UyghurWiki›جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى›جۇڭگونىڭ ئەڭ بۇرۇنقى كونا خەنزۇ ئەدەبىي تىلىدا ئادەملەر تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلىرى
جۇڭگونىڭ ئەڭ بۇرۇنقى كونا خەنزۇ ئەدەبىي تىلىدا ئادەملەر تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلىرى
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
جۇڭگونىڭ قەدىمكى ھېكايىلىرى «جىن - شاياتۇنلار تەزكىرىسى»، «ئادەملەر تەزكىرىسى» دەپ تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ، جىن - شاياتۇنلار تەزكىرىسىدە ئەرۋاھلار، جىنلار توغرىسىدىكى ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلار يېزىلىدۇ، ئادەملەر تەزكىرىسىدە ئاساسلىق ئادەملەرنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى، ئىش - ئىزلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. جەنۇبىي سۇلالىلەردىن سۇڭ بەگلىكىدىكى ليۇ يىچىڭ تۈزگەن «ئەل ئارىسىدىكى يېڭى مۇھاكىمىلەر» ئېلىمىزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى كونا خەنزۇ ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان، ئادەملەر تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلەر توپلىمى ھېسابلىنىدۇ.
«ئەل ئارىسىدىكى يېڭى مۇھاكىمىلەر» ناملىق كىتاب ئەسلىدە سەككىز جىلد بولۇپ، ھازىرقى نۇسخىسى ئۈچ جىلد، «ئەخلاق، گەپ - سۆز، ھاكىمىيەت ئىشلىرى، ئەدەبىيات» قاتارلىق36 تۈرگە بۆلۈنىدۇ. پۇتۇن كىتابقا1000 دىن ئارتۇق ھېكايە كىرگۈزۈلگەن، بىرقانچە قۇرلا خەت بىلەن، قىسقا بولغاندا نەچچە ئېغىز گەپ بىلەنلا ئىخچام بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئاساسلىق خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىن شەرقىي جىن سۇلالىسى ئارىلىقىدا ئۆتكەن بىر قىسىم ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ تارىختا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان سۆز - ھەرىكەت، ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن، ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمۇ تىلغا ئېلىنغان. بۇ تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ قىياپىتى، بولۇپمۇ ئۇقۇمۇشلۇقلار قاتلىمىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، ھەتتا روھىي دۇنياسى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە قاراڭغۇ رېئاللىقنى تەنقىد قىلىدىغان، راھەت - پاراغەت، ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى مەسخىرە قىلىدىغان، ئەقىل - پاراسەت، ئاق كۆڭۈللۈكنى مەدھىيىلەيدىغان نۇرغۇن بايانلار بار.
«ئەل ئارىسىدىكى يېڭى مۇھاكىمىلەر» نىڭ تىلى ساددا، پىششىق، بەزىلىرىدە خەلقنىڭ ئاغزاكى تىلى قوللىنىلغان، تىلى ئىخچام، چوڭقۇر مەنىلىك، كىشىنى ئويغا سالىدۇ. پېرسوناژلار پارچە - پۇرات بۆلەكلەردە خاتىرىلەنگەن، ئەمما پرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى ئىنچىكە ئىپادىلەنگەن. كىتابنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئاجايىپ ئېسىل ئوخشىتىش، سۈپەتلەش، مۇبالىغە ۋە تەسۋىرلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. «ئەل ئارىسىدىكى يېڭى مۇھاكىمىلەر» نىڭ تىل سەنئىتىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ خاتىرە ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتتى. كېيىنكى كىشىلەرنىڭ «ئەل ئارىسىدىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ داۋامى، ئەل ئارىسىدىكى بۈگۈنكى مۇھاكىمىلەر» قاتارلىق «ئەل ئارىسىدىكى يېڭى مۇھاكىمىلەر» گە تەقلىد قىلىپ يازغان ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ. كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن ۋەقە كېيىنكى دەۋرلەردە ھېكايە، دراما ئىجادىيىتىگە ماتېرىيال بولدى. «مى خىڭنىڭ دۇمباق چېلىپ ساۋ ساۋنى تىللىشى، ساۋ جژ يەتتە قەدەم ماڭسىلا بىر شېئىر پۈتۈپتۇ» قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى.