ئەرۋاھ تۇتۇش
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلىرى مەزگىلىدە جىن - شاياتۇنلار تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلەر بەك راۋاجلانغانىدى. بۇنداق ھېكايىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلار يېزىلغان، بەزىلىرىدە جىن - ئالۋاستىلار يېزىلغان، بەزىلىرىدە بۇددا ئەقىدىلىرى يېزىلغان، بەزىلىرىدە ئادەملەر شالاڭ رايونلارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بايان قىلىنغان، بەزىلىرىدە خىيالىي ئەۋلىيالارنىڭ تەدبىرلىرى توقۇلغان. ئاجايىپ - غارايىپ، تازا قاملاشماسلىق ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. شەرقىي جىن سۇلالىسىدىكى گەن باۋ يازغان «ئەرۋاھ تۇتۇش» بۇ خىل ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن يېزىلغان، ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەسەر.
«ئەرۋاھ تۇتۇش» تا يېزىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاجايىپ - غارايىپ، يالغان - ياۋىداق ھېكايىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەپسانىۋى رىۋايەتلەر ۋە خەلق چۆچەكلىرىمۇ ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن، «خەن پىڭ ئەر - خوتۇن، چاپارمەن موشى، ئۈچ پادىشاھنىڭ قەبرىسى» قاتارلىقلاردا فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ رەھىمسىز، زوراۋان ماھىيىتى پاش قىلىنىپ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئېگىلمەس روھى مەدھىيىلەنگەن. «لى چىنىڭ يىلان يوقىتىشى» دا قىزچاق لى چىنىڭ ئۆزىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشى بىلەن كارى بولماستىن، ئەقىل - پاراسەت ۋە باتۇرلۇق بىلەن خەلق ئۈچۈن ئاپەتنى يوقاتقان ئىش - ئىزلىرى بايان قىلىنىدۇ. «ئەرۋاھ تۇتۇش» نىڭ مەزمۇنى خىلمۇخىل، تەسۋىرى ئىنچىكە ۋە جانلىق، پېرسوناژلارنى يارىتىشتىمۇ روشەن ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇ ھېكايىچىلىقنىڭ دەسلەپكى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، ئېلىمىز ھېكايىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇئەييەن ئورۇن تۇتتى.