UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىلى خې

لى خې

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان نۇرغۇن ئالىم، شائىرلار تاڭ سۇلالىسىدىكى ئىككى داڭلىق شائىرنى «تەي بەي تالانت پىرى، چاڭ جى تالانت ئەرۋاھى» دەپ سۈپەتلەشكەنىدى. چاڭ جى دېگىنى لى خېنىڭ تەخەللۇسى، «ئەرۋاھى» دېگىنى ھەرگىز ئۇنى جىن - پەرى، ئەرۋاھلارنى تېما قىلىپ يازىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرغا بايلىقىغا، ئاجايىپلىقىغا، مەزمۇنىنىڭ يېڭىلىقىغا، رومانتىك روھقا تويۇنغانلىقىغا قارىتىپ ئېيتىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، لى خېنىڭ شېئىرلىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ شېئىرىيەت مۇنبىرىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. لى خې (790 −816 - يىللار) تاڭ سۇلالىسىدىكى بەگ ئەۋلادى، لېكىن ئاللىبۇرۇنلا ۋەيران بولغاچقا، ئائىلىسى نامرات ئىدى. ئۇنىڭ قابىلىيىتى ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇپ، ئۆسمۈر ۋاقتىدىلا شېئىردا نام چىقارغان، لېكىن ئۆمرىدە ئاران نەزىر - چىراغلارنى باشقۇرىدىغان توققۇزىنچى دەرىجىلىك كىچىك ئەمەلنىلا تۇتقان، ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالماي دەرد چېكىپ، نامراتلىقتىن يىقىلىپ قالغان، ئۇ ئۆلگەندە ئاران27 ياشتا ئىدى. لى خې تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى رومانتىك شائىر، شۇنداقلا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاخىرلىرىغىچە بولغان شېئىرىي ئۇسلۇبنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ بىر ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە بىمەزگىل تۇغۇلۇپ قېلىپ، بەختسىز بولۇپ قالغانلىقىغا ئۆكۈنۈش ھېسسىياتى ۋە ئىچىدىكى دەرد - ھەسرەتلىرى يېزىلىپ، غايە ۋە بۇرچ ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئىپادىلەنگەن؛ ئەينى چاغدىكى ۋاسسال دۆلەتلەرنىڭ بۆلۈنۈشى، ئەمەلدارلارنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق قىلىشى ۋە خەلقنىڭ رەھىمسىز ئېكسپىلاتاتسىيىگە ئۇچرىشى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ رىۋايەت - چۆچەكلەر، جىن - ئالۋاستىلار ئارىسىدا پائالىيەت قىلىپ، دادىل، ئاجايىپ ئۆزگىچە تەسەۋۋۇرى بىلەن خىلمۇ - خىل ئۆزگىرىشچان، ئاڭقىرغىلى بولمايدىغان بەدىئىي دۇنيانى يارىتىپ، ياخشى كۈن ئۇزاققا بارمايدۇ، ۋاقىت ئاسان ئۆتۈپ كېتىدۇ، دەيدىغان ئازابلىق كەيپىياتنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ «سۇ شياۋشياۋنىڭ قەبرىسى» دېگەن شېئىرىدا، چۇ نەزملىرىدىكى «تاغدىكى ئەرۋاھ» نىڭ مەنىۋى مۇھىتى بىلەن جەنۇبىي چى بەگلىكىدە ئۆتكەن پاھىشە ئايال سۇ شياۋشياۋ ھەققىدىكى رىۋايەت بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىمەنە - غۇۋا، يارقىن، مۇڭلۇق ئەرۋاھلار دۇنياسى يارىتىلغان. لى خې يېزىقچىلىققا جىددىي، ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلاتتى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ ھەر قېتىم سىرتقا چىققاندا كەينىدە يۈرگەن بالا چاكار بىر بوغچىنى كۆتۈرۈۋالىدىكەن، ئۇ كېتىۋېتىپ شېئىر ئوقۇسا، ھەربىر ئېسىل مىسرا توقۇلغان ھامان يېزىۋېلىپ بوغچىغا سېلىپ قويۇپ، قايتىپ كەلگەندە ئاندىن تولۇقلاپ، شېئىرنى پۈتكۈزۈپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرى «چۇ نەزملىرى» ۋە يۆفۇ قوشاقلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئىجاد قىلىنغان، شېئىرنىڭ سۈپەتلەش، ئىدىيە، ئوخشىتىش، تىل قاتارلىق تەرەپلىرىدە بۇرۇنقىلارنىڭ كونا رامكىسىدا توختاپ قالماي، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى شېئىرىيەت مۇنبىرىدە ئۆز ئالدىغا بىر بايراق بولۇپ تىكلەنگەن. ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىدىن «غوڭقا چېلىش»، «ۋالىينىڭ يەنمىنگە سەپەر قىلىشى»، «جىنتۇڭ ئەۋلىيانىڭ خەن كۈيىنى ئېيتىشى»، «پېقىر گۆھەر تەردىم» قاتارلىقلار بار. بۇلار كېيىنكى دەۋرلەرگىچە تارقىلىپ كەلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
لى خې | UyghurWiki | UyghurWiki