تاغ - ئېزىملار قۇرئى
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
كىشىلەر دائىم قۇرۇق پاراڭ سېلىشقاننى «تاغ - ئېزىملار قۇرئى» دەۋالىدۇ. ئەسلىدە تاغ - ئېزىملار قۇرئى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى رىۋايەتلىرى ۋە جۇغراپىيىسىگە ئالاقىدار بىلىملەر خاتىرىلەنگەن بىر مۇھىم ئەسەر. بۇ كىتاب تەخمىنەن يېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن خەن دەۋرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغىچە چۇ بەگلىكى ۋە با، شۇ دىيارلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجادىيىتىگە ئاساسەن، غەربىي خەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن ليۇ شيۇ (شى)نىڭ تەھرىرلەپ كىتاب قىلىشى بىلەن ھازىرقى ھالىتىگە كەلگەن.
تاغ - ئېزىملار قۇرئى 18 جىلد بولۇپ، «تاغلار قۇرئى» ۋە «ئېزىملار قۇرئى» دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. كىتابتا ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى تاغ - دەريالىرى، ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى، ماددىي بايلىقلىرى، شۇنىڭدەك نۇرغۇن ئاجايىپ - غارايىپ رىۋايەتلەر خاتىرىلەنگەن. «تاغلار قۇرئى» دا ئەتراپتىكى تاغ - دەريالار ئاساس قىلىنىپ، قەدىمكى تارىخ، گۈل - گىياھلار، قۇشلار، ھايۋانلار، ئەپسانىلەر، دىن قاتارلىق مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن. «ئېزىملار قۇرئى» دا جۇغراپىيىلىك ئورنى خاتىرىلەنگەندىن باشقا يەنە باشقا ئەللەر، يات ئادەملەرنىڭ ئەھۋالى، قىياپىتى ۋە ئادەتلىرى خاتىرىلەنگەن. قەدىمكى زاماندا مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا ۋە قاتناش تەرەققىي قىلمىغان ئەھۋالدا، «تاغ - ئېزىملار قۇرئى» ساياھەتچىلىك، جۈغراپىيە بىلىملىرى جەھەتتىكى بىر قامۇس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«تاغ - ئېزىملار قۇرئى» دىكى نۇرغۇن ئەپسانىلەر ۋە خەلق رىۋايەتلىرى ئىنتايىن مول تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئىپادىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۇافۇنىڭ كۈننى قوغلىشى، نۈيۋۇنىڭ ئاسماننى يامىشى، چاڭئېنىڭ ئايغا چىقىشى، گۇڭگۇڭنىڭ غەزەپتە بۇجۇ تېغىنى ئېرىتىۋېتىشى قاتارلىق ئەپسانىلەر ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا تارقىلىپ، ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولۇپ كېتىپ، كېيىنكىلەرنىڭ ئەپسانىۋى چۆچەكلەرنى ئىجاد قىلىشىغا مول ماتېرىيال تەمىنلەپ بەرگەن. «تاغ - ئېزىملار قۇرئى» ئەسلىدىمۇ ئېلىمىزدىكى ئەپسانىلەر ئەڭ كۆپ خاتىرىلەنگەن بىر قەدىمكى ئەسەر.