شىچۈي تىياتىر كىيىملىرىنىڭ قائىدە - يوسۇنى
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
ئەنئەنىۋى شىچۈي تىياتىر نومۇرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تارىخىي ھېكايىلەرنى خام ماتېرىيال قىلىپ، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرگەن. خان - پادىشاھ، قوماندان - ۋەزىر، ئۆلىما ۋە نازىنىنلارنى شۇنىڭدەك ئۈچ تەربىيە، توققۇز دەرىجە (流九教三) دىكى ھەر خىل شەخسلەرنى ئىپادىلىگەن. ئوخشاش بولمىغان دەۋرنىڭ ۋە تۇتقان ئورنى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ كىيىم - كېچىكى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر خىل روللارنى ئويناشقا نۇرغۇن كىيىم - كېچەك كېتىدۇ، بىراق ئەينى چاغدا خەلق ئارىسىدىكى ئويۇن قويۇش بەنزىلىرىنىڭ ساندۇقىدىكى كىيىملەر چەكلىك ئىدى. بۇ ئىش شىچۈي تىياتىر سەنئەتكارلىرىنى ئويۇن كىيىمىنى كىيىش جەھەتتە بىر يۈرۈش قائىدە - يوسۇنلارنى بېكىتىپ چىقىشقا مەجبۇرلىدى. كەسىپتىن خەۋىرى بار تاماشىبىنلار ئاكتيور كىيگەن دۇبۇلغا، ئويۇن كىيىمى، ئويۇن ئايىغى قاتارلىق كىيىملەرنىڭ كىيىش شەكلى، رەڭگى، سىزىقلىرى ۋە كيىنىش ئۇسۇلىغا بىر قاراپلا، ئۇ ئالغان رولنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى ۋە خاراكتېر پەزىلىتىنى چۈشىنىۋالالايدۇ. سەنئەتكارلارنىڭ دائىم: «ئەسكىنى كىيىسەم مەيلىكى، خاتا كىيمەيمەن» دېگىنى، ئۇلارنىڭ كىيىنىش قائىدە - يوسۇنلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ئەستايىدىل پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئويۇن كىيىملىرىنىڭ شەكلى، رولىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى بىلدۈرىدىغان مۇھىم بەلگە. باش كىيىمىنى ئالساق، ئۇ تاج، قالپاق، دۇبۇلغا، جىن (巾تۆت بۇرجەك ئاددىي قالپاق) دەپ تۆت خىلغا ئايرىلىدۇ. پادىشاھ تاج كىيىدۇ، مەمۇرىي ئەمەلدار شاماۋ (帽纱 قالپاق) كىيىدۇ، ھەربىي ئەمەلدار دۇبۇلغا كىيىدۇ. كەمبەغەل تالىپ تۆت بۇرجەكلىك قالپاق (巾方) كىيىدۇ. ئوخشاش بىر تاج ياكى قالپاق قانىتىنىڭ شەكلى يۇقىرىغا قارىغان، تۈز، پەسكە قارىغان دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. قانىتى يۇقىرىغا قارىغىنى ئاسمانغا قارىغان قانات دېيىلىدۇ، ئۇنى خان - پادىشاھ ۋە يۇقىرى مەنسەپتىكىلەر كىيىدۇ؛ ئادەتتىكى مەمۇرىي ئەمەلدارلار تۈز قاناتلىق قالپاق كىيىدۇ؛ قانىتى پەسكە قارىغان قالپاقنى ئەمەلسىزلەر كىيىدۇ. ئوخشاش بىر قالپاققا ئالتۇن گۈل قادالسا ئەلىيۇلئەلا (元状) بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يۈرۈشلۈك قانات قوشۇلسا پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئويۇن كىيىمى ماڭ (蟒) (ئەمەلدارلار كىيىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، كاۋ (靠)، پى (披)، جې (褶) قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. ئادەتتە خان - پادىشاھ ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلار ماڭپاۋ (袍蟒) كىيىدۇ، ھەربىي ئەمەلدارلار كاۋيى (衣靠 گەدىنىگە تۆت تۇغ قادالغان ساۋۇت ۋە دۇبۇلغا) كىيىدۇ، پۇقرالار جېيى (衣褶 ئاددىي پۈرمە كىيىم) كىيىدۇ.
شىچۈي تىياتىرىدا ئويۇن كىيىمىنىڭ رەڭگىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ، بىرىنچىدىن، ئۇ مەرتىۋە دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ، خان - پادىشاھ سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيىدۇ، بىرىنچى دەرىجىلىك (品一) ئەمەلداردىن تۆتىنچى دەرىجىلىك (品四) ئەمەلدارغىچە قىپقىزىل رەڭلىك، بەشىنچى دەرىجە (品五) دىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كۆك، يېشىل رەڭلىك كىيىم كىيىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇ ئۆرپ - ئادىتىنى ئىپادىلەيدۇ، توي - مەرىكە سورۇنلىرىدا ئېسىل رەڭلىك كىيىملەر كىيىلىدۇ، جازا مەيدانىدىكى جىنايەتچى قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيىدۇ، ماتەم تۇتقانلار ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇ، شارائىتنى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن، لىن چۇڭ كېچىدە قاترىغاندا قارا رەڭلىك كىيىم كىيىپ، «كېچە» نى گەۋدىلەندۈرگەن؛ تۆتىنچىدىن، ئۇ، روھ، مىجەزنى ئىپادىلەيدۇ، گۇەن يۇينىڭ يۈزى قىزىل، چاپىنى يېشىل بولۇشى، ئۇنىڭ قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ يېتىلگەن ھەم باتۇر، ھەم پاراسەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ؛ بەشىنچىدىن، ئۇ، سەھنىنىڭ بىر پۈتۈن گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدۇ، قوماندان جەڭ پىلانىنى ئېلان قىلغاندا، يېنىدا بىر توپ لەشكەر بېشى قىزىل، يېشىل، ئاق، قارا رەڭلىك جەڭ كىيىمىلىرىنى كىيىپ تۇرىدۇ.
ئويۇن كىيىملىرىدىكى نەقىش نۇسخىلىرى، زىننەتلەش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە. پادىشاھ ئەھلى ۋە ۋەزىرلەرنىڭ كىيىمىگە كۆپرەك ئەجدىھا نۇسخىلىق نەقىشلەر ئىشلىتىلىپ، فېئوداللىق نوپۇز ۋە ئىززەت - ئابرۇيغا سىمۋول قىلىنغان؛ لەشكەر بېشىنىڭ چاپانلىرىغا كۆپرەك يولۋاس، يىلپىز نۇسخىلىق نەقىشلەر ئىشلىتىلىپ، باتۇرلۇققا سىمۋول قىلىنغان؛ قەلەمكەشلەر (生文) نىڭ پۈرمە كىيىمىگە مېيخۇا گۈل، كەترەن گۈل، بامبۇك، جۇخار گۈل نۇسخىلىرىنىڭ نەقىشلىرى چۈشۈرۈلۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ مىجەز - خاراكتېرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن؛ ئوردا مەسلىھەتچىلىرىنىڭ كىيىملىرىگە تەيجى (级太) نۇسخىسى، باگۇا (卦八 رەمنىڭ سەككىز سىمۋوللۇق بەلگىسى − ت) نۇسخىسى چۈشۈرۈلۈشى ئەقىل - پاراسەتكە سىمۋول قىلىنغان.
ئويۇن كىيىمىنىڭ ھەر خىل كىيىلىشى، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋال، ھالەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ. كىيىمىنىڭ ئۈستىگە بىر قىسقا پۈرمە يوپكىنى قاپلاپ كىيىپ، ئىككى قولىنى يوپكىنىڭ پۈرمىسىگە تەگكۈزۈپ ماڭسا، ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا مېڭىۋاتقان ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ؛ قەلەمكەشلەرنىڭ قالپىقىنىڭ ئارقىسىدىكى ئىككى تال لېنتىسىنى قالپاقنىڭ گىرۋىكىگە يۆگەپ، سول يېنىغا چىگىۋالسا، ئۇنىڭ ئالدىراپ - تېنەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ؛ قومانداننىڭ جەڭگە مېڭىش ئالدىدا، ساۋۇتنى چىڭىتىپ، يىلان نۇسخىلىق چاپاننى كىيىشى كىشىگە ئۇرۇش تەييارلىقلىرى ئۈچۈن ئالدىراۋاتقان كەيپىياتنى ئىپادىلەيدۇ.