UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىغەربىي ھۇجرا خاتىرىسى

غەربىي ھۇجرا خاتىرىسى

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى تارىختا «جاھاندىكى سەمىمىي نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇرادىغا يەتسۇن» دېگەن گۈزەل ئارزۇنى قانچىلىغان ئەدىبلەر ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ باش تېمىسى قىلغانىدى، «غەربىي ھۇجرا خاتىرىسى» بۇ باش تېمىنى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسۋىرلىگەن تىياتىر بولۇپ قالدى. «غەربىي ھۇجرا خاتىرىسى» نىڭ تولۇق نامى «سۈي يىڭيىڭنىڭ غەربىي ھۇجرىدا ئاينى كۈتۈشى». ئاپتورى ۋاڭ شىپۇ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاتاقلىق زاجۈ تىياتىرى يازغۇچىسى، دادۇ (ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى) لۇق. ئۇ ئۆمرىدە14 خىل سەھنە ئەسىرى يازغان، «غەربىي ھۇجرا خاتىرىسى» تەخمىنەن يۈەنجىن، دادۇ يىللىرى (1295 −1307 - يىللار) يېزىلغان، بۇ ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. بۇ تىياتىر سەھنىگە چىقىشى بىلەنلا، ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ، يىگىت - قىزلارغا بەك ياراپ كەتكەن، «غەربىي ھۇجرا خاتىرىسى جاھاندا تەڭداشسىز ئەسەر» دەپ ئاتالغان. «غەربىي ھۇجرا خاتىرىسى» نىڭ ۋەقەلىكى ئەڭ بۇرۇن تاڭ دەۋرىدىكى يۈەن جىننىڭ «سۈي ييىڭيىڭنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن ھېكايىسىدە تىلغا ئېلىنىپ، تالىپ جاڭ گۇڭ بىلەن شۇ ۋاقىتتا جىجۇ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا قوشنا بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئۆلۈپ كەتكەن باش ۋەزىرنىڭ قىزى سۈي يىڭيىڭنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن، دېدەك خۇڭ نياڭنىڭ ياردىمىدە ئىككىيلەن غەربىي ھۇجرىدا ئۇچرىشىدۇ، يىڭيىڭ ئاخىر ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىدۇ. كېيىن جاڭ گۇڭ پايتەختكە بېرىپ ئىمتىھان بېرىپ، يۇقىرى ئەمەلگە ئېرىشكەندىن كېيىن يىڭيىڭنى تاشلىۋېتىپ، مۇھەببەت تراگېدىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھېكايە سۇڭ، جىن سۇلالىرى دەۋرلىرىگە كەلگەندە تېخىمۇ كەڭ تارقىلىدۇ. بەزى ئەدىبلەر، ئەلنەغمىچىلەر بەس - بەستە نەزملەرگە ۋە درامىلارغا ئۆزگەرتىپ يازىدۇ، ۋاڭ شىپۇنىڭ كۆپ پەردىلىك زاجۈ تىياتىرى «غەربىي ھۇجرا خاتىرىسى» موشۇنداق مول سەنئەت جۇغلانمىسى ئاساسىدا پىششىقلاپ ئىجاد قىلىنغان. «يىڭيىڭنىڭ تەرجىمىھالى» دىكى باش تېما ئىدىيىسى ۋە يىڭيىڭنىڭ تراگېدىيىلىك خاتىمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئەر - ئايال باش قەھرىمانلارنى مۇھەببەتتە قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان، فېئوداللىق قائىدە - يوسۇنلارنىڭ كىشەنلىرىنى چېقىۋېتىپ، ھارماي تىرىشىش ئارقىسىدا كۆڭۈللۈك نەتىجىگە ئېرىشكەن ياشلار قىلىپ ياراتقانلىقى «غەربىي ھۇجرا خاتىرىسى» نىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئۆزگەرتىش بىلەن سەھنە ئەسىرىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش خاھىشى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، «جاھاندىكى سەمىمىي نىيەتلىك كىشىلەر مۇرادىغا يەتسۇن» دېگەن باش تېما ئىدىيىسى گەۋدىلەنگەن. بەدىئىيلىك جەھەتتە، سەھنە ئەسىرىدە ناھايىتى مۇرەككەپ دراماتىك توقۇنۇشلار ئارقىلىق يىڭيىڭ، جاڭ گۇڭ، خۇڭ نياڭ قاتارلىق بەدىئىي ئوبرازلار يارىتىلىپ، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى جانلىق، روشەن ئىپادىلىنىپ، ئەسەرنىڭ دراماتىك خۇسۇسىيىتى كۈچەيتىلگەن. «غەربىي ھۇجرا خاتىرىسى» نىڭ مۇزىكا، ناخشىلىرى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، شېئىرىي تۇيغۇغا باي، ھەربىر مۇزىكىسى بىر چىرايلىق لىرىك شېئىرغا ئوخشايدۇ. ساۋ شۆچىن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە لىن دەييۈنىڭ تىلىدىن «ئۇنىڭ مۇزىكا، ناخشىلىرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، ئىپار - ئەنبەر پۇراپ تۇرىدۇ» دەپ مەدھىيىلىگەن. «غەربىي ھۇجرا خاتىرىسى» ئېلىمىزنىڭ رېئالىزملىق كلاسسىك تىياتىرچىلىقىدىكى نادىر ئەسەر، كېيىنكى چاغلاردىكى مۇھەببەت تېمىسىدىكى ھېكايە، درامىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن، «مۇدەن راۋىقى، قىزىل راۋاقتىكى چۈش» لەرمۇ ئۇنىڭدىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە فېئودالىزمغا قارشى دېموكراتىك روھنى قوبۇل قىلغانىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى