بىڭ شىن
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
ئايال يازغۇچى بىڭ شىن يېزىقچىلىقنى باشلاش بىلەنلا، بالىلار بىلەن سىرداش دوست بولۇپ كەتكەن. ئۇ تۇنجى شېئىرىدا: «ئالەمدىن باشقا، پەقەت بالىلارلا ئەڭ سۆيۈملۈك. ئۇلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئويلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، تارتىنىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. بېشىڭنى كۆتۈرۈپ ئويناشساڭ، ئېڭىشىپ سۇ ئوينىساڭمۇ بولۇۋېرىدۇ...» دەپ يازغان. «يۇلتۇزلار»، «باھار سۈيى» ناملىق ئىككى شېئىرلار توپلىمىدا، بىڭ شىن غەمسىز سەبىي بالىلاردەك ئانا مېھرىنى، ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھەببەتنى ۋە تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى مەدھىيىلەيدۇ، بۇنىڭدىن ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ پاك قەلبىنى ۋە سەمىمىي ھېسسىياتىنى كۆرۈۋالالايدۇ.1923
- يىلى بىڭ شىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان. ئۇ ۋەتەندىن يىراقتا تۇرسىمۇ، لېكىن دۆلەتتىكى ئۆسمۈر بالىلارنى روھىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ داۋاملىق ئەڭ قىزغىن، ئەڭ سەمىمىي پوزىتسىيىسى بىلەن ئۆزى سەپەر جەريانىدا ۋە چەت ئەلدە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى، يەنە ئۆتكەن ئىشلار توغرىسىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئوچېرك شەكلىدە29 پارچە سالام خەت قىلىپ يېزىپ كەينى - كەينىدىن دۆلەتكە ئەۋەتىپ، بالىلار بىلەن ژۇرنال يۈزىدە سۆھبەتلىشىپ تۇردى. كېيىن بۇلارنى «كىچىك ئوقۇرمەنلەر مەكتۇپ» گە دېگەن نامدا توپلام قىلىپ چىقتى. بۇ جۇڭگونىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ بۇرۇن چىققان بالىلار ئەدەبىياتى ئەسىرى، شۇنداقلا بىڭ شىننىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نەسرلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يېڭى ئەدەبىيات ئىشلىرى ئۈچۈن70 يىل كۈرەش قىلدى.