UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىيۈەن سۇلالىسى نەغمىلىرىنىڭ داڭلىق تۆت پېشۋاسى

يۈەن سۇلالىسى نەغمىلىرىنىڭ داڭلىق تۆت پېشۋاسى

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى ئېلىمىزنىڭ تىياتىر ۋە ئەلنەغمە سەنئىتى ناھايىتى ئۇزۇن ھامىلىدارلىق جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، سۇڭ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىشكە باشلىدى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە زاجۈ تىياتىرى گۈللىنىپ، بۇ دەۋر ئېلىمىزنىڭ دراما ۋە ئەلنەغمە تارىخىدىكى ئالتۇن دەۋر بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدىكى ئىسمى خاتىرىلەنگەن زاجۈ تىياتىرى يازغۇچىلىرى80 نەچچە ئادەم، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى زاجۈ يازغۇچىلاردىن گۇەن خەنچىڭ، بەي بۇ، ما جىيۈەن، جىن گۇاڭزۇ تۆتەيلەن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئوخشاشمىغان مەزگىل، ئوخشاشمىغان ئېقىمدىكى زاجۈ تىياتىرى ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەۋلادلار ئۇلارنى «يۈەن سۇلالىسى نەغمىلىرىنىڭ داڭلىق تۆت پېشۋاسى» دەپ ئاتىدى. «يۈەن سۇلالىسى نەغمىلىرىنىڭ داڭلىق تۆت پېشۋاسى» دېگەننى ئەڭ بۇرۇن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۇ دېچىڭ «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك فونىتىكىسى» دېگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ پەقەت تۆت ئادەمنىڭلا ئىسمىنى تىلغا ئالغان، ئەمما، «تۆت پېشۋا» دەپ نام بەرمىگەنىدى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، خې لياڭجۈننىڭ «تۆت دوست ھۇجرىسىدىكى پاراڭلار» دېگەن كىتابىدا «تۆت پېشۋا» دېگەن نام رەسمىي ئوتتۇرىغا چىققان، ئۇ «يۈەن دەۋرىدىكىلەرنىڭ نەغمە - ناۋا مەھكىمىسى ما دۇڭلى، جىن دېخۇي، گۇەن خەنچىن، بەي رىنفۇلارنى داڭلىق تۆت پېشۋا دەپ ئاتىغان» دېگەنىدى. بۇ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇ تۆت تىياتىر ۋە ئەلنەغمە يازغۇچىلىرىغا بېرىلگەن باھا بىلەن تىزىش رەت تەرتىپى ئادەملەر ۋە ۋاقىت تۈپەيلى ئوخشاشمايدۇ. مەسىلەن، يۈەن دەۋرىدىكى جۇڭ سىچىڭ «جىنلار خاتىرىسى» دە گۇەن خەنچىڭنى تىياتىر ۋە ئەلنەغمە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىغا قويغان، جيا جۇڭمىڭمۇ گۇەن خەنچىڭنى «ئۇسسۇل - نەغمە سارىيىنىڭ يېتەكچىسى، باش تۈزگۈچى ئۇستاز، زاجۈ تىياتىرى ئۆمىكىنىڭ باشچىسى» دەپ ئاتىغان، لېكىن مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن جۇ چۈەن «تەيخېنىڭ تەلەپپۇزنى توغرىلاش نوتىسى» دا ما جىيۈەننى ھىمايە قىلىپ، گۇەن خەنچىڭنى «تىلغا ئالسىمۇ، ئالمىسىمۇ بولىدىغان تالانت» قاتارىغا تىزغان. ھازىر، ۋاڭ گوۋېينىڭ «سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تىياتىر، ئەلنەغمە تارىخى» دېگەن ئەسىرىدىكى: يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى نەغمىچىلەردىن مىڭ سۇلالىسىدىن بۇيان گۇەن، ما، جىن، بەيلەر ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما يىل دەۋرى ۋە ماھارەت جەھەتتىن ئالغاندا، «گۇەن، بەي، ما، جىن» دەپ ئاتىغان مۇۋاپىقراق بولىدۇ. گۇەن خەنچىڭ ھېچ نەرسە يوق ئەھۋالدا ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ، مۇزىكا، نەزملەرنى ئۆزى تۈزگەن، شۇنداقلا سۆز، مۇزىكىلىرى ناھايىتى ھېسسىياتلىق، قەدىمدە ئۇنى: «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى نەغمىچىلەرنىڭ بىرىنچىسى دەپ قارايتتى» دېگەن قارىشى بىرقەدەر ئادىل قاراش دەپ قارىلىۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
يۈەن سۇلالىسى نەغمىلىرىنىڭ داڭلىق تۆت پېشۋاسى | UyghurWiki | UyghurWiki