UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىتۆت چوڭ داڭلىق ئايال

تۆت چوڭ داڭلىق ئايال

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى 1927 - يىلى، بېيجىڭدىكى «كۈنلۈك ۋاقىت گېزىتى» (报时天须) «تۇنجى نۆۋەتلىك جىڭجۈي تىياتىرىدىكى ئايال رولىنى ئالغۇچى ئەڭ ياخشى ئاكتيور» نى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مېي لەنفاڭ، چېڭ جيەنچيۇ، شاڭ شياۋيۈن، شۈن خۇيشېڭلار بىرلا ۋاقىتتا باھالىنىپ، ئۇلارغا جىڭجۈي تىياتىرىدىكى «تۆت چوڭ داڭلىق ئايال» دەپ نام بېرىلدى. داڭلىق ئايال رولىنى ئالغۇچىلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى، تىياتىردىكى ئايال رولىنىڭ ئورنىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ راۋاجلىنىشىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى. ئۇلار سەنئەت جەھەتتە ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىپ، ھەربىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئايال رولى بەدىئىي ئېقىملىرىنى ئىجاد قىلدى. مېي لەنفاڭ (1894 ~1961 ) جىڭجۈي تىياتىر ئارتىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، سەككىز يېشىدا تىياتىر ئۆگەنگەن،11 يېشىدا سەھنىگە چىققان، ئۇ چىڭيى (衣青 قىز رولى − ت) غا ماھىر ئىدى، قوشۇمچە داۋمادەن (旦马刀 ئاتلىق قىلىچۋاز ئايال) رولىغا چىقاتتى،50 نەچچە يىللىق سەھنە ئەمەلىيىتى جەريانىدا، مېي لەنفاڭ ئايال رولىنىڭ ناخشا ئېيتىشى، سۆزلىشى، ئۇسسۇلى، مۇزىكىسى، كىيىمى، گىرىمى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلىرىگە قارىتا ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش ئېلىپ بارغاچقا، ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇب شەكىللەندۈرۈپ، تىياتىر ئورۇنداش ساھەسىدە مېي ئېقىمى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ماھارەت ئاساسى پۇختا، ناخشا - ئۇسسۇلدىمۇ، ئېلىشىشتىمۇ كامالەتكە يەتكەن؛ سەھنە ئىستىلى گۈزەل، رول ئېلىشى ناھايىتى ياخشى؛ ئاۋازى سىلىق، راۋان، ناخشىسى يېقىملىق بولۇپ، ھەر خىل قىياپەتلىك نۇرغۇنلىغان قەدىمكى زامان ئاياللىرىنىڭ تىپىك ئوبرازىنى ياراتقان. مېي ئېقىمىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىرلىرىدىن «ئالەم چوققىسى»، «كېنىزەكنىڭ مەست بولۇشى»، «سۇنغان كۆۋرۈك»،«غەلىتە جۈپلەرنىڭ ئۇچرىشىشى»، «زومىگەرنىڭ توقال خانىمى»، «قوماندان مۇ گۇييىڭ» قاتارلىقلار بار. مېي لەنفاڭ جىڭجۈي تىياتىر ئۆمىكىنى باشلاپ كۆپ قېتىم ياپونىيە، ئامېرىكا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئويۇن قويغان، جۇڭگونىڭ شىچۈي تىياتىرىنى چەت ئەللەرگە تارقىتىپ، خەلقئارادا زور ئىناۋەتكە ئېرىشكەن تۇنجى شىچۈي تىياتىر سەنئەتكارىدۇر. چېڭ جيەنچيۇ (1904 ~1958 ) كىچىكىدىن باشلاپ تىياتىر ئۆگىنىپ، ئايال رولىغا چىققان، مېي لەنفاڭنى ئۇستاز تۇتۇپ تەلىم ئالغان. ئۇ سەنئەتتە ئىسلاھ قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلغان، ئاۋازنىڭ مۇڭلۇق چىقىشىغا، تۆت تون (声四) نىڭ توغرا بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، «ئاۋاز، ھېسسىيات، گۈزەللىك، تۇراق» نىڭ يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىشىشىنى قوغلاشقان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئاۋاز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىچكى مۇڭلۇق، دولقۇنسىمان، گاھ ئۈزۈلۈپ، گاھ ئۇلىنىدىغان، رىتىمى كۆپ ئۆزگىرىشچان بىر خىل چاڭچياڭ (ئاۋاز)نى بەرپا قىلىپ، ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەنلىكتىن، تىياتىر ئورۇنداش ساھەسىدە «چېڭ ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. چېڭ جيەنچيۇ تراگېدىيە ئويناشقا ماھىر، ئۇ «قوشماقلار ئائىلىسى، خۇاڭشەن يېشى، چىڭشۇاڭ قىلىچى، يىڭتەينىڭ تويغا قارشى چىقىشى، دۇ ئېنىڭ ناھەق جازالىنىشى» قاتارلىق تىياتىرلارنى ئويناپ، فېئودال جەمئىيەتتىكى ئاياللارنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى ئىپادىلىگەن. شاڭ شياۋيۈن (1900 ~1976 ) بالىلىق چېغىدىلا شىچۇي تىياتىر كۇرسىدا ئوقۇغان.14 يېشىدا «بالا ئارتىس» دەپ باھالانغان. دەسلەپتە ۋۇشېڭ (生武 ئەر چامباشچى) رولىنى ئۆگەنگەن. كېيىن كەسپىنى جېڭدەن (旦正 ئايال) رولىنى ئېلىشقا ئۆزگەرتكەن، قوشۇمچە داۋمادەن (ئاتلىق قىلىچۋاز ئايال) رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭ ماھارەت ئاساسى پۇختا، ئاۋازى جاراڭلىق، ئۇ چاڭچياڭلىرىنىڭ ياڭراقلىقى بىلەن داڭق چىقىرىپ، «شاڭ ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىرلىرىدىن «ئوردىغا ئىككى قېتىم كىرىش، نەزىر - چىراغ مۇنارى، جاۋ جۈننىڭ قورغاندىن چىقىشى، لياڭ خۇڭيۈي» قاتارلىقلار بار. ئۇ تىياتىر ساھەسىدە، بىر تۈركۈم ئايال قەھرىمانلار ۋە ئايال چەۋەندازلارنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان. شۈن خۇيشېڭ (1900 ~1968 ) بالىلىق چاغلىرىدا خېبېي باڭزى كۇرسىغا كىرىپ ئۆگەنگەن،19 يېشىدا جىڭجۈي تىياتىرىغا ئالمىشىپ، خۇادەن (ئوماق، شاش ئاياللارنىڭ رولى)، داۋمادەن روللىرىنى ئوينىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ماھارىتى ياخشى، باڭزى تىياتىرىدىكى دەنجياۋ (ئايال رولى) نى ئوينىيالايدىغان ئەۋزەللىكى بىلەن جىڭجۈي تىياتىرىدىكى خۇادەن رولىنى ئويناش ماھارىتىنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇب يارىتىپ، «شۈن ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرگەن. «تېپىشتۇرغۇچى، جىن يۈي قىز، قىزىل راۋاقتىكى ئىككى ئېسىلزادە، كاللىسى كېسىلگەن سۇمۇرغ، شۈن گۇەن ئانا» قاتارلىق تىياتىرلاردا ئوماق، شوخ، مۇلايىم ئاياللارنىڭ رولىنى ئېلىپ شان - شەرەپ قازانغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى