UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىسۇ بويىدا

سۇ بويىدا

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» بىلەن تەڭ مەيدانغا كەلگەن «سۇ بويىدا» ئېلىمىزنىڭ پروزا تارىخىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى تېما قىلىنغان، بابلارغا ئايرىلغان تۇنجى رومان. ئۇنىڭدا شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى سۇڭ جياڭ قوزغىلىڭى توغرىسىدىكى ھېكايە ماتېرىيال قىلىنغان. ئاپتور شى نەيئەن ئۇنى تارىخىي كىتابلاردىكى ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىپ، خەلق ئىچىدىكى ئەلنەغمىلەر، قىسسىلەر ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، تاللاش، پىششىقلاش ۋە قايتا ئىجاد قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان. «سۇ بويىدا» دا سۇڭ جياڭ قوزغىلىڭىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي ھېكايىنى بايان قىلىش ئارقىلىق خەلق بىلەن ھۆكۈمران سىنىپلار ئارىسىدىكى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەتلەر چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلىپ، يوقسۇل خەلقنىڭ لياڭشەن تېغىغا توپلىشىپ، قولىغا قورال ئېلىپ كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغان تەسىرلىك مەنزىرە نامايان قىلىنىپ، «ئەمەلدارلار قىستىسا، خەلق قارشى چىقىدۇ» دېگەن ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. روماننىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ۋاڭ جىننىڭ قېچىپ كېتىشى، لۇجىشېننىڭ جىن گۇەنشىنى دۇمبالىشى، لىن چۇڭنىڭ لياڭشەنگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇشى قاتارلىق تىپىك ۋەقەلەر ئارقىلىق «سۇ بېشىدىن لاي» ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈپ بېرىلگەن؛ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا، يالغۇزلۇقتىن كوللېكتىپلىققا، تەشكىلسىزلىكتىن تەشكىللىكلىككە تەرەققىي قىلىپ، ئاخىرىدا ھەيۋەتلىك قوزغىلاڭ زور ئېقىمىغا ئايلىنىدىغان تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ ۋۇ سۇڭ، لۇ جىشېن، رۇەن فامىلىلىك ئۈچ باتۇر قاتارلىق بىر تۈركۈم دېھقانلار قەھرىمانلىرىنىڭ ئوبرازىغا مەدھىيە ئوقۇلغان؛ كالۋا خان ۋە ئەركە ۋەزىرلەر ۋەكىللىكىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ جىنايەتلىرى رەھىمسىزلىك بىلەن قامچىلانغان. روماننىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قوزغىلاڭنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى يېزىلىپ، ئەمەلىيەتتە سۇڭ جياڭنىڭ تەسلىم بولۇش دالالىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى تەنقىدلەنگەن، دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبى ئېچىپ بېرىلگەن، فېئوداللىق جەمئىيەتتىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ چەكلىمىلىكلىكى ۋە تراگېدىيىلىكلىكى خېلى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «سۇ بويىدا» دا لياڭشەن قەھرىمانلىرىنىڭ داغدۇغىلىق چوڭ قوزغىلىڭى ئىنتايىن زور قىزغىنلىق بىلەن مەدھىيىلەنگەن، دېھقانلارنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرگەن ھەرىكىتى ئۇدۇلدىن يېزىلغان، بۇ جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات تارىخىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئىش، ئۇ مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى سىنىپىي كۈرەشلەرگە، بولۇپمۇ دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىغا ناھايىتى زور ئىلھام بولغان. ئەسەردە روشەن خاراكتېرگە ئىگە نۇرغۇن قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان، لى كۇي، ۋۇ سۇڭ، لۇ جىشېن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەينەن كۆرۈپ تۇرغاندەك جانلىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، خەلقنىڭ قەلبىدە ئىزچىل ياشاپ كەلدى، شۇنداقلا، خۇددى بىر مەشئەلدەك، خەلقنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش يولىنى يورۇتۇپ كەلدى. «سۇ بويىدا» بەدىئىيلىك جەھەتتە، جۇڭگونىڭ قەدىمكى ھېكايە ۋە قىسسىلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان، ۋەقەلىكى مول ئەپسانىۋىلىككە ئىگە، بىر دولقۇن بېسىلماي تۇرۇپلا يەنە بىر دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ، ھەربىر ۋەقە ئوقۇرمەنلەرنى رام قىلىۋالىدۇ. تىلى ئىخچام، تەسىرلىك، پىششىق، توغرا، تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق، بولۇپمۇ پېرسوناژ تىلىنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن، دائىم بىر - ئىككى ئېغىز سۆز بىلەنلا پېرسوناژنىڭ ئەينى چاغ، ئەينى جايدىكى سالاھىيىتى ۋە روھىي ھالىتى، ئىچكى مىجەز - خاراكتېرى ئېچىپ بېرىلىپ، كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ. «سۇ بويىدا» كېيىنكى دەۋرلەردە غايەت زور كۆپ تەرەپلىك تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىنكى دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنى مول كۈرەش تەجرىبىلىرى ۋە ئىبرەتلەر بىلەن تەمىنلىدى، شۇڭا ئۇ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ دەرسلىكى دەپ نام ئالغان. ئەدەبىيات جەھەتتە كېيىنكى ئەۋلادلارنى مول خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭگونىڭ رېئالىزملىق ئىجادىيىتىگە داغدام يول ئېچىپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى