قېلىپلاشقان ھەرىكەت
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
مەيلى بېيجىڭ تىياتىرى ياكى كۇنچۈي تىياتىرى بولسۇن، مەيلى يۆجۈي تىياتىرى ياكى خۇاڭمېيشى تىياتىرى بولسۇن، ئاكتيور ئىشىك يېپىش، دېرىزە ئېچىش، ئاتقا مىنىش، كېمىگە چىقىش قاتارلىق تەقلىدىي ھەرىكەتلەرنى ئورۇندىغاندا، بىر يۈرۈش مۇقىملاشقان شەكىللىرى بولۇپ، بۇلار قېلىپلاشقان ھەرىكەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۇرمۇشتىن تاللىۋېلىنىپ، مۇبالىغە قىلىش ئارقىلىق قائىدىلەشتۈرۈلگەن ئورۇنداش ھەرىكىتىدۇر. قېلىپلاشتۇرۇلغان ھالدا ئورۇنداش، جۇڭگو شىچۈي تىياتىر سەنئىتىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكىدۇر.
شىچۈي تىياتىرىدىكى قېلىپلاشقان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن نامى بار. مەسىلەن، «لياڭشياڭ» (相亮 − قىياپىتىنى كۆرسىتىش − ت) دا ئاساسلىق روللار سەھنىگە چىققاندا، سەھنىدىن چۈشىدىغان چاغدا ياكى بىر بۆلەك ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئاخىرلاشقاندا، قىسقىغىنا بىر توختاپ، ھەيكەلسىمان قىياپەت بىلەن پېرسوناژنىڭ روھىي ھالىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ؛ «ئات چاپتۇرۇش» (马趟) تا، يۈرۈشلەشكەن ئۇلانما ھەرىكەتلەر ئارقىلىق پېرسوناژنىڭ ئاتنى قامچىلاپ چاپتۇرغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ؛ «دياۋماۋ» (毛吊) دا ئاكتيور بەدىنىنى يۇقىرىغا ئۆرلىتىپ، ئىككى پۇتىنى تۈز جۈپلەپ، ئالدىغا موللاق ئېتىپ، دۈمبىسىنى يەرگە تەگكۈزۈش ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى جىددىي دومىلاش ھەرىكىتىنى ئىپادىلەيدۇ؛ «ۋويۈي» دە (鱼卧)، بەلنى ئېگىپ، زوڭ ئولتۇرۇپ، گۈل پۇراش ھەرىكىتى ئىپادىلىنىدۇ.
قېلىپلاشتۇرۇپ ئورۇنداشنىڭ يەنە بىر مەنىسى − تۇرمۇشتىكى ھەرىكەتلەرنى ئۇسسۇللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. شىچۈي تىياتىرىدىكى ھەرىكەت ئورۇنداش، كونكرېت بولۇشنى، كىشىلەر كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما ئۇ تۇرمۇشتىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ئەينەن كۆچۈرمىسى ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىكى ھەرىكەتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش، رىتىملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇنلىغان قېلىپلاشقان ھەرىكەتلەر، ئاكتيورنىڭ پېرسوناژ ئوبرازىنى يارىتىش، تۇرمۇشتىكى ھەرىكەتلەرنى ئۇسسۇللاشتۇرۇپ ئورۇندىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
قېلىپلاشتۇرۇلغان ھەرىكەتلەر ئۆزگەرمەس بولمايدۇ. خىلمۇخىل ھالەتكە تولغان تۇرمۇشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇنى ئىجادىي ئىشلىتىش، كونا شەكىللەرنى ئۆزگەرتىش ۋە بېيىتىش، يېڭى ئورۇنداش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئىجاد قىلىپ، قېلىپلاشقان ھەرىكەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوخشاش بولمىغان تىياتىر خىلى، ئوخشاش بولمىغان رول ۋە ئوخشاش بولمىغان ئاكتيورنىڭ ئورۇندىشى ھامان ئوخشاش بولمايدۇ، ھەرقايسىسىدا ئىجادىيەت ۋە تەرەققىيات بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن شىچۈي تىياتىرىدىكى شەكىللەر ھەم قېلىپلاشقان، ھەم جانلىق بولىدۇ.