UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىلى شاڭيىن

لى شاڭيىن

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى شائىرلار ئىچىدە لى شاڭيىن شېئىرىيەتتە ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان كىشى، شۇنداقلا مۇھەببەت شېئىرلىرىنى يېزىشقا ئۇستا شائىر. لى شاڭيىن (813 −858 - يىللار)نىڭ مەنسەپ تۇتۇش يولى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، ئۆمۈر بويى ياردەمچى ئەمەلدار بولۇپلا ئۆتكەن. ئەگرى - توقاي سىياسىي ھايات لى شاڭيىننىڭ شېئىر ئىجادىيىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تارقىلىپ كەلگەن600 نەچچە پارچە شېئىرى ئىچىدە بىۋاسىتە سىياسىيغا تاقىلىدىغىنى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ سىياسىي شېئىرلىرىدا دائىم تارىختىكى فېئودال خان، بەگلەرنىڭ ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ دۆلەتكە زىيان سالغانلىقىنى باش تېما قىلىپ، رېئال سىياسىينى مەسخىرە قىلغان. «چاڭئەن راۋىقى» مانا مۇشۇنداق شېئىرلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. لى شاڭيىننىڭ ئەسەرلىرىدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ماختىشىغا ئېرىشكىنى يەنىلا ئۇنىڭ مۇھەببەت شېئىرلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل شېئىرلارغا «تېمىسىز» دەپ ياكى ئەسەر ئىچىدىكى ئىككى سۆزنى ئېلىپلا نام بەرگەن، ئەگىتىپ بېرىلگەن ئىشق - مۇھەببەت، نەپىس سۆزلەر، چىرايلىق تەلەپپۇز ئارقىلىق قاتتىق غەمگە مۇپتىلا قىلغان مۇھەببەت ۋە سېغىنىش ئازابى ئىپادىلەنگەن. «قاناتىم يوقكەن ئۇچۇپ بارغىلى، كۆردۈم كۆڭۈل كۆزۈمدە سېنى، كۆڭلۈم باھارىدا ئېچىلمايدۇ گۈل، سېغىنىش، پىراقتا كۆيۈپ بولدۇم كۈل، جېنى بار پىلە توختىماس ئېسىل مەشۇت چىقارماقنى، كۆيۈپ پۈتمەي يېشى پۈتمەس، ئاقار ياش ھەر نەپەس شامدىن» قاتارلىقلار مۇشۇنداق تېمىسىز شېئىرلاردىكى ئېسىل مىسرالار. چوڭقۇر مۇھەببەت، نەپىسلىك، رەتلىك بولۇش، ئوبرازلار يارقىن بولۇش ئۇنىڭ شېئىر ئۇسلۇبىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. لى شاڭيىننىڭ شېئىرلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۇھەببەت شېئىرلىرى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە ئادەم ئەۋەتكەن ۋە يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلاللىرى دەۋرىدىكى مۇھەببەت تېمىسىدا دراما يازىدىغان بىر قىسىم يازغۇچىلارمۇ ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى