UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىيې شېڭتاۋ

يې شېڭتاۋ

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى يې شېڭتاۋ (1894 −1988 - يىللار) مائارىپ، نەشرىيات، ئەدەبىي ئىجادىيەت قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ تەسىرى خېلى زور. يې شېڭتاۋنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتىدە «سەنئەت كىشىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك» دېگەن تەشەببۇس گەۋدىلەنگەن، نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە شەھەردىكى ئۇششاق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ چۈشكۈن تۇرمۇشىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ چاكىنا، تېتىقسىز تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ۋە خىلمۇخىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلىدۇ ۋە ئاچچىق مەسخىرە قىلىدۇ، بولۇپمۇ شەھەردىكى ئۇششاق زىيالىيلار ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئالاھىدە ئوبرازلاردۇر. مەسىلەن، «تاماق» تىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋۇ ئەپەندى بىر قاچا تامىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنمۇ مەكتەپ مەمۇرىيەت ھەيئىتىنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ خۇشامەت قىلىدۇ، مەكتەپ مەمۇرىيەت ھەيئىتى يەنىلا ئۇنىڭ ئازغىنا ئىش ھەققىنى يولسىزلىق بىلەن تۇتۇپ قالىدۇ. «مەكتەپ مۇدىرى» دىكى مۇدىر مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، توغرا يولدا يۈرمەيدىغان بىرنەچچە ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن چىقىرىۋېتىشنى ئويلىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ پىتنە تېرىپ دىلىنى ئاغرىتىشىدىن قورقۇپ، ئۇلارنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىشلىتىۋېرىدۇ. «فەن ئەپەندى رىيازەتتە» مۇشۇ خىل ئەسەرلەر ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەر، ئۇنىڭدا فەن ئەپەندىدىن ئىبارەت بۇ نەپسانىيەتچىنىڭ نومۇسسىز روھىي دۇنياسى جانلىق سۈرەتلەنگەن. فەن ئەپەندى بارلىق ئىش - ھەرىكىتىدە ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى قوغداپ قېلىشنىلا ئويلايدۇ. مەيلى ئۇ ئالاقزادە بولۇپ قاچقاندا بولسۇن، مىلىتارىستلارنى مەدھىيىلىگەن مەزگىلدە بولسۇن، ئۆزىنىڭ پايدا - زىيىنىنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمايدۇ. يې شېڭتاۋنىڭ «مەلۇم شەھەردىكى ئىشلار، كېچە، بىر پارچە خىتابنامە» گە ئوخشاش بەزى ئەسەرلىرىدە، ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتتىكى كۈرەشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يەنە «تۆت - بەش كۈرە ئارتۇق ھوسۇل ئالدىم» دېگەنگە ئوخشاش يېزىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەسەرلىرىمۇ بار. «نيې خۇەنجى» − يې شېڭتاۋنىڭ بىردىنبىر رومانى، شۇنداقلا «4 - ماي» دىن كېيىن ئەڭ بالدۇر ئوتتۇرىغا چىققان رېئالىزملىق رومانلارنىڭ بىرى. ئەسەردە باش پېرسوناژ نيې خۇەنجىنىڭ پائالىيىتى ۋە ئىدىيە تەرەققىياتى تەسۋىرلىنىپ، شۇ ئارىدا جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى شىنخەي ئىنقىلابى، يۈەن شىكەينىڭ خان بولۇشى، جاڭ شۈننىڭ كونىلىقنى تىرىلدۇرۇشى، «4 - ماي» بورانلىرى، «30 - ماي» ھەرىكىتى، »12 - ئاپرېل» ۋەقەسىدىن ئىبارەت بىر قاتار زور ۋەقەلەر ئىخچام ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
يې شېڭتاۋ | UyghurWiki | UyghurWiki