ھەجۋىي تىياتىر
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
شىچۈي تىياتىر سەھنىسىدە، تۇرمۇشتىكى ۋەقەلەر ۋە پېرسوناژ خاراكتېرىنى مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلىدا ئىپادىلەپ، كىشىلەرنى كۈلدۈرىدىغان بىر خىل تىياتىر بار بولۇپ، ئۇ ھەجۋىي تىياتىر (戏稽滑) دېيىلىدۇ.
ھەجۋىي تىياتىرنىڭ تەكتى يەككە كىشىلىك ئويۇندىن كەلگەن.1921 - يىلى بىر قېتىملىق سەنئەتكارلار يىغىلىشىدا، شاڭخەي مەدەنىي تىياتىر ئاكتيورى ۋاڭ ۋۇنىڭ (能无王) ئورۇندىغان يالغۇز كىشىلىك قىزىقچىلىق نومۇرى قىزغىن قارشى ئېلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ رەسمىي ئېلان چىقىرىپ «يالغۇز كىشىلىك ئويۇن» قويدى، بۇ «قىزىقچىلىق» دەپمۇ ئاتالدى. ئۇنىڭغا ئۇلاپ يەنە جياڭ شياۋشياۋ، ليۇ چۈنشەنمۇ قىزىقچىلىق نومۇرلىرىنى ئورۇندىدى، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئۇسلۇبى بىر - بىرىگە ئوخشاشمايتتى، شۇڭا، «ئۈچ چوڭ قىزىقچى» دەپ ئاتالدى. كېيىن ئاكتيورلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، يالغۇز كىشىلىك ئورۇنداشتىن «قوش كىشىلىك» ۋە «كۆپ كىشىلىك» ئورۇنداشقا تەرەققىي قىلدى.20 - ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىنىڭ بېشىدا جياڭ شياۋ شياۋ، باۋ لېلې، ياڭ تيەنشياۋ، جاۋ باۋشەن قاتارلىق قىزىقچى ئاكتيورلار مەدەنىي تىياتىر ئاكتيورلىرى بىلەن بىرلىشىپ، سۇجۇ شەھىرىنىڭ سەھنىسىدە چوڭ تىپتىكى ھەجۋىي تىياتىر «بىر قاچا ئاش» نى ئورۇنداپ چىقتى. مانا بۇ «قىزىقچىلىق» تىن ھەجۋىي تىياتىرغا تەرەققىي قىلغان تۇنجى تىياتىر ئەسىرى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەجۋىي تىياتىر ئۆمەكلىرى كەينى - كەينىدىن قۇرۇلۇپ، ھەجۋىي تىياتىر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلاردا يەرلىك شىچۈي تىياتىرىنىڭ بىر خىلىغا ئايلاندى. ھازىر شاڭخەي، سۇجۇ، ۋۇشى، چاڭجۇ، خاڭجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدە ھەجۋىي تىياتىر ئۆمىكى قۇرۇلدى، داڭلىق ئاكتيورلىرىدىن ياۋمۇشۇاڭ، جۇ بەيچۈن، يۈەن يىلىڭ، ياڭ خۇاشېڭ قاتارلىقلار يېتىشىپ چىقتى.
ھەجۋىي تىياتىر كومېدىيە، ساتىرىك كومېدىيە ئويناشنى ئاساس، كىشىلەرنى كۈلدۈرۈشنى خاس ئالاھىدىلىك قىلىدۇ. ۋەقەلىكنىڭ قىزىقارلىق بولۇشىغا ئېتىبار بېرىدۇ، ئۇقۇشماسلىق ۋە تاسادىپىيلىقتىن پايدىلىنىپ، مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلى، يۇمۇرلۇق ئورۇنداش ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ تىياتىردىكى پېرسوناژلار ھەرقايسى جايلارنىڭ يەرلىك تىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىۋېرىدۇ، ھەرخىل ئاھاڭلارغا سېلىپ ئېيتىۋېرىدۇ، ھەرخىل ئېقىمدىكىلەرنى دورايدۇ، چالغۇلار تەڭكەش قىلىنىدۇ، تىياتىر مەزمۇنى كۆپىنچە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى خام ماتېرىيال قىلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى تىياتىر نومۇرلىرىدىن «نوپۇس تەكشۈرۈش»، «كىچىك شەندۇڭلۇقنىڭ شاڭخەيگە كېلىشى» قاتارلىقلار بار ئىدى. يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە، ئىلگىرىكى ئورۇنداشلىرىدا چاكىنا، پەسكەش، شەھۋانىي ھەۋەسلەر ئارىلىشىپ قالغانىدى. كېيىنچە، «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، كونىدىن يېڭىنى چىقىرىش» فاڭجېنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەجۋىي تىياتىر ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەندى، رەتلەنگەن ۋە ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ئەنئەنىۋى تىياتىر نومۇرلىرىدىن «72 ئۆيلۈك مېھمان» (家二十七客房)، «سەنماۋنىڭ تىجارەت ئۆگىنىشى» (意生学毛三)، ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نومۇرلىرىدىن «ھەممە باغدا باھار» (色春园满)، «رازىمۇ، ئەمەسمۇ؟» (意满不意满)، «ھايات ئۆتكىلى» (关交命性) قاتارلىقلار ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلدى.