ئەينەكتىكى گۈل
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
«ئەينەكتىكى گۈل» چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن چىققان بىر داڭلىق رومان، ئۇ لى رۇجىن (1763؟ −1830 ؟ - يىللار)نىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان ئەسىرى.
كىتاب50 بابتىن ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن. ئالدىنقى يېرىمىدا تاڭ ئاۋ، تاڭ شياۋشەن ئاتا - قىز ئىككىسىنىڭ ئايرىم - ئايرىم چەت ئەلدە40 نەچچە دۆلەتتە ئايلىنىپ يۈرۈپ كۆرگەن، ئاڭلىغان، كىشىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان ئاجايىپ غەلىتە ئىشلىرى يېزىلغان؛ كېيىنكى يېرىمىدا ۋۇ زېتيەننىڭ تالانتلىق قىزلاردىن ئىمتىھان ئالغانلىقى، گۈلدەك گۈزەل100 قىزنىڭ ھەممىسى ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ زىياپەتتە ساز چېلىپ، شېئىر ئوقۇپ، ھاراق تېپىشمىقى ئويناپ، مۇنازىرە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلغانلىقى يېزىلغان.
روماننىڭ مېغىزى ئالدىنقى قىسىمدا. ئەسەردە خىيالىي چەت ئەلدىكى دۇنيانى تەسۋىرلەش ئارقىلىق رېئال دۇنيادىكى ئادەمگەرچىلىك ئەھۋالى ئېچىپ بېرىلىپ ۋە مەسخىرە قىلىنىپ، كۈچلۈك رېئالىستىك روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بولۇپمۇ «ئاياللار دۆلىتى» توغرىسىدىكى تەسۋىردە ئاياللارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇلۇپ، ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار دېگەن كۆزقاراشنى رەت قىلىپ، مۇئەييەن دېموكراتىك ئىدىيە ئىپادىلەنگەن.
«ئەينەكتىكى گۈل» نىڭ تىلى يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق، تەسەۋۋۇرغا باي، گەرچە كېيىنكى بۆلەكتە، تالانتىنى كۆز - كۆز قىلىپ، ماتېرىياللارنى تىزىپلا قويۇپ، سۇژىتنىڭ مۇكەممەللىكىنى بۇزۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشىلەر ياقتۇرىدىغان بىر رومان بولماي قالمىدى.