قول، كۆز، بەدەن، قەدەم، ئۇسۇل
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
بۇ شىچۈي تىياتىر ئورۇنداش سەنئىتىنىڭ بەش خىل تېخنىكىلىق ئۇسۇلى بولۇپ، ئادەتتە «بەش ئۇسۇل» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ شىچۈي تىياتىر ئورۇنداشتىكى ئېيتىش، سۆزلەش، ھەرىكەت قىلىش، ئېلىشىش قاتارلىق تۆت خىل ئاساسىي بەدىئىي ماھارەت بىلەن بىرلىشىپ «تۆت ماھارەت، بەش ئۇسۇل» دەپ ئاتىلىدۇ.
«قول» − قول ھەرىكىتىگە قارىتىلىدۇ، ئۇ رولنىڭ يېشى، سالاھىيىتىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، يۈنشۇ (手云 − قولنىڭ ئاددىي بىرىكمە ھەرىكىتى − ت) ھەرىكىتىدە ئىككى قول، ئىككى بىلەكنىڭ ئۆزئارا ماسلاشقان ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇسسۇللاشقان قىياپەت شەكىللىنىپ، ئوخشاش بولمىغان پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىدۇ. يەنە مىسال ئالساق، ئاكتيور قولىدىكى يەلپۈگۈچ، قولياغلىق بىلەن خىلمۇخىل ھەرىكەتلەرنى چىقىرىپ، ئوخشاش بولمىغان روللارنىڭ ئىدىيە - ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تاج تۈزەش، چېكە چاچ تۈزەش، ساقال سىيپاش، يەڭ سىلكىش، يەڭ ئۆرۈش، يەڭ چۆرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشتىكى چىراي تۈزەش، كىيىم تۈزەش ھەرىكەتلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش، مۇبالىغە قىلىشتىن شەكىللەنگەن قول ھەرىكەتلىرىدۇر.
«كۆز» − كۆز ئىپادىسىگە قارىتىلىدۇ، تىياتىردا كۆز ئىپادىسى ئارقىلىق رولنىڭ خۇشاللىق، غەزەپ، قايغۇ ۋە خاتىرجەملىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پېرسوناژنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئېچىپ بەرگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاساسلىق رول سەھنىگە چىققاندا ياكى سەھنىدىن چۈشىدىغان چاغدا − شۇنىڭدەك بىر بۆلەك ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئاخىرلاشقاندا قىسقىغىنا بىر توختاش بولۇپ، ھەيكەلسىمان بىر قىياپەت ئىپادىلىنىدۇ، بۇ «لياڭشياڭ» (相亮 − قىياپىتىنى كۆرسىتىش − ت) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ چاغدىكى كۆز ئىپادىسى پېرسوناژنىڭ روھىي ھالىتىنى تېخىمۇ مەركەزلىك ھەم گەۋدىلىك نامايان قىلىدۇ.
«بەدەن» − بەدەن ھەرىكىتىگە، ئاكتيورنىڭ سەھنىدە ئورۇندايدىغان ئۇسسۇللاشقان ھەر خىل بەدەن ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلىدۇ. بۇ قول كۆتۈرۈپ، پۇت ئېتىش، ئاتقا مىنىش، ئاتتىن چۈشۈش، ساقال سىيپاپ، يەڭ چۆرۈش، لياڭشياڭ قىلىش، نەزەر تاشلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىچۈي تىياتىرىدىكى بەدەن ھەرىكەتلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرىكەتلەر ئاساسىدا، بەدىئىي پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق گۈزەللەشتۈرۈلگەن، مۇبالىغە قىلىنغان ۋە تاللىۋېلىنغان ھەرىكەتلەردۇر.
«قەدەم» − قەدەم ئېلىش ئۇسۇلىغا قارىتىلىدۇ. شىچۈي تىياتىرىدا، پېرسوناژنىڭ جىنسى، يېشى، سالاھىيىتى شۇنىڭدەك ئەسەردە بەلگىلەنگەن شارائىت پەرقىگە قاراپ، ھەرقايسىسىنىڭ قەدەم ئېلىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شياۋشېڭ (生小 يىگىت) نىڭ قەدىمى بىمالال، ئەركىن بولىدۇ، خۇادەن (旦花 قىز) نىڭ قەدىمى يەڭگىل بولىدۇ. خۇاليەن (脸花 چىپار يۈزلۈكلەر) نىڭ قەدىمى مەردانە بولىدۇ. قەدەم ئېلىش ئۇسۇلىمۇ خىلمۇخىل بولىدۇ، سالقىن شامالدا ئاستا - ئاستا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتتەك بۇلۇت قەدەم (步云)، پېرسوناژ ئالدىراپ - تېنەپ ماڭغاندىكى تاقلىما قەدەم (步蹉)، كۆڭلى ئالاقزادە بولۇپ يىقىلغاندىن كېيىن يەنە ئالدىغا ماڭغان تىزلانما قەدەم(步蹉)، مەست ئادەمنىڭ پۇتىنى سۆرەپ ماڭغان مەستخۇش قەدەم (步酸) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئاكتيور تۇرمۇشتىن تاللىۋېلىپ، ئىجادىي ئۇسسۇللاشقان قەدەمگە ئۆزگەرتىپ چىققان.
«ئۇسۇل» − بۇنى بەزىلەر «قول، كۆز، بەدەن، قەدەم» قاتارلىق تۆت خىل تېخنىكا ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن ئورۇنداش ئۇسۇلى دەيدۇ. يەنە بەزىلەر، «法» «ئۇسۇل» ئەسلىدە «发» (چاچ) نىڭ ئورنىغا خاتا كىرىپ قالغان، بۇ شىچۈي تىياتىر ئورۇنداشتىكى «چاچ ئوينىتىش» تېخنىكىسىغا قارىتىلغان دەيدۇ. ئاكتيور چېچىنى ئوينىتىش ياكى چاچ ئۆرۈمى ئارقىلىق پېرسوناژنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ خىل ئورۇنداش تېخنىكىسى« چاچ ئوينىتىش گۇمپىسى» دەپ ئاتىلىپ، يانغا تاشلاش، يۇقىرىغا قايرىش، قايتۇرۇپ كېلىش، چۆرگىلىتىپ يۆگەش، ئايلاندۇرۇش، ئالدىغا تاشلاش قاتارلىق كۆپ خىل چاچ ئوينىتىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: «كۆمۈر تاغ غەزىپى» دىكى پادىشاھ چۇڭ جېننىڭ چاچ ئوينىتىشىنى ئالساق، ئاۋۋال ئوڭ - سولغا يۆگەپ ئايلاندۇرىدۇ، كېيىن بىراقلا چوققىسىدا تىك تۇرغۇزۇپ، كۈنلۈك ھالىتىدە يېيىپ چۈشۈرۈپ يۈزىنى توسۇۋالىدۇ، ئۇ بۇ ھەرىكەتنى ئالاھىدە تېخنىكىغا ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت مۇنقەرز بولغانغا قارىتا ھەسرىتىنى ئىپادىلىگەن.