UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىرلىنچۈەندىكى تۆت چۈش

رلىنچۈەندىكى تۆت چۈش

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى چۈشىدە سەيلە قىلىش ئارقىلىق ھېكايە سۇژىتىنى راۋاجلاندۇرۇش مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق دراماتورگ تاڭ شيەنزۇ (1550 −1616 - يىللار) نىڭ ئادەتلەنگەن ئۇسلۇبى. ئۇنىڭ تۆت داڭلىق ئەسىرى «مۇدەن راۋىقى» (روھنىڭ قايتىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، «خەندەن خاتىرىسى، نەنكې خاتىرىسى، بىنەپشە چاچ قىسقۇچ» لارنىڭ ھەممىسى چۈشنى يېزىشتىن باشلانغان، تاڭ شيەنزۇ جياڭشى لىنچۈەن (ھازىرقى جياڭشىنىڭ ۋۇجۇ شەھىرى)لىك، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ يازغان بۇ سەھنە ئەسەرلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ »لىنچۈەندىكى تۆت چۈش« دەپ ئاتالغان. «نەنكې خاتىرىسى»، «خەندەن خاتىرىسى» تاڭ دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ «نەنكې ۋالىيسىنىڭ تەرجىمىھالى» ۋە «جىنجۇڭ خاتىرىسى» ئاساسىدا پىششىقلاپ ئىجاد قىلىنغان. «نەنكې خاتىرىسى» دە خۇەيئەن بەگلىكىنىڭ سىياسىتى ئادىل، دۆلەت تىنچ، ئەل ئامانلىقى يېزىلغان، چۈمۈلە ئوۋىسى دۇنياسى توغرىسىدىكى مەسەلدىن پايدىلىنىپ، ئاپتورنىڭ كۇڭزىچىلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئادالەت بىلەن باشقۇرۇش قارىشىنى ئاساس قىلغان سىياسىي غايىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «خەندەن خاتىرىسى» دە فېئودال بيۇروكراتلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىر - بىرىنى چەتكە قېقىپ، تۇرمۇشتا ھاياسىز ئەيش - ئىشرەت قىلىدىغان ئەپت - بەشىرىسىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن. «بىنەپشە چاچ قىسقۇچ» مۇ تاڭ دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھېكايىسى «خو شياۋيۈنىڭ تەرجىمىھالى» دىن پايدىلىنىپ ئىجاد قىلىنغان، ئەسەردە بىنەپشە رەڭلىك چاچ قىسقۇچ لىنىيە قىلىنىپ، خو شياۋيۈ بىلەن لى شىلاڭنىڭ مۇھەببەت ئوڭۇشسىزلىقلىرى راۋاجلاندۇرۇلغان. «لىنچۈەندىكى تۆت چۈش» تىكى «مۇدەن راۋىقى» نى ئەجدادلار ئەڭ ياقتۇرغان، تاڭ شيەنزۇ ئۆزىمۇ: «ھاياتىمدىكى تۆت چۈشنىڭ ئىچىدە پەقەت مۇدەندىن رازىمەن» دېگەنىدى. ئۇ تاڭ شيەنزۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ تىياتىرچىلىق تارىخىدىكى رومانتىك نادىر ئەسەر. «مۇدەن راۋىقى» دا دۇ لىنياڭ بىلەن تالىپ ليۇ مېڭمېينىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى يېزىلغان. ئۇنىڭدا قىزچاق دۇ لىنياڭنىڭ مۇھەببەت ۋە بەخت يولىدا ئۆلۈپ قايتا تىرىلگەنلىكىدەك غەلىتە، تەسىرلىك سۇژىت ئارقىلىق فېئوداللىق ئەدەپ - قائىدە تەربىيىسىنىڭ ئادىمىيلىكنى بوغىدىغان جىنايىتى پاش قىلىنىپ، ياش قىز - يىگىتلەرنىڭ ئەدەپ - قائىدە تەربىيىسىنىڭ بوغۇشىنى بۆسۈپ تاشلاش ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەت يولىدا جېنىدىن كېچىپ كۈرەش قىلغان روھى مەدھىيىلەنگەن. بۇ دراما فېئودالىزمغا كۈچلۈك قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە. «مۇدەن راۋىقى» نىڭ بەدىئىيلىك جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى رومانتىزم. ئاپتور «ئۆلۈپ تىرىلىش» تەك رېئال تۇرمۇشتا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنى خىيالىي مۇھىت ۋە رېئاللىقتىن ھالقىغان باقىي ئالەمدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى زىلزىلىگە سالىدىغان بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، «مۇدەن راۋىقى» دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن قىز - يىگىتلەر باش قەھرىمان ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كەتكەنىكەن، بۇنىڭدىن بۇ ئەسەرنىڭ تەسىرىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك بولغانلىقى ۋە ئۇزاق داۋاملاشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «مۇدەن راۋىقى» دا پېرسوناژ كۆپ ئەمەس، لېكىن ھەممىسى يارقىن، جانلىق، بولۇپمۇ دۇ لىنياڭنى جۇڭگو كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ تەسىرلىك يارىتىلغان ئايال ئوبرازلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. «مۇدەن راۋىقى» نىڭ تىلى ئىنتايىن نەپىس، نۇرغۇن بېيىتلىرى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلاپ، تەكرار - تەكرار ئېيتىلىدىغان مەشھۇر قەدىمىي ناخشىلارغا ئايلىنىپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
رلىنچۈەندىكى تۆت چۈش | UyghurWiki | UyghurWiki