UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرىخىلمۇخىل يەرلىك تىياتىرلار

خىلمۇخىل يەرلىك تىياتىرلار

جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى جۇڭگودىكى يەرلىك شىچۈي تىياتىرلىرىنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلى رەڭدار، تارقىلىشى كەڭرى، تىياتىر خىللىرى300 دىن ئارتۇق بولغاچقا، دۇنيادىكى «ئەڭ» قاتارىغا كىرىدۇ. كۇنجۈي تىياتىرى، جىڭجۈي تىياتىرى، يۆجۈي تىياتىرىدىن سىرت، تەسىرى چوڭراق بولغانلىرىدىن يەنە پىڭجۈي تىياتىرى، خۇاڭمېي تىياتىرى، يۈجۈي تىياتىرى، خەنجۈي تىياتىرى، يۆجۈي تىياتىرى، چۇەنجۈي تىياتىرى، چىنچياڭ تىياتىرى، لۈجۈي تىياتىرى، لۇجۈي تىياتىرى قاتارلىقلار بار. پىڭجۈي (剧评) تىياتىرى: خېبېي ئۆلكىسىنىڭ تاڭشەن شەھىرىدە پەيدا بولغان، كېيىنچە بېيجىڭ، تيەنجىن، شىمالىي جۇڭگو ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان. دەسلىپىدە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خەلق نەزمىسى «نېلۇپەر چۈشتى» (落花莲) بىلەن شەرقىي شىمال رايونىنىڭ «تاقلاش» (ئىككى كىشىلىك) ئويۇنى ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇلغان.1910 - يىلى خەلق نەزم شەكلىدىن سەھنە تىياتىرىغا ئۆتۈپ، پىڭجۈي (剧评) تىياتىرى پەيدا بولغان، ئۇ تېتىك، ئەركىن، تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ھازىرقى زامان تۇرمۇشىنى ئىپادىلەشكە قۇلايلىق. ئۇنىڭ داڭلىق ئاكتيورلىرىدىن شىن فېڭشيا، كىچىك بەييۈيشۇاڭ قاتارلىقلار، ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىر نومۇرلىرىدىن «كىچىك كۈيئوغۇل»، «ليۇچياۋئېر»، «كىچىك ئېرخېينىڭ تويى» قاتارلىقلار بار. خۇاڭمېيشى تىياتىرى: بۇرۇنقى ئىسمى خۇاڭمېي كۈيى (调梅黄)، بۇ تىياتىر خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭمېي دېگەن يېرىدىكى چاي ئۈزۈش ناخشىسىدىن كەلگەن بولۇپ، چاي ئۈزۈش تىياتىرى دەپمۇ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئەنچىڭ رايونىغا تارقىلىپ، شۇ يەردىكى خەلق مۇزىكىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى ئېقىم شەكىللەندۈرگەن. خۇاڭمېيشى تىياتىرى لىرىكىلىق، ناخشا - ئۇسسۇللۇق، تۇرمۇش ھىدى قويۇق، ئاھاڭى مۇڭلۇق يېقىملىق، ئورۇندىشى ساددا، نەپىس، ئۇنىڭ داڭلىق ئاكتيورلىرىدىن يەن فېڭيىڭ، ۋاڭ شاۋفاڭ قاتارلىقلار، ئەنئەنىۋى تىياتىر نومۇرلىرىدىن «پەرىنىڭ جۈپتى» (配仙天)، «ئايال كۈيئوغۇل» (马驸女)، «ئەر - خوتۇننىڭ چىراغ كۆرۈشى» )灯观妻夫(قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلار كەڭ تارقالغان. يۈجۈي (剧豫) تىياتىرى: بۇرۇن خېنەن باڭزى دېيىلگەن، خېنەن يۇقىرى كۈيى دەپمۇ ئاتالغان. بۇ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ يەرلىك ئاھاڭلىرى ئاساسىدا، چىنچياڭ تىياتىرى، خېنەن باڭزى تىياتىرى قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىپ شەكىللەنگەن بىر يېڭى تىياتىر. ھازىرغىچە300 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، خېنەن ۋە ئۇنىڭ قوشنا ئۆلكىلىرىگە تارقالغان. ئۇنىڭ كۈيى شەرقىي يۈي (خېنەن) كۈيى ۋە غەربىي يۈي (خېنەن) كۈيى دەپ ئىككى ئېقىمغا ئايرىلىدۇ. شەرقىي يۈي كۈيى كەيفىڭ، شاڭچيۇ شەھەرلىرىنى مەركەز قىلىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئاۋازى بەك يۇقىرى، ئاياللارنىڭ ئاۋازى تېتىك بولۇپ، كومېدىيە ئۇسلۇبىدىكى تىياتىرنى ئورۇنداشقا باب كېلىدۇ. غەربىي يۈي كۈيى لوياڭ شەھىرىنى مەركەز قىلىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئاۋازى چىرقىراق، ھەسرەتلىك، ھاياجانلىق، ئاياللارنىڭ ئاۋازى مۇڭلۇق بولۇپ تراگېدىيە ئۇسلۇبىدىكى تىياتىرنى ئورۇنداشقا باب كېلىدۇ. داڭلىق ئاكتيورلىرىدىن چاڭ شياڭيۈي، تاڭ شىچېڭ، نيۇدېساۋ قاتارلىقلار، ئوينالغان تىياتىرلىرىدىن «قوماندان مۇگۇييىڭ» (帅挂英桂穆)، «تاڭجې ناھىيىسىگە چۈشۈرۈلگەن شاھ يارلىقىنى تەكشۈرۈش» (命诰审县知唐) قاتارلىقلار بار. خەنجۈي (剧汉) تىياتىرى: ئۇنىڭ بۇرۇنقى نامى خەندىياۋ كۈيى (调汉)، چۈدياۋ كۈيى (调楚) بولۇپ، ئۇ شىپى بىلەن ئېرخۇاڭ (شىچۈي تىياتىرىدىكى ئاھاڭ، رىتىملار − ت) ئىككى خىل ئاھاڭنىڭ ئالمىشىشى ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇلغان. ئۇ خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ئۇنىڭ قوشنا ئۆلكىلىرىگە كەڭ تارقالغان، مەملىكىتىمىزنىڭ قەدىمىي تىياتىر تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ،300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭغا تارقىلىپ كىرىپ، بېيجىڭ تىياتىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. خەنجۈي تىياتىرىنىڭ ئاھاڭى كۆتۈرەڭگۈ، ئازادە، ئۇنىڭ داڭلىق ئاكتيورلىرىدىن چېن بەيخۇا قاتارلىقلار، ئەنئەنىۋى تىياتىر نومۇرلىرىدىن «ئالەم چوققىسى» (锋宙宇)، «ئىككىنچى ئەينۇلا» (梅度二) قاتارلىقلار بار. يۆجۈي (剧粤) تىياتىرى: بۇ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ئۆلكىلىرى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېنلاردا كەڭ تارقالغان، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە گۇاڭدۇڭ رايونىغا ئېقىپ كىرگەن. ئۇ يىياڭ، كۇنشەن، باڭزى قاتارلىق ئاھاڭلار، گۇاڭدۇڭ مۇزىكىلىرى، خەلق ئاھاڭلىرى بىلەن بىرلىشىپ، جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تىياتىر تۈرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇ گۇاڭدۇڭنىڭ يەرلىك تىلى بىلەن ئېيتىلىدۇ. ئورۇندىلىشى يىرىك، ساددا بولىدۇ. ئۇنىڭ داڭلىق ئاكتيورلىرىدىن خۇڭ شيەننۇ، ما شىزىڭ قاتارلىقلار، ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىر نومۇرلىرىدىن «كۇتۇپخانىنى ئاختۇرۇش» (院书搜)، «گۇەن خەنچىڭ» (卿汉关) قاتارلىقلار بار. چۇەنجۈي (剧川) تىياتىرى: ئۇ چۇەنشى (戏川سىچۇەن ئويۇنى) دەپمۇ ئاتالغان، سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى خەلق چىراغ ئويۇنى بىلەن كۈنچياڭ، گاۋچياڭ، غېجەك، تەنشى ئويۇنىنى بىرلەشتۈرۈشتىن پەيدا بولغان، ئۇ سىچۇەن، يۈننەن، گۇيجۇ ئۆلكىلىرىدە كەڭ تارقالغان. چۇەنجۈي تىياتىرىنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق، يۇمۇرلۇق ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ ئورۇنداش سەنئىتى نەپىس، تېخنىكىلىق تەلىپى يۇقىرى، يەنە ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش قېلىپلاشقان ھەرىكەتلىرى بار. ئۇنىڭ داڭلىق ئاكتيورلىرىدىن ياڭ يوخى قاتارلىقلار، ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىر نومۇرلىرىدىن «سۆگەت سايىسى» (柳记荫)، «يىگىت سەپلەش» (配郎拉)، «مۇھەببەت سىنىقى» (探情)، «كۈزدىكى دەريا» (江秋) قاتارلىقلار بار. چىنچياڭ (腔秦) تىياتىرى: ئۇ ئەسلىدە شەنشى، گەنسۇ ئۆلكىلىرىدىكى خەلق ئاھاڭلىرى بىلەن ئارىلاشما دۇمباق تىياتىرى (剧朵鼓饶) دىن كەلگەن، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە شەكىللەنگەن. شەنشى، گەنسۇ رايونلىرى قەدىمدە چىن خانىدانلىقىنىڭ يېرى ئىدى، شۇ ۋەجىدىن چىنچياڭ (چىن ئاھاڭى)، چىنجۈي (چىن تىياتىرى) تىياتىرى دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ شىچۈي تىياتىر سەنئىتىدىكى قەدىمىي تىياتىر خىللىرىدىن بىرى، ئۇ، كۇنچياڭ، يى ياڭچياڭ، چىڭ ياڭچياڭ ئاھاڭلىرى بىلەن بىر قاتاردا قويۇلۇپ، «تۆت چوڭ ئاۋازلىق تىياتىر» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭدا باڭزى بىلەن رىتىم بەلگىلىنىدۇ. ئاھاڭلىرى يۇقىرى، ھېسسىياتلىق بولۇپ جەسۇرانە، غەزەپلىك كەيپىياتلارنى يارىتىشقا باب كېلىدۇ. ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىرلىرىدىن «شىخۇ كۆلىدە ئۈزۈش» (湖西游) ، «ئۈچ تامچە قان» (血滴三)، «جاۋ ئائىلىسىنىڭ يېتىم بالىسى» (儿孤氏赵) قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو شىچۇن تىياترى ۋە رولچىلىرى
خىلمۇخىل يەرلىك تىياتىرلار | UyghurWiki | UyghurWiki