UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىتارىخىي خاتىرىلەر

تارىخىي خاتىرىلەر

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى «تارىخىي خاتىرىلەر» ئۇلۇغ تارىخىي ئەسەر ھەم تەرجىمىھال ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەر. ئۇنىڭدا قەدىمدىن تاكى خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە بولغان3000 يىلدىن بۇيانقى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپتىكى تارىخىي ئەھۋاللار ئەتراپلىق خاتىرىلەنگەن، ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىنىڭ بۈيۈك يەكۈنى. «تارىخىي خاتىرىلەر» خانلار تەزكىرىسى، خاتىرىلەر، ئەسەرلەر، بەگزادە - ۋاڭلار تەزكىرىسى، خانلار نەسەبنامىسى بولۇپ،130 قىسىم،520 مىڭ خەتتىن تەركىب تاپقان. «خانلار تەزكىرىسى» دە تارىختىكى ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران خانلارنىڭ تۆھپىلىرى خاتىرىلەنگەن؛ «خاتىرىلەر» دە ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى چوڭ ئىشلار قىسقىچە خاتىرىلەنگەن؛ ئەسەرلەر ئايرىم ۋەقەلەرنىڭ باش - ئاخىرىدىكى ھۆججەتلەر بولۇپ، ئاسترونومىيە، يىل ھېسابى، سۇ ئىنشائاتلىرى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سەنئەت جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ۋە ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللار خاتىرىلىنىپ، كېيىنكى دەۋرلەردىكى مەخسۇس پەنلەر تارىخىغا يېقىنلىشىدۇ؛ «بەگزادە - ۋاڭلار تەرجىمىھالى» دا ئاساسلىق ئاقسۆڭەك بەگ، ۋاڭلارنىڭ تارىخى خاتىرىلەنگەن؛ «خانلار نەسەبنامىسى» دە ئوخشاشمايدىغان تۈر، قاتلاملاردىكى شەخسلەرنىڭ نەسەبلىرى خاتىرىلەنگەن. «تارىخىي خاتىرىلەر» نىڭ ئەسلىدە كىتاب نامى يوق ئىدى، سىما چيەن بۇ بۈيۈك ئەسەرنى تاماملىغاندىن كېيىن، شۇ چاغدىكى چوڭ ئۆلىما دۇڭ فاڭشۇغا كۆرسەتكەن، دۇڭ فاڭشۇ ئىنتايىن قايىل بولۇپ، كىتاب ئۈستىگە «ساراي رەسەتبېگى» دەپ يېزىپ قويغان، «رەسەتبېگى» سىما چيەننىڭ ئەمەل نامى ئىدى، «رەسەتبېگى» دېگەن نام پەقەت ئەسەرنى كىم يازغانلىقىنىلا بىلدۈرەلەيتتى. بەن گۇ «خەننامە. ئەدەبىيات ۋەسىقىلىرى مۇندەرىجىسى» دە بۇ كىتابنى خاتىرىلىگەندە، «رەسەتبېگىنىڭ130 پارچە ئەسىرى» دەپ ئۆزگەرتكەن، كېيىنكىلەر يەنە «رەسەتبېگى خاتىرىلىرى، رەسەتبېگىنىڭ كىتابى، رەسەتبېگىنىڭ تەرجىمىھالى» دەپ قىسقارتقان. ئۇزاق زامانلار داۋامىدا كىشىلەر «رەسەتبېگىنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەنگە ئاساسەن «تارىخىي خاتىرىلەر» دەپ قىسقارتىۋالغان. «تارىخىي خاتىرىلەر» نىڭ ئاپتورى سىماچيەن (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى145 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى87 - يىلى؟)، تەخەللۇسى زىچاڭ، زوفېڭيىنىڭ شياياڭ(ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خەنچېڭ) دېگەن يېرىدىن. دادىسى سىما تەن ئىنتايىن بىلىملىك كىشى بولۇپ، ئوردا سالنامىچىسى ئىدى. سىما چيەن10 ياش ۋاقتىدىلا دادىسىغا ئەگىشىپ چاڭئەنگە كەلگەن، كىچىك ۋاقتىدا نۇرغۇن كىتاب ئوقۇغان.20 يېشىدىن باشلاپ ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلغان، كېيىن يەنە خەن پادىشاھى ۋۇدىغا ھەمراھ بولۇپ ئوۋغا چىقىپ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىشقا بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ جايلارنى كۆرگەن. بۇ ئەمەلىي پائالىيەتلەر سىما چيەننىڭ تارىخ بىلىملىرىنى ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسىنى بېيىتقان، ئۇ يەنە خەلق تىلىدىن مول ئوزۇق ئالغان، بۇلار ئۇنىڭ كېيىن »تارىخىي خاتىرىلەر«نى يېزىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. سىما چيەن35 ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇنىڭدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئوردا سالنامىچىلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان.42 ياشقا كىرگەندە «تارىخىي خاتىرىلەر» نى يېزىشنى رەسمىي باشلىغان. كېيىن خەن پادىشاھى ۋۇدىنى رەنجىتىپ قويغانلىقتىن زىندانغا چۈشۈپ، جازاغا ئۇچرىغان، لېكىن ئۇنىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر» نى تاماملاش ئارزۇسى، ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيگەن ۋە قەتئىيلەشكەن. ئۇ زىنداندا ھەسرەتلىك ۋە غەزەپلىك ھېسسىياتى بىلەن يېزىشنى داۋاملاشتۇرغان، تەيشىنىڭ4 - يىلى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى93 - يىلى) «تارىخىي خاتىرىلەر» ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى