لياڭ چىچاۋ
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
كاڭ يۇۋېي بىلەن بىللە «كاڭ - لياڭ» دەپ ئاتالغان لياڭ چىچاۋ (1873 −1929 - يىللار) ئېلىمىزنىڭ19 - ئەسىردىكى بۇرژۇئا ئىسلاھاتى ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرىنىڭ بىرى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بالا ئىدى، ئالتە يېشىدا كۇڭزىچىلارنىڭ كلاسسىك كىتابلىرىنى ئوقۇغان، سەككىز يېشىدا ماقالە يازالايدىغان بولغان، كاڭ يۇۋېينى ئۇستاز تۇتۇپ «يېڭى ئىلىم» نى ئۆگەنگەن.1895
- يىلى دۆلەتنى مۇنقەرز قىلىدىغان «ماگۇەن شەرتنامىسى» ئىمزالىنىدىغان پەيتتە، لياڭ چىچاۋ كاڭ يۇۋېي بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن بېيجىڭغا كېلىپ توپلاشقان خەتمىكەردىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئوردىغا مەلۇمات يوللاپ، شەرتنامە ئىمزالاشنى رەت قىلىشنى، پايتەختنى يۆتكەپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جەڭ قىلىشنى، قانۇننى ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان، مانا بۇ مەشھۇر «توپلىشىپ مەلۇمات يوللاش» ۋەقەسىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ جىڭشى ۋە شاڭخەيدە «ئوقۇشنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى» بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان، يەنە خۇاڭ زۇنشيەن قاتارلىقلار بىلەن شاڭخەيدە «ۋەزىيەت گېزىتى» نى چىقارغان، «قانۇن ئۆزگەرتىش ھەققىدە مۇلاھىزە» نى ئېلان قىلغان، كېجۈ ئىمتىھانىنى بىكار قىلىش، مەكتەپ قۇرۇش، مەنسەپ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش، يەرلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ۋۇشۈ قانۇن ئۆزگەرتىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ياپونىيىگە كەتكەن. بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى كۆتۈرۈلگەندىن كېين ئۇ كاڭ يۇۋېي بىلەن بىرلىكتە خاننى قوغداش ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش يولىغا ماڭغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، يۈەن شىكەيگە يۆلەنگەن، كېيىن يەنە يۈەن شىكەيگە قارشى چىققان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، سىياسىي ئىلىمنى تاشلاپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، غەربنىڭ ئىجتىمائىي پېنىنى تىرىشىپ تونۇشتۇرغان، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئىلىم، مەدەنىيىتىنى رەتلىگەن ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
لياڭ چىچاۋ يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىغا كۆپ تەرەپتىن تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇ «شېئىرىيەت ئىنقىلابى»، «ھېكايە ئىنقىلابى» نى تەشەببۇس قىلغان، بولۇپمۇ خۇاڭ زۇنشيەن، تەن سىتۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ «يېڭى شېئىرىيەت» ئېقىمىنى تەرغىب قىلغان، بۇلار شېئىر بىلەن ھېكايىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە، لياڭ چىچاۋ كۆپ تەرەپتىن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، لېكىن نەسردىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ زور بولغان. ئۇنىڭ نەسرلىرىنى سىياسىي مۇھاكىمە، تەرجىمىھال، فېليەتون دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. سىياسىي مۇھاكىمىلىرىگە «قانۇن ئۆزگەرتىش ھەققىدە مۇلاھىزە، يېڭى دېموكراتىيە ھەققىدە»؛ تەرجىمىھالغا «ھەقىقانىيەت ئۈچۈن قەستكە ئۇچراپ قۇربان بولغان ئالتە قۇرباننىڭ تەرجىمىھالى، نەن خەي ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى»؛ فېليەتۇنلىرىغا «ئۆسمۈر جۇڭگو توغرىسىدا، ئۆتكۈنچى دەۋر نەزەرىيىسى» قاتارلىقلار مىسال بولىدۇ، بۇلار بىر مەزگىل ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن داڭلىق ئەسەرلەر. ئۇنىڭ نەسرلىرى يۇقىرى ئىستېدات بىلەن يېزىلغان، ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئەركىن مۇلاھىزە قىلىنغان، ئۆز ئالدىغا بىر ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن، ئۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ژانىر ئازادلىقى ۋە «4 - ماي» خەلق تىلى ھەرىكىتىگە يول ئېچىپ بېرىپ، جۇڭگو نەسرچىلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر باسقۇچقا ۋەكىللىك قىلدى.