ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
بۇ، ئېلىمىزنىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىن ۋېي، جىن بەگلىكلىرىگىچە بولغان تارىختىكى بوران - چاپقۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بابلىق رومانلار ئىچىدىكى ئەڭ دەسلەپكى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ئەڭ نادىر تارىخىي رومانى ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگونىڭ رومانچىلىقى شۇنىڭدىن باشلاپ بىر يېڭى تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويدى.
«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» نىڭ تولۇق نامى «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسىدىن ئاممىباب قىسسە»، ئۇنى لو گۇەنجۇڭ ئەلنەغمىچىلەر ئىجاد قىلغان قىسسە، دراما ۋە ئەلنەغمىلەر ئاساسىدا، يەنە چىن تاۋنىڭ «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» ۋە بېي سۇڭ ئىزاھلىغان رەسمىي تارىخ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مول تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ يېزىپ چىققان.
«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دە مىلادىيە184 - يىلىدىن280 - يىلىغىچە بولغان بىر ئەسىرگە يېقىن ئارىلىقتىكى تارىخىي ھېكايە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭىدىن باشلىنىپ غەربىي جىننىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. پۈتۈن كىتابتا ليۇ بېي، گۇەن يۈ، جاڭ فېي ۋە جۇگې لياڭنى مەركىزىي پېرسوناژ قىلىپ ھەم ئاممىنىڭ ليۇ بېينى قوللاپ، ساۋ ساۋغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىۋى خاھىشىنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، شۇ، خەن بەگلىكىنى ۋېي، شۇ، ۋۇ ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپى قىلىپ، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ھەرقايسى فېئودال ھۆكۈمران گۇرۇھلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەربىي، سىياسىي، دىپلوماتىيە جەھەتلەردىكى تۈرلۈك كۈرەشلەرنى مەركەزلىك تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئاپتور بۇ كۈرەشلەر ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ چىرىكلىكى ۋە قاراڭغۇلۇقىنى ئېچىپ بېرىپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە رەزىللىكىنى ئەيىبلەپ، خەلقنىڭ مالىمانچىلىق دەۋردە ئۇچرىغان ئاپەت ۋە كۈلپەتلىرىنى بىرقەدەر ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ھەم ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران سىنىپلارغا بولغان مۇھەببەت - نەپرىتى ۋە قوللاش، قارشى تۇرۇشى، شۇنىڭدەك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش، تىنچلىققا، بىرلىككە ئىنتىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» 12 باب، بۇنىڭ ئىچىدىكى104 بابتا شاپتۇللۇق باغدا ئەھىد تۈزۈشۈپ قېرىنداشلىققا قول بېرىشكەندىن تارتىپ جۇگې لياڭنىڭ ۋۇجاڭيۈەندە ئۆلۈشىگىچە بولغان51 يىلدا يۈز بەرگەن ئىشلار يېزىلغان، كېيىنكى46 يىل روماننىڭ16 بابىدا ئەپلەپ - سەپلەپلا تۈگىتىلگەن. ئەسەردە پېرسوناژلار كۆپ، ۋەقەلەر مۇرەككەپ بولغاچقا، ئاپتور ساۋ ساۋ بىلەن ليۇ بېي گۇرۇھلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت ئاساسلىق لىنىيىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قاتار تەسۋىرلەرنى بەرگەن، تەسۋىرلىرىنىڭ باش - ئاخىرى ئېنىق. كىتابتىكى مۇھىم پېرسوناژلارنىڭ ھەممىسى خۇددى تىرىك ئادەمدەك جانلىق تەسۋىرلەنگەن، جۇگې لياڭنىڭ دانىشمەنلىكى، ساۋ ساۋنىڭ ساختىپەز، گۇمانخورلۇقى، گۇەن يۈنىڭ ساداقەتمەنلىكى، جاڭ فېينىڭ باتۇرلۇقى كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرۇپ، مەلۇم تىپتىكى پېرسوناژلارنىڭ ۋەكىلىگە ئايلانغان. «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» نىڭ تىلى گۈزەل ھەم ئاممىباب، ئىخچام، چۈشىنىشلىك، رىۋايەت پۇرىقى كۈچلۈك. ئۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ تارىخىيلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. ئالىملار ئۇنى «يەتتە ئۈلۈش پاكىت، ئۈچ ئۈلۈش توقۇلما» دەپ قارايدۇ، خەلق ئارىسىدىمۇ «ئۈچ پادىشاھلىق چىن، ئىلاھېلاشتۇرغىنى يالغان» دېگەن سۆز بار.
«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان سىياسىي، ھەربىي كۈرەشلەر ئارقىلىق بىرمۇنچە روشەن، جانلىق پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل سۈرەتنى ھاسىل قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ سەنئەت خەزىنىسىنى بېيىتتى. ئۇ يالغۇز ئەدەبىيات تارىخىدىلا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى سەل چاغلىغۇسىز ئىجتىمائىي تەسىر قوزغىدى. ئاپتور ئەدەبىي قەلىمى بىلەن ھەربىي پائالىيەت ۋە ئۇرۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى؛ جۇگې لياڭ، جاڭ فېي، گۇەن يۈ قاتارلىق بىرمۇنچە يارقىن پېرسوناژلار ئوبرازىنى ياراتتى ھەم ئۇلارنى خەلقنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈۋەتتى، ھەتتا ئۇلار مەلۇم جەھەتلەردە خەلقنىڭ ياشاش ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.