UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىتەقلىد قىلىش

تەقلىد قىلىش

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى سەھىنىدە تاغ - داۋانلار يوق، ئەمما ئاكتيور قول ھەرىكىتى، بەدەن ھەرىكىتى، قەدەم ئۇسۇلى ئارقىلىق سەھنىدە تاغ - داۋانلاردىن ئاشقان مەنزىرە - ھالەتلەرنى چىنلىق تۇيغۇسىدا ئىپادىلەيدۇ. سەھنىدە ئات يوق، ئەمما ئاكتيور بىر تال قامچا بىلەن سەھنىدە ئات چاپتۇرۇۋاتقان ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل راست نەرسىلەر بولمىغان ئەھۋالدا تەقلىد قىلىپ ئورۇنداش ئۇسۇلى، جۇڭگو شىچۈي تىياتىرىنىڭ تۇرمۇشنى ئىپادىلەشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى شۇنداقلا جۇڭگو ئەنئەنىۋى شىچۈي تىياتىرىنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. قەدىمكى زاماندىكى ئويۇنلاردا، سەھنىدە دېكوراتسىيە، پەردە يوق بولۇپ، شارائىت بەكمۇ ناچار بولغاچقا، شىچۈي تىياتىرىدا تۇرمۇشنى ئەسلىي ھالىتى بويىچە سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئىنتايىن قىيىنغا چۈشكەنىدى، شۇڭا، تۇرمۇشنى ئىپادىلەشتە تەقلىد قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. مەسىلەن، جىڭجۈي تىياتىرى «ئاچال» دا، ئاران بىر ئۈستەل، ئىككى ئورۇندۇق بولۇپ، پۈتۈنلەي ئاكتيورنىڭ يۈكسەك ماھارىتىگە تايىنىپ، قاراڭغۇدا ئېلىشىش ھالىتىنى چىنلىق تۇيغۇسىدا ئىپادىلىگەن. تەقلىد قىلىش ئۇسۇلىدا سەھنىدىكى ۋاقىت ۋە بوشلۇقنى جانلىق بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. سەھنىدە قويۇلغان ھەرقانداق ئويۇن2 ~3 سائەتتىن ئاشمايدۇ، سەھنىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىمۇ مۇقىم بولىدۇ، ئەمما ئەكس ئەتتۈرگەن تۇرمۇشنىڭ دائىرىسى چەكسىز بولۇپ، مىليون كىلومېتىرلىق مۇساپە، نەچچە مىڭ يىللىق ئىشلار ئەنە شۇ كىچىككىنە سەھنىدە ئىپادىلىنىدۇ. جىڭجۈي تىياتىرى «قۇرۇق شەھەر ھىيلىسى» دە، سى مايى ئاران سەككىز لەشكەرنى باشلاپ سەھنىدە بىر نەچچە قېتىم ئايلىنىپ مېڭىش ئارقىلىق100 مىڭ لەشكەرلىك زور قوشۇننى باشلاپ، تاغ - دەريالارنى كېزىپ غەربىي شەھەر دەرۋازىسىغا كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە يۆجۈي تىياتىرى «زۇمرەت قىسقۇچ» تىكى «ئۈچ قېتىم چاپان يېپىش» (衣盖三) كۆرۈنۈشىدە، لى شيۇيىڭنىڭ ۋاڭ يۈيلىنگە ئۈچ قېتىم چاپان يېپىپ قويۇشى، تاكتاكچى چالغان تاكتاكنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق بىر كېچە ئۆتۈپ تاڭ ئاتقانلىقى ئىپادىلىنىدۇ. تەقلىد قىلىش يەنە رېئال تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلىرىنى كونكرېت ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. بەزىدە تاغ - دەريا قاتارلىق جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا تەقلىد قىلىنىدۇ؛ «غەربكە ساياھەت» تىكى يالقۇنتاغدىن ئۆتۈشنى ئىپادىلەشكە ئوخشاش؛ بەزىدە بوران - يامغۇر قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىگە تەقلىد قىلىنىدۇ؛ بۇنىڭدا ئاكتيور كۈنلۈك تۇتۇپ ئۇسسۇللۇق ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق بوران - چاپقۇننى ئىپادىلەيدۇ؛ تىياتىردا پېرسوناژنىڭ ھەرىكىتىگە تەقلىد قىلىش تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. سەھنىدە ئىشىك يوق، لېكىن ئاكتيور تەقلىد ئارقىلىق ئىشىك ئېچىش، يېپىش ھەرىكىتىنى ئىپادىلەيدۇ؛ قولىدا يىپ - يىڭنە يوق، ئەمما ئاكتيور تەقلىد ئارقىلىق كەشتە توقۇش، كىيىم تىكىش ھەرىكىتىنى ئىپادىلەيدۇ؛ دېمەك، تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى شىچۈي تىياتىر سەنئەتكارلىرىغا ئەركىنلىك ئاتا قىلىپ، تۇرمۇشنى ئىپادىلەيدىغان دائىرىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى
تەقلىد قىلىش | UyghurWiki | UyghurWiki