چاڭ شياڭيۈي
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
چاڭ شياڭيۈي (1922 ~) ئەسلىي ئىسمى جاڭ مياۋلىڭ. سەنئەتكار ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ دادىسىدىن تىياتىر ئۆگەنگەن. توققۇز يېشىدا كۇرسقا كىرىپ ئۇستازىدىن يۈيشىدىياۋ (شىچۈي ئاھاڭلىرىنىڭ بىر خىلى) ئۆگەنگەن. دەسلەپتە شياۋشېڭ (يىگىت)، شۈيشېڭ (بوۋاي)، ۋۇچوۋ (ئېلىشىدىغان قىزىقچى رولى) نى ئۆگەنگەن، كېيىن كېسەل سەۋەبىدىن ئېلىشىدىغان روللارنى ئوينىيالماي،چىڭيى، خۇادەن (قىز - ئايال) روللىرىنى ئۆگىنىشكە ئۆزگەرتكەن. ئون يېشىدا سەھنىگە چىقىپ ئويۇنغا قاتناشقان،13 يېشىدا يېڭىدىن يېزىلغان «غەربىي ھۇجرىدىكى مۇھەببەت» (记厢西) تىياتىرىنى ئويناپ، كەيفېڭ شەھىرىدە داڭق چىقارغان. ئۇ سەنئەت جەھەتتە تىرىشچان، ئىسلاھ قىلىشقا جۈرئەتلىك ئىدى. ئىلگىرى يۈجۈي تىياتىرىدىكى ناخشىلارنى ئېيتقان. كېيىنكى ئويۇنلاردا يۇدۇڭدياۋ، شياڭفۇدياۋ، شاخېدياۋ (ئاھاڭ تۈرلىرى) قاتارلىقلارنى يۇغۇرۇپ، جىڭجۈي تىياتىرى، پىڭجۈي تىياتىرى، چىنچياڭ تىياتىرى، مۇزىكىلىق تىياتىر، جۈيزى تىياتىرى(子坠 بۇ خېنەن تىياتىرىنىڭ بىر خىلى) ، سەنشى باڭزى، خېبېي باڭزى قاتارلىق تىياتىرلارنىڭ بەدىئىي ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ناخشا ۋە ئورۇنداش سەنئىتىنى بېيىتىپ بارغان، ناخشا ئېيتىشتا يېڭى ئۇسلۇب يارىتىپ، يۈجۈي تىياتىرىدىكى بىر ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ، «چاڭ ئېقىمى» دەپ ئاتالغان.1948 - يىلى شىئەن شەھىرىدە شياڭيۈي تىياتىر مەكتىپى قۇرۇپ، ئوقۇتۇش بىلەن ئويۇن قويۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاكتيورلارنى يېتىلدۈرگەن. كېيىن شياڭيۈي تىياتىر ئۇيۇشمىسىغا ئۆزگەرتكەن.1951 - يىلى، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۆزىنىڭ ئۆمىكىنى باشلاپ غەربىي شىمال، ئوتتۇرا جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگودىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ سەييارە ئويۇن قويۇپ، ئويۇن كىرىمىگە «شياڭيۈي ئۆمىكى» ناملىق بىر جەڭ ئايروپىلانى سېتىۋېلىپ تەقدىم قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر سەنئەتكار دەپ نام ئالغان.
چاڭ شياڭيۈينىڭ ناخشىلىرى قىزغىن، جۇشقۇن، ھاياجانغا تولغان، كۈچلۈك ھەم سىلىق، ئەركىن، تەبىئىي؛ ئورۇندىشى يېڭى، چىرايلىق، ئازادە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى ئىنچىكە ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ رول ئېلىش يولى كەڭ بولۇپ، ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىرلىرىدىن «گۈللۈك رېشاتكا، كاۋخۇڭ، ئۈزۈلگەن كۆۋرۈك، خۇڭجۇدىكى جەڭ، داسەي كەنتى» ۋە ھازىرقى زامان تىياتىرلىرىدىن «ئادەملەر چۇقان سېلىپ، ئاتلار كىشنىمەكتە»، «قىزىل چىراغ» قاتارلىقلار بار.