UyghurWiki›جۇڭگو قەدىمقى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى›چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تۆت چوڭ ئەيىبلەش ھېكايىلىرى
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تۆت چوڭ ئەيىبلەش ھېكايىلىرى
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ۋۇشۈنىڭ قانۇن ئىسلاھاتى باستۇرۇلۇپ، يىخېتۇەن ھەرىكىتى سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ كۈچى ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كەتتى، مىللىي كرىزىس تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، خەلق چىرىك، ئىقتىدارسىز چىڭ خانىدانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەندى. پەقەت ئىسلاھات روھىغا ئىگە يازغۇچىلارلا ھېكايە ئارقىلىق ھۆكۈمەت ۋە ۋەزىيەتنى سۆكتى، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كىشىلەر بۇ دەۋردە چىققان ھېكايىلەرنى ئەيىبلەش ھېكايىلىرى دەپ ئاتاشتى. «ئەمەل سورۇنىنىڭ ھازىرقى ھالىتى، 20 يىل كۆرگەنلىرىمگە قاراپ ھازىرقى ئەھۋالدىن ئاغرىنىمەن، لاۋ سەننىڭ ساياھەت خاتىرىسى، دېڭىز بۇژغۇنى» بۇخىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇۋەپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، كېيىنكىلەر ئۇلارنى «چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تۆت چوڭ ئەيىبلەش ھېكايىسى» دەپ ئاتاشتى.
«ئەمەل سورۇنىنىڭ ھازىرقى ھالىتى» نىڭ ئاپتورى لى بەييۈەن (1867 −1907 - يىللىرى)، كىتاب60 باب، نۇرغۇن مۇستەقىل ھېكايىلەر ئۇلىنىپ پۈتۈپ چىققان. كىتابتا بىر توپ چوڭ - كىچىك فېئودال بيۇروكراتلار تەسۋىرلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ خىيانەتكارلىقى، كالۋالىقى، چەت ئەلگە خۇشامەت قىلىپ، ۋەتەننى ساتقانلىقى ئىنچىكە تەسۋىرلىنىپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى بيۇروكراتلارنىڭ رەزىل قىياپىتى سىزىپ بېرىلگەن، بۇ ئارقىلىق چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئەمەلدارلار سورۇنىنىڭ چىرىكلىكى ئېچىپ بېرىلىپ ۋە مەسخىرە قىلىنىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپى بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، چىڭ خانىدانلىقىنىڭ جاھانگىرلىككە تىز پۈكۈپ تەسلىم بولغانلىقى گەۋدىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
«20 يىل كۆرگەنلىرىمگە قاراپ ھازىرقى ئەھۋالدىن ئاغرىنىمەن» نىڭ ئاپتورى ۋۇ جيەن (1866 −1910 - يىللىرى)، كىتاب108 باب. روماندا بىرىنچى شەخس تىلىدا بايان قىلىش شەكلى قوللىنىلىپ، باش قەھرىماننىڭ «مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلگەن» سەرگۈزەشتىسى ۋە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى ھەممىلا يەرگە يامرىغان خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، خۇسۇسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن ساختىپەزلىك قىلىش؛ سودا سورۇنىدا ئەمەلدارلارنىڭ سودىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بىر - بىرىگە ئورا كولىشى؛ چەت ئەللىكلەر كۆپ جايلاشقان جايلاردا پاھىشىۋازلىق، قىمارۋازلىق، ئالدامچىلىق ھەددىدىن ئېشىپ، ھەممىدىن بىخۇد ياشاش قاتارلىق نۇرغۇن غەلىتە ئىشلار خاتىرىلىنىپ، بۇ200 نەچچە كىچىك ھېكايىدە جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىنكى20 يىل ئارىلىقىدىكى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ خىلمۇخىل يىرگىنىچلىك ھادىسىلىرى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.
«لاۋسەننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» نىڭ ئاپتورى ليۇئې (1857 −1909 - يىللار)، كىتاب20 باب. روماندا جاھانكەزدى تېۋىپ لاۋ سەننىڭ ھەممە يەرنى كېزىپ تېۋىپلىق قىلىش جەريانىدا كۆرگەن، ئاڭلىغان، ئەتكەنلىرى تەسۋىرلىنىپ، ئەينى چاغدىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ زوراۋان ھاماقەتلىكى ئېچىۋېتىلگەن ھەم «پاك ئەمەلدار»، «قابىل ئەمەلدار» دەپ ئاتالغانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە كالۋا، رەھىمسىز ئەمەلدارلار ئىكەنلىكىنى، خەلقنى خارلىغانلىقىنى سۆكۈپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى زۇلمەتلىك ئىجتىمائىي رېئاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. لېكىن، ئاپتور چىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئۈمىد كۈتكەنلىكتىن، بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە يىخېتۇەن ھەرىكىتىگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولغان. رومان بەدىئىيلىك جەھەتتە مۇئەييەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، تىلى پىششىق، توغرا، ئوبرازلىرى يارقىن، جانلىق، ئوخشاش خىلدىكى رومانلار ئىچىدە بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ يۇقىرى تۇرىدۇ.
«دېڭىز بۇژغۇنى» نىڭ ئاپتورى زېڭ پياۋ (1872 −1935 - يىللار)، كىتاب30 باب، قوشۇمچىسى بەش باب. ئەسەردە ئەلىيۇلئەلا جىن ۋېنچىڭ بىلەن داڭلىق پاھىشە بو سەييۈن (سەي جىنخۇا)نىڭ ۋەقەلىكىگە بيۇروكراتلار، ئەدىبلەرنىڭ رەسۋاچىلىقلىرى قىستۇرۇلۇپ، تۇڭجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن جياۋۇ ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغانغا قەدەر بولغان تەخمىنەن30 يىل ئارىلىقىدىكى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىيە، مەدەنىيەت، ئىدىيە ئەھۋالى يان تەرەپتىن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى زۇلمەتلىك سىياسىي بىرقەدەر كۈچلۈك پاش قىلىنغان. روماندا يەنە ھېسداشلىق قىلىش پوزىتسىيىسى بىلەن يېڭىلىق ياراتقۇچىلار ۋە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ پائالىيىتى مەدھىيىلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ كومپوزىتسىيىسى پۇختا، تىلى گۈزەل، لېكىن، مەخپىي ئىشلار ۋە ئىشق - مۇھەببەت ئىشلىرى بەك كۆپ يېزىلىپ كەتكەن بولۇپ، تېتىقسىز، چاكىنا قىزىقىش ئىپادىلەنگەن.