UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىتاۋ يۈەنمىڭ

تاۋ يۈەنمىڭ

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى سەھرا شائىرى تاۋ يۈەنمىڭنىڭ «بەش كۈرە گۈرۈچكە بېلىمنى ئەگمەيمەن» دېگەن ھېكايىسى كىشىلەر ئارىسىدا قىزىق پاراڭ بولۇپ تارقىلىپ كەلدى. شائىرنىڭ ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆرپ - ئادەتلەر بىلەن بىر ئېقىمدا ئاقمايدىغان يۈكسەك پەزىلىتى ئەۋلادلارنىڭ دۇرۇس ئەدىب بولۇشتىكى كىشىلىك تۇرمۇش نىشانى بولۇپ قالدى. ئائىلە ۋە كۇڭزىچىلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدىن تاۋ يۈەنمىڭ ئۆسمۈر چېغىدىن باشلاپلا دۆلەت، خەلق ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشقا بەل باغلىغان. لېكىن، ئەينى چاغدا شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ جەمئىيىتىدە ئاقسۆڭەكلەر يۇقىرى مەنسەپ، مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىۋالغانلىقتىن، ئاۋام خەلق ئىچىدىكى نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئادەم يولسىز بېسىلىش، چەكلەشلەرگە ئۇچرايتتى، تاۋ يۈەنمىڭ قابىلىيەتلىك بولسىمۇ، ئىزچىل ئەتىۋارلانمىدى. ئۇ سىياسىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرالمايلا قالماستىن، بەلكى ھاقارەتلەرگە چىداپ، ئەمەل سورۇنىدىكى بەزى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشقا توغرا كەلدى، بۇنىڭدىن ئۇ ئىنتايىن خورلۇق ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە لاۋزى - جۇاڭزى ئىدىيىسى ۋە تەركىدۇنيا بولۇش كەيپىياتى ئىنتايىن ئەۋج ئېلىپ، تەبىئىيلىككە ھەۋەس قىلىدىغان، دەرۋىشلىككە ئىنتىلىدىغان ئىدىيىلەر تۇغۇلغانىدى. تاۋ يۈەنمىڭ41 ياشقا كىرگەندە مەنسەپتىن بوشاپ، يېزىغا قايتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ تەركىدۇنيا بولۇپ، قايتا ئەمەل تۇتمىدى. يېزىغا قايتقان20 يىل ئىچىدە ئۇ ئەمگەكچى خەلق بىلەن كەڭ ئارىلىشىپ، ئۆزى بىۋاسىتە دىھقانچىلىق ئەمگىكىگە قاتناشتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىدىيۋى ھېسسىياتىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، ئۇنىڭ سەھرا شېئىرلىرىنى ئىجاد قىلىشىغا مۇھىم شارائىت يارىتىلدى. تاۋ يۈەنمىڭدىن تارقىلىپ كەلگەن شېئىر120 نەچچە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرمۇنچە نەسر، سىفۇ (كلاسسىك شېئىر شەكلى)لار بار. بۇنىڭ ئىچىدە سەھرا شېئىرلىرى تاۋ يۈەنمىڭنىڭ شېئىرلىرىنىڭ مۇھىم بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلاردا يېزا تۇرمۇشى، ئېتىز - ئېرىقلارنىڭ مەنزىرىسى ۋە ساددا - سەمىمىي ئۆرپ - ئادەت، مېھىر - مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن. مەسىلەن، تۆت بوغۇملۇق شېئىر «تەلەي»، بەش بوغۇملۇق شېئىر «ئېتىزغا قايتىپ ئولتۇراقلىشىش» قاتارلىقلار. بۇ سەھرا شېئىرلىرىدا ئاپتورنىڭ تىنچ تۇرمۇشقا بولغان سەمىمىي مۇھەببىتى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئاپتورنىڭ ئاتاق - مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان كەڭ قورساقلىقى، ئۆز كۈنىگە شۈكرى قىلىپ خوشال ياشايدىغان پەزىلىتى ئىپادىلەنگەن. بەدىئىيلىك جەھەتتە ئۇ شېئىر تىلىنىڭ ساددا، ئېنىق، ئاددىي، تەبىئىي بولۇشىنى قوغلاشقان، شۇڭا، ئادەمگە خۇددى «يۈرىكىدىن تەبىئىي ئېقىپ چىققاندەك» تەسىرات بېرىدۇ، ئازراقمۇ نۇقسان يوق، ئۇ كلاسسىك شېئىرىيەتتە سەھرا شېئىرلىرى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاپ بەردى، شائىر يەنە بىر قىسىم ئۆتمۈشنى سېغىنىش، تارىخنى كۈيلەش مەزمۇنىدىكى شېئىرلارنىمۇ يازغان، بۇ شېئىرلاردا ئۆزىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئىچىدىكى خىلمۇخىل تەسىراتلىرى، ئەمەلىيەتلىرى ۋە ئەسلىمىلىرى، ئۆزىگە يۈكلەنگەن ئىجتىمائىي غايە ئارقىلىق زۇلمەتلىك رېئاللىقنى تەنقىد قىلىدۇ. سەھرا شېئىرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل شېئىرلار تېخىمۇ سىياسىيۋىلىككە ۋە رېئاللىققا ئىگە. تاۋ يۈەنمىڭنىڭ سىفۇ، نەسرلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئىدىيىۋىلىك، بەدىئىيلىك جەھەتتە ئۆزگىچە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. «شاپتۇللۇق باغ خاتىرىسى»، «قايتىپ بېرىش ۋە كېلىش»، «ۋۇ ليۇ ئەپەندى» قاتارلىقلار ھازىرمۇ دائىم ئوقۇلۇپ تۇرىدىغان داڭلىق ئەسەرلەر.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى