ياغاچ قونچاق تىياتىرى
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
ياغاچ قونچاق تىياتىرى − قەدىمىي زاماندا قونچاق ئويۇنى (戏儡傀) دەپ ئاتالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پەيدا بولغان، تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە خېلىلا تەرەققىي قىلغان ۋە شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويلىرىدىكى رايونلارغا كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭدا كۆپىنچە تارىخىي، ئەنئەنىۋى تىياتىر ۋە ئەپسانە تىياتىرلار ئوينىلىدۇ، بەزىدە بالىلار تىياتىرى ۋە زامانىۋى تىياتىرلارمۇ ئوينىلىدۇ، بۇنى بالىلار تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
ياغاچ قونچاق تىياتىرى گەرچە كىچىك بىر خىل تۈر بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىدا ئۇنىڭ خەلقئارا ياغاچ قونچاق بىرلەشمە جەمئىيىتى دېگەن مەخسۇس ئورنى بار، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ياغاچ قونچاق تىياتىر ئۆمىكى بار. فرانسىيىنىڭ فىلىپس راندى (带让·蒂浦利菲) ياغاچ قونچاق تىياتىر ئۆمىكى تۆت چوڭ قىتئەنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ ئويۇن قويغان،1983 - يىلى مەملىكىتىمىزگە كېلىپ ئويۇن قويغان. جۇڭگونىڭ ياغاچ قونچاق تىياتىر ئۆمىكىمۇ كۆپ قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ ئويۇن قويغان ھەم خەلقئارا مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ياغاچ قونچاق تىياتىرى، قونچاقنىڭ بەدىنى ۋە ئوينىتىش تېخنىكىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، يىپ بىلەن ئوينىتىلىدىغان قونچاق، تاياق بىلەن ئوينىتىلىدىغان قونچاق، خالتىلىق قونچاق، سىملىق قونچاقتىن ئىبارەت تۆت خىلغا ئايرىلىدۇ، ھەر بىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ئۆزگىچە بولىدۇ.
يىپ بىلەن ئوينىتىلىدىغان قونچاق — قەدىمكى زاماندا يىپەك يىپقا ئېسىپ ئوينىتىدىغان قونچاق دەپ ئاتالغان بولۇپ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۈەنجۇ دېگەن يېرىدە داڭق چىقارغان. قونچاقنىڭ بويى بىر چى (33 سانتىمېتىر) كېلىدۇ، باش ۋە قول - پۇتلىرىغا يىپ تارتىلغان. قونچاق ئويناتقۇچى سەھنىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە تۇرۇپ يىپنى تارتىش ئارقىلىق قونچاقنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئوينىتىشتىكى قىيىنلىق دەرىجىسى خېلى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتىكى روللار ئون نەچچە تال يىپ بىلەن، ئاساسلىق روللار20 −30 تال يىپ بىلەن تارتىپ ئوينىتىلىدۇ، ئىلگىرى بىر تىياتىرنى تۆت ئاكتيور ئوينىتاتتى، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئون نەچچە ئاكتيور ئوينىتىدىغان بولدى. ئاكتيورلار سەھنە ئارقىسىدا تۇرۇپ سۆزلەيدۇ، ناخشا ئېيتىدۇ، مۇزىكا ئاھاڭلىرى مول، ناخشا ئاۋازى يۇقىرى ۋە چىڭ، ئۇ ئاساسەن سۇناي بىلەن تەڭكەش قىلىنىدۇ، سوقما چالغۇلار ھەمدەم بولىدۇ.
تاياق بىلەن ئوينىتىلىدىغان قونچاق — قەدىمكى زاماندا تاياق بىلەن ئوينىتىدىغان قونچاق (儡傀) دەپ ئاتالغان. قونچاقنىڭ بويى ئىككى چى (66 سانتىمېتىر) ئەتراپىدا بولۇپ، ئىچىگە ئۈچ تال تاياقچە ئورنىتىلغان، ئويناتقۇچى سەھنە ئاستىدا تۇرۇپ قونچاقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ تاياقچىلار بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ھەم قونچاقنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرۇپ سۆزلەيدۇ، ناخشا ئېيتىدۇ. بېيجىڭدىكى قونچاق كۆتۈرۈش ئويۇنى (戏偶托)، سىچۇەندىكى ياغاچ قونچاق ئويۇنى (戏壳脑木)، گۇاڭدۇڭدىكى كۆتۈرۈش ئويۇنى (戏托) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياغاچ قونچاق ئويۇنى تەركىبىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئاھاڭلىرى مول بولۇپ، كۆپىنچە (腔帮) ناخشىغا ھەمدەم بولۇپ ئېيتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، سوقما چالغۇ ۋە كامانچىلىق چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىنىدۇ.
خالتىلىق قونچاق — بۇ خىل ئويۇن قەدىمكى زاماندا قول بىلەن كۆتۈرىدىغان قونچاق (儡傀托手) دەپ ئاتالغان. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ لۇڭشى رايونىدا تارقالغان. قونچاقنىڭ بەدىنى كىچىك، بېشى خالتىغا تۇتاشتۇرۇلغان، سىرتىغا شىچۈي تىياتىرىنىڭ كىيىملىرى كىيدۈرۈلگەن. ئويناتقۇچى قولىنى خالتىنىڭ ئىچىگە تىقىپ قونچاقنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئىلگىرى كوچىلاردا قويۇلىدىغان ئەپكەش ئويۇنى (戏担扁) ، بېيجىڭدىكى خالىغىنىچە ئوينىتىش (子利苟要) ئويۇنى، فۇجيەندىكى خالتىلىق ئويۇن، نەنچاڭدىكى يوتقان ئويۇنى (戏窝被) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خالتىلىق قونچاق ئويۇنى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئاكتيورلىرى يەرلىك تىلدا سۆزلەپ، شىچۈي تىياتىرىنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىدۇ، چالغۇلار تەڭكەش قىلىنىدۇ، ئىلگىرى ئۇنى ئۈچ ئادەم ئولتۇرۇپ ئوينايتتى، كېيىن تەرەققىي قىلىپ كۆپ ئادەم ئۆرە تۇرۇپ ئوينىتىدىغان،20 نەچچە رول بىراقلا سەھنىگە چىقالايدىغان بولدى.
سىملىق قونچاق — بۇ تۆمۈر زىق ئويۇنى (戏枝铁) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئويۇن بۇرۇن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە پەيدا بولۇپ، كېيىن فۇجيەن ئۆلكىسىگە تارقالغان. ئۇنىڭدىكى قونچاقنىڭ بېشى لايدىن ياسىلىدۇ، گەۋدىسى، پۇت - قولى ياغاچتىن ياسىلىدۇ، بارماقلىرى قەغەز ئىچىگە تۆمۈر سىم سېلىنىپ ياسىلىدۇ، ئېگىزلىكى بىر چىدىن ئاشىدۇ. قونچاقنىڭ دۈمبىسى ۋە ئىككى بىلىكىگە ئۈچ تال تۆمۈر زىخچە ئورنىتىلغان بولۇپ، ئويناتقۇچى زىخچىلارنى ئۈچ تال قومۇشقا سانجىپ، قومۇش تاياقچىلار ئارقىلىق قونچاقنىڭ گەۋدىسى ۋە بىلىكىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. بۇ خىل قونچاقنىڭ شېن دۇەن (段身 − شىچۈي تىياتىرىدىكى قېلىپلاشقان بەدەن ھەرىكىتى − ت) لىرى ۋە قول ھەرىكەتلىرى ناھايىتى ئىنچىكە، جانلىق بولىدۇ، بۇ خىل قونچاقلار ئىككى قولى كۈنلۈك تۇتۇش، قىلىچۋازلىق قىلىش، مەي ئىچىش، كىتاب تۇتۇش، خەت يېزىش، يەلپۈگۈچنى ئېچىش - يېپىش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق ئالاھىدە ماھارەتلەرنى قىلالايدۇ.