UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرىشۈ جىمو

شۈ جىمو

جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى «ھىلال ئاي جەمئىيىتى» 20 - يىللاردىكى جۇڭگودا قۇرۇلغان بىر ئەدەبىيات تەشكىلاتى، ئۇ شېئىردا مۇكەممەل گۈزەل شەكىل ۋە مۇكەممەل روھ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، يېڭى شېئىرلارنىڭ ۋەزىنلىشىشىنى، قېلىپسىز، قالايمىقان بولماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۈ جىمو(1896 −1931 - يىللار) «ھىلال ئاي جەمئىيىتى» گە ۋەكىللىك قىلغان شائىر. شۈ جىمونىڭ شېئىرلىرى يېنىك، رىتىملىق، رەڭدار، گۈزەل، ماھارەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ بىرقەدەر مۇكەممەل بەدىئىي شەكىل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېڭىرقاش، ئىچى پۇشۇش كەيپىياتىنى، شۇنىڭدەك خۇددى تۈتۈندەك سۇس قايغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق شېئىرلار توپلىمىدىن «جىمو شېئىرلىرى»، «فېيلېڭسۈدىكى بىر كېچە»، «قەھرلىك يولۋاس» توپلىمى قاتارلىقلار بار. شۈ جىمونىڭ شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنى بىر قەدەر مۇرەككەپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرى رېئال جەمئىيەتكە بىرقەدەر يېقىنلاشقان. مەسىلەن، «قوماندان» دا، مىلىتارىستلارنىڭ يارىدار ئەسكەرلەرنى تىرىك كۆمگەنلىكى ئەيىبلىنىدۇ؛ «ئادەمنىڭ ھايۋانغا ئايلىنىشى» دا، مىلىتارىستلار ئۇرۇشى تۈپەيلى ھەممىلا يەر جەسەت ۋە قان بىلەن تولۇپ كەتكەن مەنزىرە « ئىشىنەمسىز، ئېتىزدىكى پۇرچاق مايسىلىرى قان بىلەن سۇغىرىلغان!» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ؛ «قاردىكى مېيخۇا گۈلى باھارغا ئىنتىزار، 18 - مارت» پاجىئەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە، «تىنچلىق مەنزىرىسى، بىرنەچچە پارچە مايلىق قەغەز يېپىپ قوي، ئەپەندىم ئەپەندى» دە تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ بەختسىزلىكىگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈلىدۇ. شۈ جىمونىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنى بىرقەدەر چۈشكۈن، مۇقامى تۆۋەن، ھەتتا بەزى ئەكسىيەتچى مەزمۇندىكى شېئىرلىرىمۇ بار. مەسىلەن، «بىلمىدىم، قايسى تەرەپتىن چىقتىكىن شامال» دېگەن شېئىرىدا ئۆزىنىڭ كىچىككىنە قايغۇلۇق كەيپىياتىنى قايتا - قايتا سۆزلەيدۇ. «خەير - خوش، كامبىرىج» قا ئوخشاش لىرىك شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن ھېسسىياتى گەرچە بىرقەدەر سەمىمىي بولسىمۇ، لېكىن دەۋر روھى كەم: «ئاستا كەلگىنىمدەك كېلەر چېغىمدا، جىمجىتقىنا كەتتىم مەن يۈرۈپ. پۇلاڭلىتىپ قولۇمنى يېنىك غەربتىكى بۇلۇتلار بىلەن، خەيرلەشتىم شۇ دەم خوشلىشىپ.» شۈ جىمو يەنىلا20 - ئەسىردىكى داڭلىق نەسر يازغۇچى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى نەپىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزى بىر بايراق.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى