرى)، نىڭكۇن (昆宁) نىڭشيا كۇنجۈي تىياتىرى( قاتارلىق تارماق ئېقىملارغا بۆلۈنۈپ، بىر خىل كەڭ كۆلەملىك كۇنجۈي تىياتىر ئاۋاز سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە كەلگەندە، يەرلىك شىچۈي تىياتىرلىرى ئەۋج ئېلىپ، نەپىس كۇنجۈي تىياتىرى زاۋاللىققا يۈزلەندى.1952 - يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ كۇنجۈي تىياتىر ئۆمىكى كلاسسىك ئەسەر «ئون بەش تىزىق يارماق» )贯五十( نى رەتلەپ، ئۆزگەرتىپ سەھنىدە قويۇپ، قەدىمكى كۇنجۈي تىياتىرىنى قايتىدىن تىرىلدۈردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەرقايسى جايلار «مۇدەن گۈل شىپىڭى» (亭丹牡)، «غەربىي باغچە خاتىرىسى» (记园西)، «تەيبەينىڭ مەست بولۇشى» (酒酸白太) «تامدىكى ئات ئۈستىدە» (上马头墙) ناملىق ئەنئەنىۋى تىياتىرلارنى رەتلەپ سەھنىدە قويۇش بىلەن بىللە يەنە «قىزىل شەپەق»، «چيۇڭخۇا» قاتارلىق ھازىرقى زامان تىياتىرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ئورۇندىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى
كۇنجۈي تىياتىرى | UyghurWiki | UyghurWiki