گۇڭ زىجىن
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
گۇڭ زىجىن (1792 −1841 - يىللار) ئۆز دەۋرىدىكى چوڭقۇر بىلىملىك مەنسەپدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق ئالىم دۇەن يۈسەينىڭ نەۋرىسى، كىچىكىدىن بوۋىسىنىڭ تەربىيىسى ۋە يول كۆرسىتىشى بىلەن ئوبدان بىلىم ئاساسى سالغان. ئۇ خانلىقنىڭ چىرىكلىكىنى، ۋەزىيەتنىڭ جاپالىقلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىسلاھات يۈرگۈزۈشنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىپ، ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىش، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ تەكلىپىگە چىڭ ھۆكۈمىتى ئەھمىيەت بەرمىگەن، ئۆمۈر بويى ئەمەلىي ھوقۇقى يوق مەنسەپلەرنى ئۆتىگەن. كېيىن دادىسىنىڭ نامىغا تايىنىپ مەنسىپىدىن ئىستېپا بېرىپ، خاڭجۇ، دەنياڭلاردا دەرس ئۆتكەن، ئىككى يىلدىن كېيىن، جياڭسۇنىڭ دەنياڭدىكى بىلىم يۇرتىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
گۇڭ زىجىن ناھايىتى بىلىملىك ۋە كۆپ تەرەپلىمە قابىلىيەتلىك كىشى. ئۇ كۇڭزىچى كلاسسىكشۇناسلىققا، يېزىقشۇناسلىققا ۋە تارىخ - جۇغراپىيە ئىلمىگە پىششىق ئىدى ھەم مەشھۇر ماتېماتىك ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى مول ئىجتىمائىي مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ ئىلغار ئىدىيىسى ئارقىلىق چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتتىكى چىرىكلىك، ۋەزىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، »بۈگۈنكى ئەدەبىيات گۇرۇھى«نىڭ مۇھىم كىشىلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ بىر قىسمى چىرىك ئىجتىمائىي رېئاللىققا بىۋاسىتە قارىتىلغان، ئىنتايىن كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە. مەسىلەن، «تارىخقا مەدھىيە، خۇپتەن ۋاقتىدا يېزىلغان پارچىلار» قاتارلىقلار. تېخىمۇ كۆپ قىسمى مۇرەككەپ ھېسسىيات سىڭدۈرۈلگەن شېئىرلار، شائىر «قانۇننى يېڭىلاش، خەرىتىنى ئۆزگەرتىش» كۈچلۈك ئارزۇسىنى يالقۇنلۇق مىسرالىرىغا سىڭدۈرگەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. گۇڭ زىجىننىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەپەككۇرى ئاجايىپ غەلىتە ۋە چىرايلىق، جانلىق، ئۇلاردا كۈچلۈك غايىۋى ئوبرازلار بار. «تۆكۈلسە غازاڭنى بىرەھىم دېمەڭ، تۇپراققا ئايلىنىپ ئاچىدۇ باھاردا چېچەك» دېگەن مىسرالىرى كىشىلەر ئەڭ ماختايدىغان مىسىرالاردۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ شەكلى كۆپ خىل، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، قەدىمىي شەكىلدىكى شېئىرلار بولسۇن، يېقىنقى زامان شەكلىدىكى شېئىرلار بولسۇن، ھەممىسىگىلا ناھايىتى پىششىق، ئۇستا. گۇڭ زىجىننىڭ ئىدىيىسى ۋە شېئىرلىرى يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.