شىچۈي تىياتىرى
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
بىر پەس چېلىنغان جاڭ - دۇمباقنىڭ »جاراڭ - جۇرۇڭ« ئاۋازى ئىچىدە، سەھنە پەردىسى ئاستا ئېچىلىپ، ئارقا پەردىگە سىزىلغان نەقىش ياكى دېكوراتسىيە كۆرۈنىدۇ، يۈزىگە ھەر خىل گىرىملەرنى قىلىۋالغان ئاكتيورلار، كۆركەم كىيىملەرنى كىيىپ، خان - پادىشاھ، ۋەزىر - ئۆلىما، مۆتىۋەر غوجام - خېنىم دېگەندەك خىلمۇخىل پېرسوناژلارنىڭ رولىنى ئېلىپ، كەينى - كەينىدىن سەھنىگە چىقىدۇ، بىردەم ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىسا، بىردەم قىلىچ - نەيزىلەردە، بىر - بىرى بىلەن ئېلىشىپ قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ جۇڭگوغا خاس ئەنئەنىۋى تىياتىر − شىچۈي تىياتىرىدۇر. ئۇ گرېتسىيىنىڭ تراگېدىيە ۋە كومېدىيىسى، ھىندىستاننىڭ قەدىمكى سانسكرىت تىياتىرى (剧梵) بىلەن بىر قاتاردا دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ تىياتىر دەپ ئاتىلىدۇ.
جۇڭگو شىچۈي تىياتىرىنىڭ مەنبەسى خەلق ناخشا - ئۇسسۇللىرى، نەزم - نەسرلىك ناخشا ۋە قىزىقچىلىق ئويۇنلىرىدۇر. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لەشكەر بولۇش ئويۇنىدا، ئىككى ئادەم رول ئېلىپ، ھەر خىل قىزىق گەپ - سۆز ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن كىشىلەرنى كۈلدۈرەتتى. شىمالىي سۇڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئۇ ئەبجەش تىياتىر (剧杂) بولۇپ شەكىللىنىپ، بىر ۋەقەلىكنى تۆت - بەش ئادەم ئوينايدىغان بولدى؛ جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرى ئەتراپىدا نەنچۈي (曲南 جەنۇب ئاھاڭلىرى) بىلەن ئورۇندايدىغان شىۋېن (文戏) تىياتىر ئويۇنى باش كۆتۈرۈپ چىقتى، مانا بۇ جۇڭگو شىچۈي تىياتىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ، ئۇ نەنشى (戏南 جەنۇب تىياتىرى) دەپ ئاتالدى. يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، شىمالىي رايونلاردا بېيچۈي (曲北 شىمال ئاھاڭلىرى) بىلەن ئورۇندايدىغان ئەبجەش تىياتىر (剧杂) پەيدا بولۇپ، يۈەنچۈي (曲元 يۈەن تىياتىرى) دەپ ئاتالغانىدى. شۇ چاغلاردا شىچۈي تىياتىرىنىڭ ئىجادىيەت ۋە ئويۇن قويۇش ئىشلىرى مىسلىسىز گۈللەندى، گۇەن خەنچىڭ، ۋاڭ شىفۇ قاتارلىق بىر تۈركۈم دراماتورگلار مەيدانغا چىقىپ، »دۇئېنىڭ ناھەق جازالىنىشى« (»冤娥窦«)، »غەربىي ھۇجرىدىكى مۇھەببەت« (»记厢西«)، »جاۋ ئائىلىسىنىڭ يېتىم ئوغلى« (»儿孤氏赵«)، »لى كۈينىڭ كەچۈرۈم سورىشى« (»荆负逵李«) قاتارلىق مۇنەۋۋەر شىچۈي تىياتىرلىرى ئىجاد قىلىنىپ ئوينالدى، مىڭ سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جەنۇب تىياتىرى بىلەن ئەبجەش تىياتىر ئاساسىدا رىۋايەت تىياتىر (剧奇传) شەكىللەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرقايسى جايلاردا يەرلىك شىچۈي تىياتىرلىرى كەڭ كۆلەمدە بارلىققا كېلىپ، كۇنچۈي تىياتىرى (曲昆)، جىڭجۈي تىياتىرى (剧京 بېيجىڭ تىياتىرى) ۋەكىللىكىدە، مول شىچۈي تىياتىر ئەدەبىياتى ۋە بىر پۈتۈن سەھنە سەنئەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.
جۇڭگو شىچۈي تىياتىرى12 - ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن بىر پۈتۈن ھالەتكە كەلدى، ئۇ سەككىز يۈزنەچچە يىلدىن بېرىقى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، ئىسلاھ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش بىلەن، ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، چامباشلىق، سېرك ھەمدە رول ئېلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال سەنئەتكە ئايلاندى. شىچۈي تىياتىرىنىڭ مەزمۇنىغا، ئادەتتە شېئىرلار بىلەن نەسرىي ئەسەرلەر ئوخشاشلا ئىشلىتىلىدۇ، ئەنئەنىۋى شىچۈي تىياتىرلىرى »جې« (»折« جىلد) ياكى »چۇ« (»出« پارچە) لارغا ئايرىلىدۇ، ھازىرقى زامان شىچۈي تىياتىرلىرى پەردە، كۆرۈنۈشلەرگە ئايرىلىدۇ. شىچۈي تىياتىرىدىكى پېرسوناژلار شېڭ، دەن، جىڭ، چوۋ (丑净旦生 ئەرلەر، ئاياللار، چىپار يۈزلۈكلەر، ئاق قاڭشارلىقلار) قاتارلىق مۇقىملاشقان رول خىللىرىغا ئايرىلىدۇ. ھەربىر رول خىلىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قېلىپلاشقان ھەرىكەتلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېيتىش (唱)، سۆزلەش (念)، ھەرىكەت ئىشلەش (做)، ئېلىشىش (打)، قول (手)، كۆز (眼)، بەدەن (身)، ھەرىكەت ئۇسۇلى (法)، مېڭىش (步) جەھەتلەردىكى ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، ئۇ يۈكسەك ماھارەتكە ئىگە. مۇزىكا جەھەتتە، ھەر خىل ئاھاڭ ناملىرى بىلەن ئېيتىلىدىغان »بىرلەشمە ئاھاڭ قۇرۇلمىسى« (»体曲联«) ياكى يەتتە خەتلىك، ياكى ئون خەتلىك جۈملىنى ئاساس قىلغان »رىتىملىق ئاھاڭ قۇرۇلمىسى« (»体腔板«) ئىشلىتىلىدۇ ۋە ياكى ھەر ئىككىلىسى قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك چوڭ دۆلەت، تىل - يېزىق، دىئالېكت ۋە تاۋۇش ھەرخىل بولغانلىقتىن، باي ۋە مەزمۇنلۇق يەرلىك شىچۈي تىياتىر خىللىرى شەكىللەنگەن. مىللىي تىل ۋە مۇزىكىنى ئالاھىدىلىك قىلغان مىللىي شىچۈي تىياتىر خىللىرى، ئالايلۇق، خەنزۇ مىللىتىنىڭ جىڭجۈي تىياتىرى، زاڭزۇ مىللىتىنىڭ زاڭزۇ تىياتىرى، جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ جۇاڭزۇ تىياتىرى، تەيزۇ مىللىتىنىڭ تەيجۈي تىياتىرى، بەيزۇ مىللىتىنىڭ بەيجۈي تىياتىرى، تۇڭزۇ مىللىتىنىڭ تۇڭشى تىياتىرى قاتارلىقلار بار؛ يەرلىك تىل ۋە مۇزىكىنى ئالاھىدىلىك قىلغان يەرلىك شىچۈي تىياتىر خىللىرى، ئالايلۇق، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يۆجۈي (剧越) تىياتىرى، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چۇەن جۈي (剧川) تىياتىرى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ چىنچياڭ (腔秦) تىياتىرى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خەن جۈي (剧汉) تىياتىرى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ جىن جۈي (剧晋) تىياتىرى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مىن جۈي (剧闽) تىياتىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يۆجۈي (剧粤) تىياتىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭمېي (戏梅黄) تىياتىرى قاتارلىقلار بار.1981 - يىلىدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شىچۈي تىياتىرى300 خىلدىن ئاشىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەنبە، ئوخشاشمىغان ئورۇنداش ئۇسلۇبى ۋە ئوخشاشمىغان بەدىئىي ئالاھىدىلىك بار ئىكەن، ئەمما ئۇلاردا شىچۈي تىياتىر سەنئىتىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. ھەقىقەتەن شىچۈي تىياتىر نومۇرلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇ ئادەتتە ئەنئەنىۋى تىياتىر، يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تارىخىي تىياتىر ۋە زامانىۋى تىياتىردىن ئىبارەت بىر نەچچە تۈرگە ئايرىلىدۇ.