تۆت كىچىك داڭلىق ئايال
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
1936 - يىلى، بيېجىڭ «ليەنباۋ» گېزىتى ئاشكارا بېلەت تاشلاش يولى بىلەن سايلام ئۆتكۈزۈپ، تىياتىر كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان ياكى ئۆگىنىش مۇددىتى توشمىغان، جىڭجۈي تىياتىرىدا ئايال رولىنى ئالغۇچىلاردىن لى شېفاڭ، جاڭ جۈنچيۇ، ماۋ شېلەي، سۇڭ دېجۇ قاتارلىق تۆت كىشىنى «تۆت بالا ئاكتيور» دەپ سايلاپ چىقتى.1940 - يىلى، «تۆت چوڭ داڭلىق ئايال» لارنىڭ تەسىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈپ يۇقىرىقى تۆت كىشىگە «تۆت كىچىك داڭلىق ئايال» دەپ نام بەردى. لى شېفاڭ1947 - يىلى ۋاپات بولۇپ، ئۆزىنىڭ تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماي قالدى.
جاڭ جۈنچيۇ ئەسلىي ئىسمى جاڭ جياخۇڭ بولۇپ،14 يېشىدا تىياتىر ئۆگىنىپ، چىڭيى (قىز) رولىنى ئالغان.16 يېشىدا سەھنىگە چىقىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا نامى چىققان. ئۇ «تۆت چوڭ داڭلىق ئايال» لاردىن تەلىم ئالغان. ئۇ مىجەزى ئوچۇق نازىنىنلارنىڭ رولىنى ئالغان، ئاۋازى «نازۇك، جەلپدار، زىل، سۈزۈك»، يېقىملىق، ئېنىق. ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىرلىرىدىن «سەيجياڭ دەرياسى، لېي فېڭ مۇنارى، يۈيتاڭدا باھار» قاتارلىقلار بار. كېيىن ئۇ دائىملىق ئوينىغان «جامېي دېلوسى، جاۋ ئائىلىسىنىڭ يېتىم ئوغلى، ئەجدىھا سۇمۇرغنىڭ پاراغىتى» ھەمدە يېڭى تىياتىرلاردىن «جياڭتىڭ شىپىڭىغا نەزەر، غەربىي ھۇجرىدىكى مۇھەببەت» قاتارلىقلاردا يېڭىلىققا ئىگە سەھنە ئوبرازلىرىنى ياراتقان. ئۇ ئەسەر ۋەقەلىكىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ئەنئەنىۋى چاڭچياڭ قۇرۇلمىسىنى باشقىدىن تەشكىللەپ، تېخىمۇ يېقىملىق ئاھاڭ شەكىللىرىنى ئىجاد قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئېسىل، نەپىس، سۇباتلىق، يېڭى بەدىئىي ئۇسلۇبى بىلەن ئېقىم شەكىللەندۈرگەن.
ماۋ شېلەي توققۇز يېشىدا تىياتىر كۇرسىغا كىرىپ خۇادەن (شاش، ئوماق قىزلارنىڭ رولى)، ۋۇدەن (چامباشچى ئاياللارنىڭ رولى) رولىنى ئېلىشنى ئۆگەنگەن. «تۆت چوڭ داڭلىق ئايال» ئىچىدە، مېي لەنفاڭ، شاڭ شياۋيۈن، شۈن خۇيشېڭلاردىن تەلىم ئالغان. ئۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، پېشقەدەم سەنئەتكارلارنىڭ ئورۇنداش سەنئىتىنى ئۈلگە قىلىشقا ھەمدە شۇ ئاساستا جارى قىلدۇرۇپ ئىجاد قىلىشقا ماھىر ئىدى. ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىرلاردىن «چىغىر يولدىكى قەبرە، باتۇرلار شەجەرىسى، 13 سىڭىل، تېپىشتۇرغۇچى» قاتارلىقلار بار.
سۇڭ دېجۇ12 يېشىدا تىياتىر مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان، «تۆت چوڭ داڭلىق ئايال» ئىچىدە چېڭ جيەنچيۇ، شۈن خۇيشېڭلاردىن تەلىم ئالغان. ئۇ رول ئېلىش يولى كەڭ، ۋۇدەن (چامباشچى ئاياللارنىڭ رولى)، داۋمادەن روللىرىنى ئېلىشقا ماھىر ئىدى. بالىلىق چاغلىرىدا جاپاغا چىداپ ئۆگەنگەن، چامباشچىلىق گۇمپا ئاساسى چىڭ، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى سىلىق، ئېلىشىش ھەرىكەتلىرى چىرايلىق، چەبدەس. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىرلىرىدىن «ياڭ پەي شامىلى، خۇجياڭ كەنتى، ئالتۇنتاغ بۇتخانىسى، ئالتۇنتاغدىكى جەڭ، سىجۇ شەھىرى» قاتارلىقلار بار. ئۇ چامباشچى ئايال رولىنى ئالغاندا، پېشقەدەم داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە گىمناستىكا بىلەن ئۇسسۇلنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، قىياپەتنى گۈزەللەشتۈرۈشتە يېڭىلىق ياراتقان.